رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئالىرى

Dualar

تۆۋەندىكى دۇئالار پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۈندىلىك تۇرمۇشى جەريانىدا، ھەرخىل جايلار ۋە چاغلاردا ئوقۇشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان ۋە ساھابەلىرىگە شۇنداق تەلىم بەرگەنلىرى بولۇپ، ئەڭ ئىشەنچىلىك ھەدىس كىتابلىرىدىن  تاللاپ ئېلىندى.ئۇيقۇدى ئويغانغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئالار1. اَلْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَحْيَانَا بَعْدَ مَا أَمَاتَنَا وَإِلَيْهِ النُّشُورُ.

Dualar

ھەدىسلەردىن تاللانغان ئومۇمىي دۇئالار1.اَللّهمَّ إِنِّي ظَلَمْتُ نَفْسِي ظُلْماً كَثِيْراً، وَلاَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلاَّ أنْتَ، فَاغْفِرْ لِي مَغْفِرةً مِنْ عِنْدِكَ، وَارْحَمْنِي إِنَّكَ أَنْتَ الْغَفُورُ الرَّحِيْمُ.تەرىمىسى: «ئى ئاللاھ! مەن ئۆزۈمگە كۆپ زۇلۇم قىلدىم، گۇناھلارنى پەقەت سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن، مەرھەمەت قىلىپ ماڭا كەڭ مەغپىرەت ۋە رەھىم قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە شەپقەت قىلغۇچىسەن»([1]).

Dualar

«ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن»([1]). پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ. سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن. پەرۋەردىگارىمىز! سەن كىمنىكى دوزاخقا كىرگۈزىدىكەنسەن، ئۇنى ئەلۋەتتە خار قىلغان بولىسەن. زالىملارغا ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ. پەرۋەردىگاىرىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ)، رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار، دەپ ئىمانغا چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، ئىمان ئېيتتۇق، پەرۋەردىگارىمىز!

Dualar

«پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ قەلبىمنى كەڭ قىلغىن، (يەنى ئىمان بىلەن ۋە پەيغەمبەرلىك بىلەن نۇرلاندۇرغىن) تىلىمدىن كېكەچلىكنى كۆتۈرىۋەتكىن. ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى چۈشەنسۇن»([1]).

«پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلدىم. ماڭا مەغپىرەت قىلغىن»([2]).

ئەسھابۇلكەھفنىڭ دۇئاسى

«پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە رەھمەت خەزىنىلىرىڭدىن ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى تۈزەپ، بىزنى ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن قىلغىن»([3]).

ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى

«(پەرۋەردىگارىم!)بېشىمغا دەرت كەلدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن»([4]).

Dualar

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

«جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر. قىيامەت كۈنىنىڭ ئېگىسىدۇر. رەببىمىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمز ۋە سەندىنلا ياردەم سورايمىز. بىزنى  توغرا يولغا باشلىغىن. غەزىبىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن» ئامىين.

ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى

«پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، بىزنى كەچۈرمىسەڭ بىز ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز»([1]).

Dualar

دۇرۇد ــ پارسچە سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسلام ئىستىلاھىدىكى مەنىسى: ئاللاھ تائالادىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەنىنى ئۈستۈن، دەرىجىسىنى يۇقىرى ۋە نام ـ نىشانىسىنى مەڭگۈ قىلىشىنى تىلەش دېگەنلىكتۇر.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەپ بۇيرۇيدۇ:  «ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار»([1]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ماڭا  بىر قېتىم دۇرۇد ئېيتقان كىشىگە ئاللاھ تائالا ئون ھەسسە ساۋاب ئاتا قىلىدۇ»([2]).

Dualar

تەۋبىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن بەزى شەرتلەر بار. ئىنسانلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان گۇناھ ۋە قىلمىشلار يا ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن بولىدۇ، ياكى مەخلۇقاتلارنىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ «قىل» ۋە «قىلما» دېگەن ئەمر- پەرمانلىرىنى ئورۇنلاش ئۇنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەقلىرىدىندۇر. بۇلارنى بەجا كەلتۈرۈش ئىنسانلارنىڭ بۇرچىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى گۈزەل سۈرەتتە يارىتىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىنىڭ خوجايىنى قىلدى، ئۇلارنى ئەڭ ھۆرمەتلىك قىلدى، ئۇلارغا تۈرلۈك سان- ساناقسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلدى، باشقا مەخلۇقاتلارنى ئۇلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يارىتىپ بەردى.

Dualar

ئىستىغفار ــ ئاللاھ تائالادىن گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم  قىلىشىنى سوراش دېگەنلىك.

تەۋبە – سادىر قىلىنغان گۇناھلارغا پۇشايمان قىلىپ، قايتا گۇناھ قىلماسلىققا بەل باغلاپ، توغرىلىققا قايتىش دېمەكتۇر.

قۇرئان كەرىم بىزگە تەلىم بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ»([1]).

Dualar

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:  «كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدۇ سانا ئېيتقىن»([1]). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى كۈندە يۈز قېتىم  «ئاللاھ تائالا بارچە نۇقسانلاردىن ئەلۋەتتە پاكتۇر، ھەمدۇ سانا ئۇنىڭغا خاستۇر» دەيدىكەن، ئۇنىڭ دېڭىزنىڭ كۆپۈكىدەك كۆپ گۇناھلىرى بولسىمۇ بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»([2]).

Dualar

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «مېنى تائەت - ئىبادەتلەر ۋە زىكىر- تەسبىھلەر بىلەن ياد ئېتىڭلار، (مېنى ياد ئەتسەڭلار) مەنمۇ سىلەرنى (ئەمەلىڭلارغا ساۋاب بېرىش ۋە گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش بىلەن) ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ناشۈكۈرلۈك قىلماڭلار»([1]) دەپ كۆرسەتكەن.