رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Loading...
ئىككى ھەرەمدە رامىزان

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! ئالدى بىلەن روزىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى ئىمان ئېيتىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئەجر ئۈمىت قىلىپ روزا تۇتقان كىشىنىڭ ساۋابى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەيلى.

 ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  {روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى}. (سۈرە ئەھزاب 35- ئايەت).
   {(ئۇلارغا) «ئۆتكەنكى كۈنلەردە (يەنى دۇنيادىكى چاغلاردا) ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇشال - خۇرام يەڭلار، ئىچىڭلار» دېيىلىدۇ}. (سۈرە ھاققە 24- ئايەت).

 ۋەكى قاتارلىق مۇپەسسىرلەر بۇ ئايەت كەرىمنىڭ تەپسىرىدە "ئۆتكەنكى كۈنلەر" دىن روزا تۇتقان كۈنلەر مەقسەت قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ كۈنلەردە ئاللاھ تائالانىڭ رىزاسى ئۈچۈن روزا تۇتۇپ يېمەك - ئىچمەكنى تەرك ئەتكەن دەپ قارىغان.

ئىسلام ئەللىرىدە رامىزان

مالايسىيادا رامىزان-----مالايىياغا ئىسلام دىنى جەنۇبى شەرقى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تىجارەتچىلەر ۋە دەۋەتچىلەر ئارقىلىق كىرگىنىگە ئوخشاش كىرگەن بولۇپ، كېيىن پۈتۈن مالايسىيا زېمىنلىرىگە كەڭ تارقالغان. ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى – مەرھەمىتى بىلەن مالايسىيادا نۇرغۇن جامە – مەسجىدلەر بىنا قىلىنغان، جۈملىدىن مالايسىيا پايتەختى كۇئالا لومپوردا 15 مىڭ كىشى بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئوقۇيالايدىغان چوڭ بىر جامە بار. 

روزا تۇتقۇچى ئۈچۈن دىنىي ۋە تېبابەتتىن 20 نەسىھەت

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار رامىزان ئېيىدىن ئىبارەت رەھمەت، مەغپىرەت ئېيى سىلەرگە يېتىپ كەلدى. رامىزان ئېيىدىن سۆز ئاچىدىغان بولساق، بۇ ئاي 11 ئاينىڭ سۇلتانى دەپ ئاتالغان، قۇرئان كەرىم چۈشۈشكە باشلىغان ۋە كۆپلىگەن ياخشىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئۇلۇغ ئايدۇر. بۇ ئايدا ئىبادەتلەرنى جايىدا تولۇق ئورۇنلاپ، تولۇق ساۋابنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندە تەن ساقلىقىنى ساقلاشقا مۇناسىۋەتلىك بەزى تەۋسىيەلەرنى بېرىمىز. 

رامىزان ئېيى تېخىمۇ ھىممەت قىلىش ئېيىدۇر

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى باشلايمەن ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تەئالاغا ھەمدۇ سانا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن. ھەرقاداق بىر كىشى رامىزان ئېيىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولسا، رامزاننىڭ ئىنسانلار قەلبىگە تەسىر قىلىدىغان سىھرىي كۈچىدىن ئەجەپلىدۇ. چۈكى رامزاندا ئىنسانلارنىڭ ناھايىتى ھىممەتلىك، تائەتكار، ۋاقىتلىرىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەل ۋە ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزىۋاتقانلىقى ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدۇ. 

روزىنىڭ ئەخلاقنى يېتىشتۈرۈشتىكى رولى(1)

ئاللاھ تائالا ئىبادەتلەرنى پەقەت ئىنسانلارلارنىڭ نەپسىنى پاكلاش، روھىنى يۈكسەلتىش ئۈچۈن بۇيرىغان بولۇپ، ئىبادەت بىلەن ئەخلاق يېتىلىدۇ. چۈنكى ئىنسان ئىبادەتلەرنى كۆرسىتىلگەن بويىچە، تولۇق ۋە تەلەبكە لايىق ئورۇندىغىنىدا ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى پارلاپ نۇرلىنىدۇ، پەزىلەت ۋە ئەخلاقتىن بولغان نېسىۋىسى كۆپىيىدۇ. مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىنى ياخشىلىققا ئۆزگەرتىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ ئىچىدە روزىنىڭ تەسىرى كۈچلۈكتۇر.

روزىنىڭ ئەخلاقنى يېتىشتۈرۈشتىكى رولى(2)

روزا تۇتۇش دېگەن زادى نېمە؟ روزا تۇتۇشتىن مەقسەت نېمە؟ روزىنىڭ تەسىرى نېمە؟ روزا تۇتۇش دېگەن تاڭ يورۇغاندىن كۈن پاتقىچە يېيىش، ئىچىش ۋە جىنسىي ئىستەكنى توختىش بىلەنلا بولامدۇ؟ ئەگەر روزا تۇتۇش دېگەن شۇنداقلا بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭ نەپسنى پاكلاش، روھنى يۈكسەلتىش ۋە تەقۋالىق ھاسىل قىلىشتا قانچىلىك رولى بولسۇن؟ مۇنداق شەكىلدە روزا تۇتقان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ ھەدىس قۇدسىيدىكى« ئادەم بالىسىنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ئۆزى ئۈچۈندۇر، ھەر بىر ياخشى ئەمەلىگە ئون ھەسسىدىن ساۋاب بېرىمەن.

روزىنىڭ ئەخلاقنى يېتىشتۈرۈشتىكى رولى(3)

روزىنىڭ روزا تۇتقۇچىدا گۈزەل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرىشىدە شەك يوق. بۇنىڭ شەرتى روزىنى بىردىنبىر روھىي تەربىيە ئېلىش پۇرسىتى دېگەن ئېتىقاد بىلەن، شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۇتۇشتۇر. رامىزان ئېيى باشتىن ئاخىر رەھمەت ئېيىدۇر. رەھىم –شەپقەت قىلىشنى ئۆگىنىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىغا ئاتا قىلىۋاتقان سانسىز رەھىم-شەپقەتلىرنى تونۇش ئېيىدۇر. رامىزان باي- گاداي، رەئىس-پۇقرا ھەممىسى ئاچلىقنىڭ، ئۇسسۇزلىقنىڭ دەردىنى چېكىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر ۋاقىتتا بۇلار ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلىق دەردىنى چېكىشتە باراۋەر بولالمايدۇ. چۈنكى بايلارنىڭ كۈندىلىك يەمەك-ئىچمەكلىر ۋاقتى-سائىتىدە تەييارلانغان بولىدۇ.

unknown.jpg

تاڭ يۇرۇغاندىن باشلاپ، كۈن ئولتۇرغىچىلىك يېمەك – ئىچمەكنى ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتنى تەرك ئېتىپ ئاندىن خالىغان ئىشلارنى قىلىۋەرسە روزا تۇتقانلىق بولامدۇ؟ئەگەر بۇ روزا ھېسابلىنىدىغان بولسا، ئىنسانلارغا ناھايىتى ئاسان روزا بولغان بولاتتى ۋە ئۇلار ئاللاھ تائالا: "ئادەم بالىسىنىڭ روزىدىن باشقا بارلىق ئەمەللىرى ئۇنىڭ ئۈچۈندۇر، بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە ساۋاپ بېرىلىدۇ لېكىن ئۇنىڭ روزىسى مەن ئۈچۈن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇكاپىتىنى مەن ئۆزەم بېرىمەن" دېگەن سۆزى ئارقىلىق ۋەدە قىلغان بۇ كاتتا ئەجىر - ساۋاپقا سازاۋەر بولمىغان بولاتتى، ئەلۋەتتە! [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

سەئۇدى ئەرەبىستاندا رامىزان

مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىن ئالاھىدە ئورۇن ئالغان ئىككى ھەرەم سەئۇدى ئەرەبىستاندا بولغانلىقى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى رامىزاننىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى باشقا ئەللەردە تېپىلمايدىغان خاس روھىي ھاۋاسى بار.سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى خەلقلەر رامىزان ئېيىنى ۋە ئۇنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىسپاتلاش قاتارلىق ئىشلاردا سەئۇدى ئەرەبىستان تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى تارقاتقان خەۋەرگە تايىنىدۇ. تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىمۇ بۇ خەۋەرنى شەرىئەت ئورگانلىرىدىن ۋە ئاينى كۆزىتىشكە تەكلىپ قىلىنغان ئاسترونومىيە ھەيئەتلىرىدىن ئېلىپ تارقىتىدۇ. ئىسلام دۇنياسىدىكى بىر قانچە دۆلەتلەرمۇ بۇ ھەقتە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئەگىشىدۇ.

رامزاننى ساغلام قەلىب بىلەن كۆتۈۋېلىش

ساغلام قەلىب، باشتا ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈشتىن باشلاپ، شەك- شۈبھە ۋە ھەسەد، ئىچى يامانلىق كىبىر، بېخىللىق ۋە دۇنياپەرەسلىك قاتارلىق ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبە ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە چەكلەنگەن ياكى يامان كۆرسىتىلگەن خىسلەتلەردىن ساغلام ۋە خالى بولغان قەلىبدۇر.ساغلام قەلىب ئىگىسى پۈتۈن ئىبادەتلىرىنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلغان، ئۈستىدىكى ئاللاھنىڭ ھەقلىرىنى تۇنۇپ تۇلۇق ئادا قىلغان كىشىدۇر.ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:( ئۇ كۈنى ھېچ كىشىگە مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا پاك قەلىب بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزۈلىدۇ) ([1])