رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىماتلىرى

4/605 ـ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، ھەقىقەتەن مەدىنىنىڭ دېدەكلىرىدىن بىرەر دېدەكمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىنى تۇتۇپ: ئىشىمنى قىلىپ بەرگىن ـ دەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى خالىغان يەرگە ئېلىپ كېتەلەيتتى. (بۇخارىدىن)

5/606 ـ ئەسۋەد ئىبنى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيدە نېمە قىلاتتى؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ: ئۆز ئاياللىرىغا ياردەمدە بولاتتى، ناماز ۋاقتى بولسا نامازغا چىقاتتى، دەپ جاۋاپ بەردى. [بۇخارىدىن]

6/607 ـ ئەبۇرىفائە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بارسام ۋەز سۆزلەۋېتىپتىكەن. مەن: ئى اللھ نىڭ پەيغەمبىرى! بىر غېرىپ ئادەم ئۆز دىنى توغرۇلۇق سورىغىلى كەپتۇ، ئۇ ئۆز دىنىنى بىلمەيدىكەن ، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا يۈزلىنىپ ۋەزدىن توختاپ ئالدىمغا كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر ئورۇندۇق ئەكلىپ بېرىلدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدا ئولتۇرۇپ اللھ ئۇ زاتقا ئۆگەتكەن نەرسىلەرنى ماڭا ئۆگەتكىلى تۇردى. ئاندىن ۋەز ئېيتقان جايىغا قايتىپ بېرىپ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇردى. [مۇسلىمدىن]

7/608 ـ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاچانكى تاماق يېسە ئۆزىنىڭ ئۈچ بارمىقىنى يالايتتى ۋە: «سىلەرنىڭ بىرەرسىڭلارنىڭ بىرەر لوقما تامىقى چۈشۈپ كەتسە ئۇنىڭغا يۇقۇپ قالغان نەرسىنى تازىلىۋېتىپ يەۋەتسۇن، ئۇنى شەيتانغا تاشلاپ بەرمىسۇن» دەيتتى ۋە تاماق قاچىسىنى يالىۋېلىشقا بۇيرۇپ: «شەك ـ شۈبھىسزكى، سىلەر تامىقىڭلارنىڭ قەيەرىدە بەركەت بارلىقىنى بىلمەيسىلەر»دەيتتى. [مۇسلىمدىن]

8/609 ـ ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «اللھ ئەۋەتكەنلا پەيغەمبەر قوي باققان» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى: سەنمۇ قوي باققانمۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، مەنمۇ مەككىلىكلەرنىڭ قويىنى بىر نەچچە تەڭگىگە باقاتتىم» دېدى. [بۇخارىدىن]

9/610 ـ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەن قوينىڭ ئالدى ياكى كەينى پاچىقى بىلەن راستلانغان مېھماندارچىلىققا چاقىرىلساممۇ باراتتىم، ئەگەر ماڭا قوينىڭ ئالدى ياكى كەينى پاچىقى سوۋغا قىلىنسىمۇ قوبۇل قىلاتتىم». [بۇخارىدىن]

10/611 ـ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەزبا ئىسىملىك بىر تۆگىسى بار بولۇپ مۇسابىقىدە ھېچ تۆگە ئالدىغا ئۆتەلمەيتتى ياكى يېتىشىۋالالمايتتى. بىر ئەئرابى ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى بىر تۆگىسى بىلەن كېلىپ ئەزبانىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. بۇ ئەھۋال مۇسۇلمانلارغا ئېغىر كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى سېزىپ: «دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ مەرتىۋىسى كۆتۈرۈلسە ئۇنى ئۆز ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويۇش اللھ نىڭ قانۇنىيىتىدۇر»دېدى. [بۇخارىدىن]

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ( ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار). ( زامان بىلەن قەسەمكى، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر – بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر – بىرىگە سەۋرىنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر).

ئىمام شافىئى (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) نىڭ بىر سۆزى بولۇپ، ئۇ سۆزنىڭ مەنىسى: كىشىلەر، ياكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ سۈرە ئەسىرنى چوڭقۇر ئويلىنىشتىن غەپلەتتىدۇر، دېگەنلىكىدىن ئىبارەتتۇر.

زەيد ئىبنى خالىد جۇھەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »كىمكى اللھ يولىدا غازات قىلغۇچىنى جابدۇپ قويسا ئۆزىمۇ غازات قىلغۇچىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ. كىمكى غازات قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىن ياخشىلىق بىلەن خەۋەر ئېلىشقا قالسا ئۇمۇ غازات قىلغۇچىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ«. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]

ئەبۇسەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇزەيل قەبىلىسىنىڭ ھەييان جەمەتىگە قوشۇن ئەۋەتمەكچى بولۇپ: «ھەر ئىككى كىشىدىن بىر كىشى بارسۇن، ئەجىر ئۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئورتاق بولىدۇ» دېدى. [مۇسلىمدىن]