رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئالىرى

Dualar

ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىجابەت بولغانلىقى ساماۋىي كىتابلار ۋە تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنغان دۇئالار ئىنتايىن كۆپ. تۆۋەندە بىر قانچە مىسال بېرىمىز: 1. ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغان. «ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇۋېتىپ ‹پەرۋەردىگارىمز! بىزنىڭ (خىزمىتىمىزنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمىزنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمىزنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن. پەرۋەردىگارىمىز!

Dualar

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر، قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلەرمۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ تەرىپىدۇر»([1]). ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى ئورۇنلاش ئۈچۈن مەخسۇس جاي ۋە ماكان  شەرت قىلىنمىغاندەك، دۇئا ئۈچۈنمۇ مەخسۇس  جاي ۋە ماكان شەرت ئەمەس. بەلكى قانداقلا جايدا بولمىسۇن ئاللاھ تائالاغا قىلىنغان ئىبادەتلەر ۋە دۇئالار ئۇنىڭغا چوقۇم يېتىدۇ. ئاللاھ تائالاغا يېقىن بولۇش جاي ۋە ماكان بىلەن ئەمەس، بەلكى قەلب بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

Dualar

ھەر قانداق ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئالار ئاللاھ تائالاغا چوقۇم يېتىدۇ. ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ. دۇئا قىلىش مەنئى قىلىنغان بېرەرمۇ ۋاقىت يوقتۇر. بىراق دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىن ۋاقىتلار دېيىلگەن بەزى ئەۋزەل ۋاقىتلار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1. سەجدىگە بارغان ۋاقىت. ئاللاھ تائالا سەجدىنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىش ۋە تىلەكلەرنى ئاللاھتىن سوراپ قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھقا سەجدە قىلغىن ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن»([1]).

Dualar

دىنىمىزدا بەلگىلەنگەن ھەرقانداق بىر ئىبادەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئەدەبلىرى ۋە شەرتلىرى بولغىنىدەك، دۇئانىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئەدەبلىرى باردۇر. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1. دۇئانى فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىش بىلەن باشلاش. ئاندىن ھاجەتلىرىنى سوراش.

Dualar

ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ھەرقانداق بىر ئىبادەتنى تەرك قىلىش گۇناھ بولغىنىدەك، دۇئانى تەرك ئېتىشمۇ گۇناھتۇر. چۈنكى دۇئا- ئىبادەتتۇر. مۇپەسسىرلەر ئاللاھ تائالانىڭ «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن. مېنىڭ ئىبادىتىمدىن باش تارتقۇچىلار خورلانغان ھالدا دۇزاخقا كىرىدۇ»([1])  دېگەن سۆزىنى، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشتىن ئۆزلىرىنى بىھاجەت سانىغانلار بولۇپ، ئۇلار خورلانغان ھالدا دوزاخقا ھەيدىلىدۇ، دەپ تەپسىر قىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتتىكى ئىبادەت سۆزىدىن دۇئا مەقسەت قىلىنىدۇ.

Dualar

يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئىجابەت بولۇش شەرتلىرى تولۇق بولمىغان دۇئالار ئىجابەت بولمايدۇ. شۇنداقلا، ئىسلامنىڭ ئەمر – مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت (كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش) پەرزىنى تەرك قىلىشمۇ دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. چۈنكى ئەمر – مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت قىلىش ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشىگە بۇيرۇلغان پەرزدۇر. ھەركىم ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە ۋە ئىقتىدارىنىڭ، شەرت – شارائىتىنىڭ يېتىشىچە ئەمر – مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت قىلىشقا بۇيرۇلغان.

Dualar

ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ھەرقانداق بىر ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن مەخسۇس شەرتلىرى بولغىنىدەك، دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈنمۇ مەخسۇس شەرتلەر باردۇر. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:  1. دۇئانى ئاللاھ تائالاغا بولغان چىن ئىخلاس بىلەن قىلىش. ھەر قانداق بىر ئەمەل – ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن ئىخلاس شەرت قىلىنغىنىدەك، دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشى ئۈچۈنمۇ ئەلۋەتتە ئىخلاس شەرت قىلىنىدۇ. ئىخلاس قەلب قېتىدىن كەلگەن سەمىمىي سۆيگۈ بىلەن كۆرسىتىلگەن چىن ساداقەت دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالاغا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغاندا، ئۇنىڭغا شۇنداق سۆيگۈ ۋە ساداقەت بىلەن يۈزلىنىش تەلەب قىلىنىدۇ.

Dualar

دۇئانىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى - ئەرەب تىلىدىكى «دۇئا» سۆزى لۇغەت ئېتىبارى بىلەن چاقىرىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما دۇئا سۆزىنىڭ شەرىئەت ئىستىلاھىدىكى مەنىسى، ئەڭ كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ھاجەتلىرىنى سوراش دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن»([1]) دېگەن سۆزى بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.