رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈممىتى ئۈستىدىكى ھەقلىرى
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ چاقىرىقى ئىنسانلارنى ئەركىنلىككە
ئېرىشتۈرۈش ۋە ئىنساننىڭ ئىنسانغا قۇل بولۇشىنى تۈپتىن يوقىتىشقا چاقىرىش
ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامدا ئىنسانىي ئەركىنلىكنى ئاساس قىلىپ، ئۇنى
ياراتقۇچىنىڭ ئىنساننى ھۆرمەتلىشىنىڭ دەلىلى قىلدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان غەيبىي
خەۋەرلىرىنىڭ جۈملىسىدىن ئۇنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ كېڭىيىپ، بارلىق دىنلەر
ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىن بەرگەن خەۋەرلىرىدۇر.
ۋاھالەنكى بۇ گومان ياكى تەخمىنگە تايانغىلى بولمايدىغان خەۋەرلەر ئىدى. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردە بۇنىڭ ئۆرنەكلىرى ناھايىتى كۆپ.
پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ئالدىن بىشارەت بېرىپ، كېيىن ئۇ زات خەۋەر بەرگەندەك
روياپقا چىققان بىشارەتلەرنىڭ جۈملىسىدىن ئۇ زاتنىڭ يەمەن، شام، ئىراق
قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پەتھى قىلىنىدىغانلىقى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ
دۆلەتلەردە يەرلىشىپ قالىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىن بەرگەن بىشارىتىدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "يەمەن پەتھى قىلىنىدۇ، يەمەندە
يەرلىشىپ قېلىشنى ياخشى دەپ سانىغان جامائەتلەر كېلىپ، ئەھلىنى ۋە ئۇلارغا
"كىمكى ئۆيىدە تاھارەت ئېلىپ، ئاندىن ئاللاھنىڭ پەرىزلىرىدىن بىر پەرزنى
ئادا قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۆيى (مەسجىد) كە مېڭىپ كېلىدىكەن، ئۇنىڭ بىر
قەدىمى خاتالىقنى ئۆچۈرىدۇ، يەنە بىر قەدىمى دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ". مۇسلىم
رىۋايىتى.
"قاراڭغۇدا مەسجىدلەرگە مېڭىپ بارغۇچىلارغا قىيامەت كۈنى تۇلۇق نۇر بىلەن خۇشخەۋەر بېرىڭلار".
كەرىمنىڭ رىملار بىلەن ئىرانلىقلار ھەققىدە نازىل بولغان بىر قانچە
ئايەتلىرى بەزى مۇشرىكلەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا سەۋەب بولغانىدى. قەدىمكى
رىملىقلار بىلەن ئىرانلىقلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتا ئوتقا
چوقۇنىدىغان ئىرانلىقلار كىتاپ ئەھلى بولغان رىملىقلار ئۈستىدىن غەلىبە
قىلغانىدى. كىتاپ ئەھلى بولغان رىملىقلارنىڭ مەغلۇپ بولۇپ، ئوتقا
چوقۇنىدىغان ئىرانلىقلارنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىدىن بۇتقا چوقۇنىدىغان مەككە
مۇشرىكلىرى خۇشال بولغان، مۇسۇلمانلار قاتتىق قايغۇرغان.


















