رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىماتلىرى

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛ مەن ھىشام ئىبنى ھەكىمنىڭ سۇرە فۇرقاننى قىرائەت قىلىۋاتقان چاغدا ،ئۇنىڭ ئوقۇغىنى ئوزۇمنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولمىغانلىقىنى سېزىپ ،ئۇنى توختاتماقچى بولدۇم ،لېكىن مەن يەنىلا ئوزەمنى تۇتىۋالدىم ،ئۇ ناماز ئوقۇپ بولغاندا ئۇنىڭ كىيىمىدىن تۇتىۋېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھسالامنىڭ قېشىغا تارتىپ ئاپىرىپ جەريانىنى چۈشەندۇردۇم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ماڭا ئۇنى قويۇپ بەر دىدى؛ئۇنىڭغا  سەن ئوقىغىن مەن ئاڭلاپ باقاي دىدى،شۇنىڭ بىلەن ئۇ بايا مەن ئاڭلىغان ئۇسۇل بىلەن بىر قېتىم ئوقىدى،پەيغەمبەر ئەلەيھسالام ؛ مۇشۇنداق نازىل بولغان دەپ يەنە مېنىڭ ئوقۇش ئۇسۇلۇم بىلەن بىر قېتىم ئوقىغاندىن كېيىن مۇشۇنداق نازىل بولغان ،قۇرئان بولسا يەتتە خىل  ئوقۇش ئۇسۇلى بويىچە نازىل بولغان ،قايسى قولايلىق بولسا شۇنداق ئوقۇڭلار دىگەن .- ئىمام بۇخارى ،ئىمام مۇسلىم توپلىغان .  

ئەبۇ مەسئۇت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام؛ [كىم كېچىدە سۇرە بەقەرىنىڭ ئاخىرىدىكى ئككى ئايەتنى ئوقىسا ئوزى ئۇچۇن بالا قازانى يوقاتقان بولىدۇ.]دىگەن . -ئىمام بۇخارى ،ئىمام مۇسلىم توپلىغان.

ئىبنى ئومەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ ؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام [پەقەت ئىككى خىل كىشىدىن زوقلىنىشقا ئەرزىيدۇ ،بىرسىئاللا ئۇنىڭغا قۇرئاننى ئاتا قىلغان ،ھەر ۋاقىت ئوقۇپ تۇرغان كىشى ،يەنە بىرسى ئاللاھ پۇل -مال ئاتا قىلغان كىشى ،ئۇنى كېچە -كۇندۇزدۇرۇس ئىشلارغا ئىشلەتكەن كىشى] دەيدۇ.-ئىمام بۇخارى ،ئىمام مۇسلىم توپلىغان .

ئەنەس رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:مۆمىنلەر قىيامەت كۈنى يىغىلىپ،ئاللانىڭ ئالدىدا بىزگە شاپائەت قىلىدىغان بىر كىشىدىن شاپائەت تەلەپ قىلساق دىيىشىپ ئادەم ئەلەيھىسسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ:سەن بولساڭ ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى،ئاللا سىنى ئۆز قۇلى بىلەن ياراتقان،پەرىشتىلەرنى ساڭا سەجدە قىلىشقا بۇيرىغان،ساڭا پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى بىلدۈرگەن،رەببىڭنىڭ ئالدىدا بىزنى شاپائەت قىلىپ،بىزنى بۇ كۈلپەتتىن قۇتۇلدۇرساڭ،دەيدۇ.ئادەم ئەلەيھىسسالام:من سىلەرنى شاپائەت قىلالايدىغان دەرىجىدە ئەمەسمەن،دەپ ئۆزىنىڭ گۇناھىنى(1)ئەسلە خىجىل بۇلۇپ،نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغ

ئەبىي مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىن رىۋايەت قىلىنىشچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:<<قۇرئا ئۇقۇيدىغان مۇئمىننڭ مىسالى بۇلسا ئاپلىسىنغا ئوخشاش ،ئۇنىڭ تەمى ۋە پۇرقى بار،قۇرئان ئوقۇمايدىغان مۇئمىننىڭ مىسالى بۇلسا خۇرمىغا ئوخشاش، ئۇ خۇرمىنىڭ تەمى بار ئەمما پۇرقى يوق،قۇرئان ئوقۇيدىغان گۇناھكارنىڭ مىسالى بۇلسا ،رەيھانگۈلگە ئوخشاش، ئۇ رەيھانگۈلنىڭ پۇرىقى بار، ئەمما تەمى يوق،قۇرئان ئوقۇمايدىغان گۇناھكارنىڭ مىسالى بۇلسا ، كاۋىغا ئوخشاش،ئۇ كاۋىنىڭ تەمى ئاچچىق، ۋە پۇرىقى يۇق>>.(  بۇخارى1128-بەت)

ئوسمان ئىبنى ئەففان رىۋايەت قىلىنىشچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:<<ھەقىقتەن سىلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزەلراقىڭلار قۇرئاننى ئۈگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن كىشىدۇر >>.(بۇخارى752-بەت)

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلىنىشچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:<<قۇرئانى ئۆگەنگۈچى باغلاغلىق تۆگىسى بار ئادەمنىڭ مىسالىغا ئوخشاش،ئەگەر ئۇ تۆگىسىنى باغلاپ قۇيسا ئو تۆگە تۇرىدۇ، ئەگەر يىشىۋەتسە قېچىپ كىتىدۇ>>(بۇخاى 752-بەت)

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىيىتتىكى :مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:<<ئىكى تۈرلۈك كىشىدىن باشقا باشقىغا ھەسەت قىلىشقا بۇلمايدۇ ئۇ ئىككى كىشىنىڭ بىرى،ئاللاھ ئۇ كىشىگە كىتاپ (قۇرئان ئىلىمى)ئاتا قىلغان بۇلسا ، ۋە ئۇكىشى قۇرئاننى كىچىنىڭ ۋاقتىدا ئوقۇغان كىشى بۇلسا. يەنەبىرى ئاللاھ مال ئاتا قىلغان كىشى بۇلۇپ دىمەك ئۇ كىشى مالنى كىچە- كۈندۇز (ئاللاھ يۇلىدا ) سەرىپ قلغان بۇلسا بۇلارغا ھەسەت قىلسا بۇلىدۇ >>دىدى.(بۇخارى751-بەت)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىن رىۋايەت قىلىنىشچە ھەقىقەتەن رەسۇلۇللاھ مۇنداق دىگەن:<<ئىككى تۈرلۈك كىشىدىن باشقا باشقىغا ھەسەت قىلىشقا بۇلمايدۇ ،بىرى ئاللاھ قۇرئاننى ئۈگەتكەن ئەر بۇلۇپ ، دىمەك ئۇ ئەر قۇرئاننى كىچە- كۈندۈز تىلاۋەت قىلغان بۇلسا،ئۇنى خۇشنىسى ئاڭلاپ ، ئۇنىڭ ئۈچۇن:ھەي!ماڭىمۇ ئۇ كىشىدەك ئىلىم بىرىلگەن بۇلسا ، مەنمۇ ئۇ كىشىدەك قىلغان بۇلاتتىم دىسە، يەنە بىرى بۇلسا ، بىر ئەرگە ئاللاھ نۇرغۇن مال - مۇلۇك بەرسە ئۇماللارنىڭ تۈگۈشىنى پەقەت ھەق يۇلدا قىلغان بۇلسا ، ئەگەر ماڭىمۇ ئاشۇ كىشىگە بىرىلگىنى بىرىلگەن بۇلسا ،مەنمۇ ئاشۇ كىشى قىلغاننى قىلغان بۇلاتتىم دەپ ھەسەت قىلسا بۇلسا ب

ئائشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:ھەقىقەتەن رەسۇلۇللاھ ئاغرىپ قالغان ۋاقىتتا ئۆزۈگە سۈرە فەلەق ۋە سۈرە ناسنى ئۇقۇيىتتى،ھەم ئۆزۈگە ھۈرۈيىتتى،بىر چاغدا ئۇنىڭ كىسىلى ئېغىرلىشىپ قالغاندا ،مەن ئۇنىڭغا ئۇ ئىككى سۈرىنى ئوقۇدۇم ۋە بەركەت ئۈمۈد قىلىپ ئۇنىڭ قولىنى سىلىدىم >>(بۇخارى 750-بەت).

ئۇسەيىد ئىبنى ھۇزەيىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەتقىلىنىشچە:<<مەلۇم كىچىسى ئۇ ئېتىنى يىنىغا باغلاپ قۇيۇپ . سۈرە بەقەرەنى ئۇقۇيدۇ، شۇچاغدا ئۇنىڭ ئېتى تىپچەكلەپ چۆرگىلەشكە باشلىدى ، ئۇ ئوقۇماي جىم تۇرغان ئىدى ، ئاتمۇ جىم تۇردى. يەنە ئوقۇغان ئىدى ،ئاتمۇ تىپچەكلەپ چۆرگىلەشكە باشلىدى،ئۇ جىم تۇردى ،ئاتمۇ جىم تۇردى،ئاندىن ئۇ يەنە ئوقۇدى، ئاتمۇ يەنە تىپچەكلەپ چۆرگىلەشكە باشلىدى.ئۇنىڭ بالىسى يەھيا ئاتقا يېقىن يەردە بۇلغاچقا بالىسىغا بىرەر مۇسىبەت يىتىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئوقۇشنى توختاتتى،ئوقۇشنى توختۇتۇپ بېشىنى كۆتۈرۇپ ئاسمانغا قارىغان ئىدى بىر نۇر كۈرۇنۇپلا كۆرۈنمىدى.

ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن : << بىركىشى جامائەت نامىزىغا قاتناشقاندا ئالغان ساۋاپ ئۇنىڭ يالغۇز ئۇقىغان نامىزىنىڭكىدىن 25 ھەسسە ئارتۇق بۇلىدۇ. كۈندۈزلۈك ۋە كىچىلىك پەرىشتىلەر بامدات نامىزى ۋاقتىدا ئۇچرىشىدۇ>>.

ئەبۇھۇرەيرەرەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:سىلەر بامدات نامىزىدا خالىغان مىقداردا سۈرە ئۇقۇڭلار ،چۇنكى قۇرئاندا بامدات نامىزىغا ئۇقۇلغان قىرائەتكە گۇۋاھلىق بىرىلىدۇ،دىيىلگەن. ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم توپلىغان.