رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

غۇسلىدىكى مۆجىزە

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر!سىلەر مەس بولساڭلار*، نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى بىلگىنىڭلارغىچە، جۇنۇب بولساڭلار، ـ يول ئۈستىدە بولغانلار (بۇنىڭدىن) مۇستەسنا، ـ غۇسلى قىلمىغۇچە نامازغا يېقىنلاشماڭلار، ئەگەر كېسەل (يەنى كېسەلگە سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا) ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار، ياكى ھاجەت قىلساڭلار، ياكى ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسەڭلار، (مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقنى يۈزۇڭلارغا، قولۇڭلارغا سۈرتۈپ تەيەممۇم قىلىڭلار, ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەرەج بولماسلىقى ئۈچۈن، ئىبادەتنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈچىدۇر)». (سۈرە نىسا 43- ئايەت).

«ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ) تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بىشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇب بولساڭلار پاكلىنىڭلار (يەنى غۇسلى قىلىڭلار)...». (سۈرە مائىدە 6- ئايەت).

مۆجىزە ھەدىسلىرى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

"ھەر يەتتە كۈندە غۇسلى قىلىش يەنى بېشىنى، جەسىدىنى يۇيۇش ئاللاھنىڭ مۇسۇلمان ئۈستىدىكى ھەققىدۇر". [مۇسلىم رىۋايىتى].

"جۈمەنىڭ غۇسلىسى ھەرقانداق بالاغەتكە يەتكەن كىشىگە ۋاجىپدۇر". [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

غۇسلى قىلىشنىڭ پائىدىسى ھەققىدە ئىلمىي ھەقىقەتلەر

- تېرىنىڭ ۋەزىپىلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

- غۇسلىنىڭ پائىدىسى نېمە؟

تېرىنىڭ ۋەزىپىلىرى

1- تېرە بەدەننى تۈرلۈك مىكروبلاردىن ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

2- تېرە مىكروبلارغا قارشى بىرىنچى مۇداپىئە قورغانىدۇر.

3- تېرە بەدەننىڭ قىززىقلىق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش خىزمىتىنى ئۆتەش بىلەن بىرگە، تەر ئارقىلىق نۇرغۇن ئىچكى زەھەرلەرنى سىرتقا ھەيدەپ چىقىرىپ، سۈيدۈك يولى قۇرۇلمىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

4- تېرە ھېس قىلىش ۋە سېزىمچان ئەزا بولۇپ، بەدەننى ئەتراپىدىكى ئەزالىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.

غۇسلىنىڭ پائىدىلىرى

1- تېرىدىن تەر ۋە باشقا مايلىق ئاجراتمىلارنى يوقىتىدۇ.

2- تېرىگە يېپىشىۋالغان چاڭ - توزانلارنى، كىر ۋە قاسماقلارنى يوقىتىدۇ.

3- بەد بۇي پۇراقلارنى يوقىتىدۇ.

4- تېرىنى تۈرلۈك مىكروبلاردىن ساقلايدۇ.

تەييارلىغۇچى: ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.