رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m001.jpg

ئاللاھ پۈتۈن ئالەمنى پەيغەمبىرىمىز ئۇچۇن ياراتقان. ئۇ بارلىق يارالمىشلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى ۋە ھەممىدىن مۇكەممىلىدۇر.مۇۇنداق تۇرۇقلۇق پەيغەمبىرىمىزنىڭ جىق كىيىمى يوق ئىدى .كىيىنسە ئاددى كىيىنەتتى لىكىن كىيىملىرى ئىنتايىن پاكىز ھەم رەتلىك تۇراتتى باشقىلارنىڭ مەينەت كىيىىم بىلەن يۈرىشنى ياقتۇرمايتى .پەيغەمبىرىمىز ئۆمۈر بويى ئاددى ساددىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن ھەتتا ئۇنىڭ تەسىرى يىراق يىراقلارغا يىتىپ مال دۇنيا ئۇنىڭ ئالدىغا تۆكۈلگەندىمۇ ئاددى تۇرمۇش ئۇسۇلىدا تۇرغان ....بىلەمسىلەر

ئىنسانلارنى ئىككى دۇنيالىق بەخىتكە ئىرىشتۇرۇش ئۇچۇن مۇشەققەت چەككەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆمرىدە ئىككى ۋاق تويغىدەك تاماق يىگەن كۇنلىرى ئاز بولغان...
ئەزىز قىرىنداشلار سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ئىنتايىن ئاددى كىشى ئىدى.
ساھابىلەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ شەخىسى ئىشىلىرىنى قىلىشقا رازىمەنلىك بىلەن تەييار بولسىمۇ ئۇ ئۆزنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلاتتى ھىچ قاچان ئالاھىدە ئىمتىيازدا ئىگە ئەمەس ئىدى ۋە ساھابىلەرگە ئالاھىدە بولۇۋېلىشتىن خوش بولمايمەن دەيتى .بىزنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇبارەك قوللىرى بىلەن كىيىملىرىگە ئۆز ياماق سالاتتى ،ئاياقلىرى بۇزۇلسا ئۆزى ئوڭشايتى ،ئۆيىنى قولىغا سۈپۈرگە ئىلىپ سۈپىرەتتى ھەتتا بەزىدە خىمىر يۇغۇراتتى ، قويلارنى ساغاتتى ،تۆگىلەرگە يەم خەشەك توشۇيتى .

قىرىنداشلار ئالەمدىكى ئەڭ مۇكەممەل يارالمىش ،ئالەملەرنىڭ ئىگىسى قۇدىرەتلىك ئاللاھ ياخشى كۆرۇپ دوستۇم دەپ ئىيىتقان سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ئاغرىغان كىسەللەرنى يوقلايتى ئۇلارغا پايدىلىق دورىلارنى تەۋىسىيە قىلاتتى . ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغانلارنىڭ جىنازىسى ئالدىدا پەيدا بولاتتى . قىرىنداشلار سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەر كىشىگە سالام بىرىپ ماڭاتتى .ئۆزى كۆرمىگىنىگە ئۇزۇن بولغان كىشىلەرنىڭ ئىشىكلىرىنى چىكىپ ئۇلارنى زىيارەت قىلاتتى ۋە كىشىلەر بىلەن ھەتتا بازار ئەھۋالى قاتارلىق دۇنياۋى تىمىلار ئۈستىدىمۇ سۆزلىشەتتى.پەيغمبىرىمىز كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالاتتى ھەتتە تەكرار دىيىلگەن گەپلەرنىمۇ گويا بىرىنچى قىتىم ئاڭلىغاندەك ئەستايىدىل ئاڭلايتى ئەڭ نامرات كىشىلەرنىڭ ئارسىدا ئولتۇرۇپ ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولاتتى ئۇلارنىڭ ئارسىدىكى يىتىملەر ئىگە چاقىسىزلاردىن ئەھۋال سورايتى .سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز پېقىرىنى پېقىر دەپ تاشلاپ قويمايتى باينى باي دەپ ھۆرمەت بىلدۇرۇپ كەتمەيتى .

سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز بالىلىرىغا بەك مىھرىبان ئىدى. قىزى پاتىمەنى باغرىغا بىسىپ جىگىرىم دەيتى ،نەرۋىلىرىنى قۇچىغىغا ئىلىپ ئەركىلىتىپ ئوينىتاتتى .سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز باشقىلارغا ئاچىچىقلاپ ۋارقىرىمايتى، نىمىشقا بۇنى قىلمىڭدىڭ دەپ كايىمايىتى، كامدىن كام غەزەپلىنەتتى ،غەزەپلەنسا قىزىرىپ كىتەتتى .سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز قارشى تەرەپ كىچىك بالا ياكى مالاي بولغان تەقدىردىمۇ مۇلايىم يىقىشلىق سۆزلەيتى ............
مانا بۇ پۇتۇن ئىنسانىيەتىنى ئىككى دۇنيالىق بەخىتكە ئىرىشتۇرۇش ئۇچۇن ئاللاھ دەپ قول كۆتۈرگەن سۆيىملىك پەيغەمبىرىمىز لىكىن ئىنسانلار ئۇنى تونىمىدى ،ساراڭ دەپ ھاقارەتلىدى ،تاش كىسەك ئاتتى ھەتتا چىشىنى ئۇرۇپ تۆكىۋەتتى .

سۆيۇملىك پەيغەمبىرىمىزنىڭ يىنىدا ئاغزىنى خۇش پۇراق قىلىدىغان مىسۋاك ۋە مۇبارەك چاچلىرىنى تارايدىغان تارغاق بولاتتى .ئۇ پاكىز كىشى ئىدى تازلىققا ئالاھىيدە ئەھمىيەت بىرەتتى ۋە پاكىزلىق ئىماننىڭ يىرىمى دەيتى.بىزنىڭ سۆيىملىك پەيغەمبىرىمىز ئەسلا يالغان سۆزلىمەيتى كىشىلەر ئۇنىڭغا شۇ قەدەر ئىشىنەتتىكى ھەتتا ئۇنىڭ دۇشمەنلىرىمۇ مال مۇلكىنى ئۇنىڭغا ئامانەت قوياتتى .شۇڭا دۇشمەنلەر ھەر خىل تىللار بىلەن ئۇنى تىلىسىمۇ لىكىن ساختىپەز يالغانچى دىيىشكا ئاغزى بارمايتتى .
ئەزىز دوسلار ئىككى دۇنيا قۇياشى شۇ قەدەر پەيغەمبىرىمىز ھاجەتمەنلەرنى ئەسلا قورۇق قول يولغا سالمايتى ياردەم سوراپ كەلگەنلەرنى ياندۇرمايتى .ئەزىز دوسلار سۆيىملىك پەيغەمبىرىمىز زىيادە سۆز قىلمايتى ،بىر كىملەر بىلەن تاكالىشىپمۇ قالمايتى كىشىلەرنىڭ قۇسۇرىنى ئەسلا كولىمايىتى.....................

قىرىنداشلار بىزنىڭ شۇ قەدەر پەيغەمبىرىمىز ھەق سۆز قىلىشتىن ئەسلا قورۇقمايتى ،سۆزلىسە مۇلايىم ،يەڭگىل سۆزلەيتتى تولىمۇ ئاقكۆڭۈل ئىدى .ھەتتا يىغلاۋاتقان بالىلارنىڭ قىشىغا بىرىپ ئۇلارغا تەسەللى بىرەتتى .ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن قاخشاپ زارلانمايتتى .تولىمۇ خۇشخۇي كىشى ئىدى قاپاقلىرىنى تۈرۋالماي كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى .
ھەممىنىڭ ئىگىسى جانابى ئاللاھ دوستۇم دەپ ئىيىقان ئاللاھنىڭ ئەڭ ياقتۇردىغان ئادىمى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ئىككى قۇرۇق قولىغا تايىنىپ ئىشلەپ تەر ئاققۇزۇپ ھالال يەيتى.قىرىنداشلر پەيغەمبىرىمىز سەبى بالىلار بىلەن ئويناپ ئۇلارنى خوش قىلىپ كۈلدۈرىشتىن ھىچ قاچان نومۇس قىلمايتى .ئۇ كىيىنىشتە شۇ قەدەر ئاددى سادا ئىكەنكى كىشىلەر باشقا پۇقرالاردىن ئۇنى پەقلەندۇرەلمەيتى .
قىرىنداشلار ئاللاھ پەيغەمبىرىمىزگە جەننەتتىن خەۋەر بەردى لىكىن بىزنىڭ سۆيىملىك پەيغەمبىرىمىز كىچىلىرى ئۇيقىدىن كىچىپ ئۇزاق....ئۇزاق نامازلار ئوقۇيتى. ئۇ مۇشۇنداق ئىسىل كىشى ئىدى لىكىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ چىشىنى ئوھىتتا دۇشمەن چىقىپ تاشلىدى. تائىفتا بولسا ئىتىلغان تاشلاردىن مۇبارەك قانلىرى يەرلەرگە تۆكۇلدى .......توغرا قىرىنداشلار بىزنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز خورلۇق كۆردى ،ئاچ قالدى ،مۇشاققەت چەكتى لىكىن ئۇنىڭ مەقسىتى بايلىق توپلاش، جاھانغا خۇجا بولۇش ئەمەس ئىدى پەقەت ۋە پەقەت دوزاقنىڭ ئوتىغا پەرۋانىدەك ئۆزىنى ئىتىۋاتقان كىشلەرنى قۇتقۇزۇش ئىدى .

قىرىنداشلار ئاتا ئانىمىز بىزنىڭ دۇنياغا كىلىشمىزگە ۋاستە بولدى .ئۇلار بىزنىڭ تىنىمىزنى پەرۋىش قىلىپ ئۇستۇردى لىكىن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز بىزگە مەڭگۈلۈك بەخىتكە ئىرىشىشنىڭ يولىنى ئۆگەتتى تىنىمىزگە ئىسلام روھىنى بەردى .شەكسىزكى بىزگە مۇھەممەت (سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسساللام) پەيغەمبەر ئاتا ئانىمىزدىن سۆيۈملۈكتۇر شۇڭا ساھابىلەر :"يا رەسولىلاھ سەن ئۇچۇن ئانام دادام پىدا بولسۇن" دىگەن ئىدى !!!
تورداشلار :بۇگۇنكى كۇندە بىر كىملەر مەلۇم شەخىسلەرگە بەك بەك قول قويىدۇ ،چوڭ دەپ باشقىلار بىشىغا ئالغان بۇ ئادەملەر ئەمەلدار سىياسىيون بولىشى مۇمكىن ،كاتتا باي ،مۇتەپپەككۇر بولىشىمۇ مۇمكىن .نۇرغۇنلار شۇلارنىڭ ھاياتىغا ھەۋەس قىلىدۇ، ئىش ئىزلىرىنى سوراپ تىپىپ ئۆگىنىدۇ .بىر قىسىملار ھەتتا گۇزەللەرنىڭ ،ناخشا كىنو چولپانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى تاملارغا چاپلىۋالىدۇ .ئۇلارغا ئائىت خەۋەرلەرنى ئىزدەپ سوراپ ئوقۇيدۇ .كۆپلىگەن مۇخپىرلار مۇشۇنداق كىشىلەرگە مەلۇمات بىرىش ئۇچۇن شۇ ئادەملەرنىڭ كەينىدىن پالاقشىپ يۇگىرەپ يۇرىدۇ ...

شۇ ئادەملەر ئەخلاقلىق كىشى ئىزدەمدۇ ؟ ھالبۇكى پەيغەمبىرىمىز يۇزى ئىچىلمىغان قىزلاردەك خىجىلچان ،شەرمى ھايالىق كىشى ئىدى،تونىيدىغان ھەم تونىمايدىغان كىشىلەرگە سالام بىرەتتى شۇ ئادەملەر كەڭ قۇرساق سېخى كىشى ئىزدەمدۇ؟ ھالبۇكى بىزنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ئۆزىگە ئەڭ سۆيۈملۈك ئەڭ يىقىن ئادەملىرىنى ئۆلتۇرگەن قاتىلنىمۇ كەچۇرۋىتەلەيتى، مۇھتاج كىشىنى قۇرۇق قول ياندۇرمايىتى، سورىغانغا بىرەتتى .شۇ ئادەملەر سەمىيىمى راسچىل ھەم ئىشەنچىلىك ئادەم ئىزدەمدۇ ؟ھالبۇكى پەيغەمبىرىمىز ئەسلا يالغان سۆزلىمەيتى كىشىلەر ئۇنى ئەمىن دىيىشەتتى .ھەتتا دۇشمەنلەرمۇ ئۇنىڭغا ماللىرىنى ئامانەت قويسا خاتىرجەم بولاتتى . شۇ ئادەملەر ئىستىداتلىق سىياسىيون ئىزدەمدۇ ؟ بىزنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مەنپەئەتلىرى بىر بىرىگە چىقىشىپ،ئۆز ئارا توقىنىش ئىچىدىكى توپلارنى بىر بىرى بىلەن قىرىنداش قىلىپ ئىناق قىلالايتى.شۇ ئادەملەر تىنىچلىق ھەم خاتىر جەملىك ئىلىپ كەلگۇچى مۇتەپپەكۇر ئىزدەمدۇ ؟ ھالبۇكى بىزنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ئۆچ ئاداۋەت ئىچىدە باغرى مۇز ، قان بولغان مىللەتلەر ئارسىغا قىرىنداشلىق ۋە مىھىر ئورۇقلىرىنى چېچىپ ئۇلارنىڭ ئارسىدىكى ئۇرۇشنى يوق قىلىىۋىتەلەيتى. شۇ ئادەملەر قۇدىرەتلىك ھۆكىمدار ئىزدەمدۇ ؟

ھالبۇكى سۆيىملىك پەيغەمبىرىمىز بۇيرۇق بەرسە «يا رەسۇلىلاھ سىز ئۇچۇن ئانام دادام قۇربان بولسۇن »دىگەن ئاۋاز بىلەن مىڭلىغان تۇمەنلىگەن باتۇر ئەزىمەت تاغ ئاتلاشقا، ئوتتىن ئۆتۈپ ، دېڭىز كىچىپ جەڭ قىلىشقا تەييار ئىدى .ئۇ ئادەملەر مۇجىزە كۆرسىتەلەيدىغان ئادەم ئىزدەمدۇ ؟ ھالبۇكى سۆيىملىك پەيغەمبىرىمىز ئىشارەت قىلسا ئاسماندىكى ئاي ئىككىگە پارچىلىناتتى ....
مۇسۇلمان قىرىنداشلار بىزنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ئەرەبىستاندىن كۆتۇرۇلگەن پارلاق قۇياش . ئۇنىڭغا موسا پەيغەمبەرنىڭ باتۇرلىقى ،ھارۇن ئەلەيھىسالامنىڭ گۇزەل ئەخلاق پەزىلىتى، ئەييۇپ ئەلەيھىسالامنىڭ سەۋىر تاقىتى ،سۇلايمان ئەلەيھىسالامنىڭ شانۇ شۆھرىتى، ئەيسا ئەلەيھىسالامنىڭ كىچىك پىئىللىقى مۇجەسسەمدۇر .

بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز كىم بىلەن سۆزلەشسە شۇنى خاتىرجەم قىلاتتى.مەيلى دۇنيا تىمىسىدا بولسۇن مەيلى ئاخىرەت تىمىسىدا بولۇن پەيغەمبىرىمىز ساھابىلەر بىلەن ئۇچۇق يورۇق سۆزلىشەتتى.ساھاىلەرنىڭ گۇۋالىق سۆزى بىلەن مەلۇمكى پەيغەمبىرىمىز بىلەن سۆزلەشكەن كىشى ئۆزىنى ئۇنىڭغا ئەڭ يىقىن ھىس قىلاتتى .گەپ تىمىسى ئۇستىدە تۇرۇپمۇ سۆھبەتنى ساۋاق يىرىگە باشلاپ باراتتى.سۆزلىرى ھەرگىز قۇرۇق دىيالوگقا ئايلانمايتى ، يەنى ساھابىلەر يىمەك توغرىسىدا سۆزلىسە پەيغەمبىرىمىزمۇ ھەم شۇ تىمىدا سۆزلەپ يىمەككە ئالاقىدار ئىلاھى كۆرسەتمىلەرنى ساھابىلەرگە بىلدۇرەتتى .
بىزنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز كىشىلەرنى چەتكە قاقمايتى ھەتتە ئەڭ يامان نامدىكى كىشىلەرگىمۇ گەپ قىلىپ ئۇلارغا گۇزەل مۇئامىيلە قىلاتتى .ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتتى ئۇزۇپ تاشلىمايتى .پەيغەمبىرىمىز ئادەملەرگە گۇزەل مۇئامىيلە قىلىشى بىلەن مەشھوردۇر .ئۇنىڭغا 10 يىل خىزمەت قىلغان ئانا ئىسملىك بىر خىزمەتكار شۇنداق دەيدۇ «مەن رەسولىللاھقا 10يىل خىزمەت قىلدىم لىكىن ماڭا ھوي دەپ باقمىدى(ۋاقىرمىى دىمەكچى) ،نىمىشقا ماۋۇ ئىشنى قىلمايسەن دىمىدى » .قىرىنداشلار ئىككى جاھان قۇياشى بولغا سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز كىشىلەرىگە:" بىر بىرىڭلارغا شەپقەت كۆرستىڭلار ،بەندىگە قانچىلىك مىھىربانلىق قىلساڭلار ئاللاھتىن شۇنچىلىق مىھرىبانلىق كۆرسىلەر" دەپ نەسىھەت قىلاتتى .

قىرىنداشلار مانا سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز دۇنياغا كەلگىنىگە 1438يىل بولدى .تالاي ئىنسانلار بۇ زات سەۋەبىدىن ئىككى دۇنيالىق بەختىنى قولغا كەلتۇردى .ئاللاھ ئىنسانلارغا شەپقەت قىلىپ پەيغەمبەرىنى ئەۋەتكەنىكەن بۇ شەپقەتكە قول سۇنىڭ، ئۇنى تونىڭ،مەن بەختسىز دىمەڭ .مەن ناچار كۇن كۆرۋاتىمەن دەپ زارلانماڭ !ئەگەر بىر كىم سىزنى خورلىغان بولسا، ھاقارەت قىلغان بولسا ئالەملەرنىڭ ئىگىسى ئاللاھنڭ ئەڭ ياخشى بەندىسىنىڭ تائىفتا قانداق خورلانغانلىقىنى ئويلاڭ ئەگەر ئاچ قالغان كۇنلىرىڭىز بولسا سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىنىڭ خەندەك ئۇرشىدا ئاچلقتىن ئىككى تاشىنى قورسىقىغا تىڭىۋالغانلىقىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۇرۇپ بىقىڭ !ئەگەر ئاچىقىڭىز كەلگەن بولسا پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆيىملىك ئادىمى ھەمزە شىھىت بولغاندا ئۆزىنىڭ ئاچىغىنى قانداق بىسىۋالغانلىقىنى خىيال قىلىڭ! ئەگەر چىشىڭىز ئاغرىپ كەتسە ياكى ئۇنى يۇلدۇرۋەتسىڭىز سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇبارەك چىشىنىڭ ئوھۇتتا قانداق چېقىلغانلىقىنى بىلىڭ !ئەگەر يالغۇزلىق ھىس قىلىسڭىز سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھىرا تىغىدىكى غاردا يالغۇزلىقىنى ئويلاڭ ~!ئەگەر نامازدا ھارسىڭىز پەيغەمبىرىمىنىڭ تەھەججۇتتىكى پۇتلىرىنى ئويلاڭ! ئەگەر بىر يىرىڭىزدىن قان چىقىپ ئاقسا سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىنىڭ تائىفتا ئىتىلغان تاشلاردىن قان ھالەتتە قايىتقان ھالىتىنى خىيال قىلىڭ. ئەگەر بىر يېرىڭىزگە تىكەن كىرسە سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەبۇ لەھەبنىڭ خوتۇنىدىن كۆرگەن ئەرزىيتىنى ئويلاڭ !ئەگەر خوشنىلىرىڭىدىن بىزار بولسىڭىز پەيغەمبىرىمىزگە ئەخلەت ئاتىدىغان ھىلىقى قىرى خوتۇننى ئويلاڭ !ئەگەر بالىڭىز ئۆلۇپ كەتسە سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئوغلى ئىبراھىم كۆز ئالدىڭىزغا كەلسۇن . سۈننەتنىڭ يولىدىن چىقىپ كەتكەن يەرلىرىڭىز بولسا پەيغەمبىرىمىزنىڭ شاپائەت قىلىدىغانلىقىنى ئويلاڭ ................. سۆيۈملۈك تورداشلار نىمىشقا بىز مۇشۇنداق پەيغەمبىرىمىز بارلىقىدىن سۆيۈنمەيمىز .نىمىشقا ئۇنى نەپسىمىزدىن، ئاتا ئانىمىزدىن ۋە بارلىق تەئەللۇقاتىمىزدىن بەكراق سۆيمەيمىز !!

تورداش قېرىنداشلار 1438 يىل بولدى .ئاللاھ ئىنسانلارغا ئۆزى ياراتقان ئەڭ مۇكەممەل يارالمىش مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنى ئەۋەتكىلى .پەيغەمبىرىمىز ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆردىغان ئادەم. لىكىن كۆپچىلىكىمىزنىڭ ئاتا ئانىسى بار .بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز يىتىم ئىدى شۇڭا ئۇ يىتىملەر ساھىبى دەپمۇ ئاتالغان .ئارىمىزدا ئاتا ئانىسى ئۆلۇپ كەتكەن قىرىنداشلىرىمىز بارمۇ ؟ ئاڭلاڭلار 1 مىليارىت مۇسۇلمان يۇرىكىدىن سۆيىدىغان پەيغەمبىرىمىزمۇ سىلەرگە ئوخشاش يىتىم ئىدى .پەيغەمبىرىمىز بىزگە يىتىملارنىڭ بىشىنى سىلاشنى ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى يۇتىۋالماسلىقىنى ئۆگەتكەن .سىلەرگە ھەممىنىڭ ئىگىسى ئاللاھ ، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۇچىلىرى ھامان باش پاناھ بولىدۇ !!!
ئارىمىزدا قېرىنداشلىردىن ،يىقىن كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلار بولسا پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىزدىن ئايرىلىپ ئاللاھنىڭ قىشىغا كەتكەنلىگىنى ئۇنۇتمايلى .ئۆلۈم شۇنداق قورقۇنۇچلۇق يامان ئىش بولسا ئاللاھ قانداقلارچە ئۆلۈمنى ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل يارالمىشىنىڭ بېشىغا ئىلىپ كىلىدۇ ؟ نىمىشقا ئۇنى بىزدىن ئايرىيدۇ ؟! ئاللاھنىڭ ھىكمىتىدىن سۇئال بولماس، ئاللاھ ھەر ئىشنى مۇكەممەل ئىلىپ ماڭغۇچىدۇ. پەقەت بىز بەندىلەر زىمىندا يۇز بەرگەن ئىشلارنى بىر ھىكمەت باردۇر دەپ قوبۇل قىلىمىز .بۇلارنى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز بىزدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن شۇنداق ئۆگەتكەن . پەيغەمبىرىمىز بىز ئۇچۇن ئۆزىمىزنىڭ جىنىمىزدىنمۇ سۆيۈملىك .تا قىيامەتكىچە:" سىز ئۇچۇن ئاتا ئانىمىز پىدا بولسۇن" دەپ توۋلايمىز !!!

ئەرتىل يازمىسى

ئاللاھ مۇشۇ يازمىنى يازغان ئەرتىل قېرىندىشىمىزغا رەھمەت قىلسۇن، يازغان قوللىرىغا بەركەت بەرسۇن ، ئامىن ! دۇئايىمىزدا ئەسلەپ قۇيايلى ئەزىز قېرىندىشىمىزنىڭ ئەجرىگە دۇئا قىلىپ قويايلى !

ئەسلى مەنبە : بۇلبۇلناز ئىسلام بلوگى http://bulbulnazz.blogbus.com/logs/169613225.html