رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

گۈزەل ئەخلاقلىرى

m017.jpg

پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەخلاقى قۇرئان كەرىم ئىدى. ئۇ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشتا، ئىبادەتلەرنى ئورۇنلاشتا، ئاللاھ مەنئى قىلغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشتا، بارچە ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئىنسانلارنىڭ ئالدىنقىسى ئىدى. ئۇ گۈزەل ئەخلاق جەھەتتىمۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسىگە ئايلانغان ئىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىدىكى بارلىق ئىش - ئىزلىرىدا ئىپادىلەنگەن بولۇپ، تۆۋەندىكى ماۋزۇلاردا تېخىمۇ روشەن كۆرگىلى بولىدۇ:

(1) ئاللاھقا قارىتا ئەخلاقى

(2) ئىنسانىيەتكە قارىتا ئەخلاقى

m016.jpg

مەككە ئازات بولغان كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناھايىتى مەشغۇل ئىدى، ئۇنىڭغا سالام بەرگىلى كەلگەنلەنلەر، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى يامانلىقلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغىلى كەلگەنلەر، يېڭىدىن ئىمان ئېيتىپ كەلگەنلەر، ئۇنى ئۇزۇن زامان كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەھۋاللاشقىلى كەلگەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ھۇزۇرىغا قوبۇل قىلىپ ئولتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بەكمۇ ياشىنىپ قالغان بىر ئايالنى كۆرۈپ قېلىپ، كەلگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ شۇ ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ، جاپىنىنى يەرگە سېلىپ ئۇنى چاپاننىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتكە كىرىشىپ كېتىدۇ.

m042.jpg

ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ.  ﺑﯩﺮ ﺗﯚﮔﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﺘﺘﯩﻚ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﯩﻼ ﭼﯚﻛﺘﻰ. ﺋﯘ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻳﻨﯩﻨﻰ ﺋﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺳﻮﺯﺩﻯ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻼﺭ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﯚﮔﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﮕﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﻰ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ : - « ﺑﯘ  ﺗﯚﮔﯩﻨﯩﯔ  ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯨﯖﻼﺭﻣﯘ؟ » ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺳﮬﺎﺑﯩﻼﺭ:- ئاللاھ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﻯ  ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ،  ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﻰ.

m041.jpg

ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﺋﺎﺩﻩﻡ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ -ﻰ اللە ﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﻯ! ﺑﯩﺰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﯩﻤﯘ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻤﯩﺰ،  ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡﺑﻪﺭﮔﯩﻦ،  ﺩﯦﺪﻯ.  ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ: ;- « ﺋﯚﻳﯩﯖﺪﻩ ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﻪﯓ ﻳﻮﻗﻤﯘ؟ » ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺋ ﺋﺎﺩﻩﻡ : -ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﭙﯩﻨﭽﯩﻤﯩﺰﺑﺎﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻣﯩﺰﮔﻪ ﻳﯧﭙﯩﻨﯩﻤﯩﺰ،  ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ  ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯚﻣﯜﭼﯩﻤﯩﺰ  ﺑﺎﺭ،  ﺩﯦﺪﻯ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ : 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاق ۋە خوسۇسىيەتلىرىنىڭ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلغانلىقى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىنىڭ جۈملىسىدىن ئۇنىڭ
ئەڭ ئېسىل ئەخلاق، ئەڭ گۈزەل سۈپەتلەرگە ساھىب بولغانلىقىدۇر. بۇ
كامالەتلەر ئاللاھنىڭ ئاتاسى بولۇپ، ئەقىل ئىگىلىرىنى ئۇنىڭ
پەيغەمبەرلىكىگ قانائەتلەندۈرىدىغان دەلىللەردىن ھېسابلىنىدۇ. يالغاندىن
پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلغان ئالدامچىلاردا بۇنداق ئەخلاقلارنىڭ بولۇشى
مۇمكىن ئەمەس.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇلايىملىقى
ئۇنىڭ ئېسىل ئەخلاقىنىڭ جۈملىسىدىن يولسىزلىق ۋە زۇلۇم قىلغان كىشىلەرنى
كەچۈرۈم قىلغانلىقىدۇر. "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز نەپسى ئۈچۈن ئىنتىقام
ئالمايتتى، پەقەت ئاللاھنىڭ ھۆرمىتى دەپسەندە قىلىنسا، ئاللاھ ئۈچۈن
ئىنتىقام ئالاتتى". (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى). ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەشنام،
ھاقارەت ۋە لەنەت قىلىدىغان شەخس ئەمەس ئىدى، دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زاھىدلىقى
ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىنىڭ جۈملىسىدىن ئاللاھ تائالانىڭ ئاخىرەتتىكى
مۇكاپىتىنى ئۈمىد قىلىپ، ھەقىقى زاھىد بولۇپ، ئىبادەتكە بېرىلگەنلىكىدۇر.
ئەگەر ئۇ يالغان پەيغەمبەر بولغان بولسا ئەلۋەتتە پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ،
دۇنيا توپلىغان بولاتتى. دېمەك، ئۇنىڭ دۇنيالىقتىن ئاخىرەتلىكنى ئەۋزەل
بىلىپ، ، ئىبادەتكە بېرىلگەنلىكى ئۇنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەمتەرلىكى

بەزىلەر: كۆپلىگەن كىشىلەر خەلق ئىچىدىكى مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش
مەقسىتىدە يوقسىزلىققا چىداپ تۇرۇپ زاھىدلىق ھاياتنى تاللايدۇ ياكى خەلقنىڭ
زاھىدلارغا بولغان ھۆرمىتىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭمۇ زاھىدلاردەك شۆھرەتكە
ئېرىشكىسى كېلىپ، يالغاندىن زاھىدلىق قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ، دېيىشى
مۇمكىن. بۇنىڭ ھەممىسى توغرا، ئۇنداق قىلغانلار قەلبىنى كىبرىلىك ئېگەللىۋالغان ھاكاۋۇرلاردۇر. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولسا زاھىدلىق بىلەن كەمتەرلىكنى
مۇجەسسەملىگەن زاتتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ (1)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىسلام تەلىماتلىرىنى توغرا چۈشىنىپ، ئەمەل قىلىدىغان ھەقىقىي مۆمىن بىر جامائەت يېتىشتۈرگەن ئىدى. بۇ جامائەتنىڭ كۆپ سانلىقىنى ياشلار تەشكىل قىلاتتى. ئادەتتە ياشلار چوڭلارنىڭ ئەكسىچە يېڭىلىقلارغا ئىنتىلىدۇ، يېڭىلىقلاردىن تەسىرلىنىدۇ، يېڭىلىقلارنى تىز قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنى قاتتىق مۇداپىئە قىلىدۇ.

 پەيغەمغەر ئەلەيھىسسالام ياشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ (2)

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك دوستلار! بۇ تىمىنىڭ بىرىنجى بۆلۈمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنغان ۋە سىز ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۈگۈن سىلەرگە ئىككىنچى بۆلۈمىنى سۇنىمەن.1-ياشلارى قەدىرلەش: