رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

سۈننەت مۆجىزىلىرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇسلۇبى

سۈننەتنىڭ مۆجىزىلىرى سۈننەتنىڭ شەرىئەت بەلگىلەش،
تەربىيە ئۇسۇلى، ھەدىسلەرنىڭ تېكىستلىرىدىكى گۈزەل ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى، ھەدىس
تىلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، غەيبلەردىن خەۋەر بېرىشى، ھەدىسلەردىكى ئىلمىي ھەقىقەتلەر
قاتارلىق بىر قانچە تەرەپتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆۋەندە:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئىپادىلەش ئۇسلۇبى، سۈننەتتىكى ئىلمىي مۆجىزىلەر
ۋە ئۇنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىدىكى مۆجىزىلىرى قاتارلىق ماۋزۇلاردا تەپسىلى
توختىلىمىز. ھېچكىم شەك قىلمايدىغان ھەقىقەتكى، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ ھەدىسلىرى ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىپادىلەش ئۇسلۇبلىرىنىڭ
ھەممىسىدە قۇرئان كەرىمدىن قالسا ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ ھەدىسلىرى ئاللاھقا تۇتاشقان قەلبلەرنى گۈللەندۈرۈش، تاشتەك قېتىپ
كەتكەن يۈرەكلەرنى يۇمشىتىش، ئاڭلىغۇچىلارغا ھۇزۇر-ھالاۋەت بېرىش خۇسۇسىيىتىگە
ئېگىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك ئېغىزدىن چىققان ھەر بىر ھېكمەتلىك
سۆزنى ھۇزۇرى قەلب بولغان ھالدا (كۆڭۈل بېرىپ) ئاڭلىغىنىڭىزدا ياكى ئوقۇغىنىڭىزدا،
گويا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندەك ياكى روھىي ئالەملەرگە كىرىپ كەتكەندەك
بولىسىز. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەنىۋىيات ئالەمىنىڭ يېگانە رەھبىرى
بولغاندەك، ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۈلگىلىرىگە ئېگە زات ئىدى. ئاللاھ تائالا
ئۇنىڭغا «جەۋامىئۇل كەلىم» (لەۋزى قىسقا، مەنىسى چوڭقۇر بايان)نى بەرگەن. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: «ماڭا جەۋامىئۇل كەلىم بېرىلدى»([1])
دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى تەكەللۇپتىن خالىي، مەنىسى
ئېنىق، لەۋزى قىسقا، سۈپەتلەش، ئوخشىتىش، تەسۋىرلەش، تەبىرلەش ۋە ئىخچاملاشتا
ئەدەبىيات ۋە ئىستىلىستىكا ئېگىلىرىنى ھەيران قالدۇرارلىق شەكىلدە ئۈستۈن ئىدى. شۇ
سەۋەبتىنمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قەدىمدىن ھازىرغا قەدەر ئەدەبىياتتىن زەۋقى
بار ھەر قانداق كىشى قايىل بولۇپ كەلمەكتە. ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەب، يۇنان ۋە پارس
مىللىتىنىڭ دۇنياغا تونۇلغان ئاتاقلىق شائىرلىرى بىلەن ئەدىبلىرىنى قايىل قىلىپ،
باش ئەگدۈرگەن ھەقىقەت بۇ ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزلىگەندە،
ھەممە كىشى ئاڭلاپ چۈشىنىدىغان شەكىلدە، ھەر بىر جۈملە ئوتتۇرىسىدا توختاپ-توختاپ،
ئېنىق ۋە ئوچۇق سۆزلەيتتى. بەزى مۇھىم سۆزلەرنى ئۈچ قېتىمدىن قايتىلاپ تەكىتلەيتتى.
ئۆزى سۆزلەۋاتقان سۆزلەردىن قاتتىق تەسىرلىنەتتى، بۇ تەسىرات ئۇنىڭ مۇبارەك
چىرايىدا مەلۇم بولاتتى. جابىر ئىبنى ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نوتۇق سۆزلىگىنىدە، ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كېتەتتى،
ئاۋازى يۇقىرى كۆتىرىلەتتى، خۇددى ئەسكەرلەرنى يېتىپ كەلگەن دۈشمەندىن
ئاگاھلاندۇرىۋاقان قومانداندەك جىددىي سۆزلەيتتى»([2]).

سۆزلەۋاتقان
ۋاقىتتىكى ھەرىكەتلىرى بىلەن ۋە ئىشارەتلىرىنىڭ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى جەلب
قىلىشتا، غەپلەتتە قالغانلارنى ۋە دىققەتسىزلەرنى ئويغىتىشتا ناھايىتى زور تەسىرى
بار ئىدى. تەقۋالىقنى چۈشەندۈرۈشتە «تەقۋالىق بۇ يەردە!» دەپ كۆكسىگە ئىشارەت
قىلغانلىقى، ئۆزىنىڭ يېتىمنى باققان كىشى بىلەن جەننەتتە بىرگە بولىدىغانلىقىنى
ئىپادىلەشتە ئوتتۇرا بارمىقى بىلەن ئىشارەت بارمىقىنى جۈپلەپ كۆرسەتكەنلىكى
بۇلارنىڭ مىسالىدۇر.

شۇڭا ھەدىسنىڭ مەنىسى ئىنسان قەلبىنىڭ ئىچكىرى قىسمى
تەسىر قىلىدۇ، ھەتتا بىرەر ھەدىس بىر ئىنساننىڭ ھاياتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئۇنى
باشقا بىر ئىنسان قىلىشقا يېتەرلىك. مۇنۇ ھەدىسنى ئوقۇغىنىڭزدا، بۇ ئېيتقانلىرىمنىڭ
راست ئىكەنلىكىنى تەستىقلايسىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ياخشىلىق ۋە
يامانلىق ھەققىدە سورالغىنىدا: «ياخشىلىق- ياخشى خۇلقتۇر، يامانلىق- كۆڭلۈڭنى
بىئارام قىلىدىغان ۋە باشقىلارنىڭ ئۇنى بىلىپ قېلىشىنى سەن ياقتۇرمايدىغان
نەرسىدۇر»([3]) دەپ جاۋاب بەرگەن.

بۇ ھەقىقەتەن كاتتا مەنە ۋە ئىنتايىن
توغرا دىئاگنوز بولۇپ، ئىنسان ھاياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۇلۇغ
تەلىماتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى شۇ ۋاقىتتىكى ئىنسانلارغىلا ئەمەس،
بەلكى ھەر زامان ۋە ماكاندىكى پۈتۈن ئىنسان ئەۋلادىغا قارىتىلغان ۋە پەزىلەتلىك بىر
ھاياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئومۇمىي پرىنسىپتۇر. چۈنكى ئۇ مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامنڭ سۆزى!

سۈننەتنىڭ ئىلمىي مۆجىزىلىرىدىن مەقسەت-
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن ۋە تەجرىبە ئىلمى راستلىقىنى ئىسپاتلىغان
ئىلمىي ھەقىقەتلەردۇر.

زامانىمىزدا
ئىلمىي ھەقىقەتلەرنىڭ ئەھمىيىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
بىلەن زامانداش بولۇش شەرەپىگە نائىل بولغانلار ئۇنىڭ ئەقىلنى ھەيران قالدۇرىدىغان
كۆپلىگە مۆجىزىلىرىنى كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن بولسا، ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنىڭ
مۆجىزىلىرىنى ھەر بىر ئەسىردە شۇ ئەسىر ئىنسانلىرىنىڭ ئەقلىگە مۇناسىپ شەكىلدە
كۆرسىتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى ئىكەنلىكى ۋە
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ
كەلدى.

ھازىرقى زامان ئىنسانلىرى ھېچقانداق نەرسىگە ئىلىمنىڭ
دالالەتلىرىگە ۋە ئىلمىي ھەقىقەتلەرگە باش ئەگكەندەك باش ئەگمەيدۇ. ئۇلارنى ئىلمىي
ھەقىقەتلا قايىل قىلالايدۇ. ئىلمىي مۆجىزىلەر ھەقىقەتنى ئىزدىگەن ھەر قانداق
ئادەمگە ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ ئوچۇق ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى تەقدىم قىلىشقا
قادىردۇر.

ھەدىسلەردىكى ئىلمىي
مۆجىزىلەر

ھەدىسلەردىكى ئىلمىي مۆجىزىلەرنىڭ بەزى
مىساللىرى
ھەدىسلەردىكى ئىلمىي مۆجىزىلەرنىڭ بەزى مىساللىرى
تۆۋەندىكىچە:

(1) سىيادان مېيىنىڭ شىپالىقى

پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىياداندا ئۆلۈمدىن باشقا ھەر قانداق كېسەل ئۈچۈن
شىپا باردۇر»([4]).

ئىلمىي تەجرىبىلەر سىيادانىڭ ئىنسان ئورگانلىرىنىڭ
مىكروبلىنىشتىن ۋە كېسەللىكتىن ساقلىنىش كۈچىنى ئاشۇرىدىغان تەبىئىي دورا
ئىكەنلىكىنى، راك، ئەيدىز قاتارلىق خەتەرلىك ئاغرىقلارنى داۋالاشتا ئەھمىيىتى زور
ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا سىياداننىڭ نەپەسلىنىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، مىكروبلارنى
ئۆلتۈرۈش، قان ئايلانمىسىنى رەتكە سېلىش ۋە ئۆپكە كېسەللىكىنى ساقايتىش قاتارلىق
نۇرغۇنلىغان خاسىيەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىدى.

تىببىي
مۇتەخەسسىسلەرنڭ ئېيتىشىچە، سىيادان مېيىنى بىر گرامدىن ئىككى گرامغىچە كۈنىگە بىر
قېتىمدىن سامساق ياكى پىياز بىلەن بىرگە ئىچىشنىڭ بەدەننىنڭ مىكروبلىنىشتىن ۋە
كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش كۈچىنى تەبىئىي ھالدا ئاشۇرۇشتا پايدىسى زور
ئىكەن.

(2) تازىلىق ئۈچۈن ئوڭ قولنى ئىشلىتىشنىڭ سىرى

پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر تەرەت قىلغىنىڭلاردا ئەۋرىتىڭلارنى ئوڭ
قولۇڭلار بىلەن تۇتماڭلار، ئىستىنجا قىلغاندا ئوڭ قولۇڭلارنى ئىشلەتمەڭلار،
ئىچىۋاتقاندا قاچىغا تىنماڭلار»([5]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
مۇسۇلمانلارغا ئۆڭ قولنى يېمەك-ئىچمەكلىكەرنى تۇتۇش، باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈش
قاتارلىق ئىشلارغا، سول قولنى تەرەت قىلغاندا تازىلىنىش، بۇرۇننى تازىلاش قاتارلىق
ئىشلارغا ئىشلىتىشنى ئۆگەتكەن. مانابۇ ئىنتايىن سەزگۈرلۈك بىلەن بەلگىلەنگەن تىببىي
تەلىمات بولۇپ، ھازىرقى زامان تىبىي تىلىدا«مېدىتسىنالىق ساقلىنىش» دەپ ئاتىلىدۇ.
چۈنكى يېمەك-ئىچمەك ئۈچۈن ئوڭ قولنى، تازىلىق ئۈچۈن سول قولنى ئىشلىتىش
مىكروبلارنىڭ يېمەك-ئىچمەكلەرە، نەپەس ئېلىش ئورگانلىرىغا يېتىپ بېرىشىنىڭ ئالدىنى
ئالىدۇ.

(3) چۈشكۈرگەندە ئېغىز-بۇرۇننى يېپىش

پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر چۈشكۈرگەندە ئىككى ئالىقىنىڭلار بىلەن
يۈزۈڭلارنى يېپىۋېلىڭلار ۋە ئاۋازىڭلارنى پەسەيتىڭلار»([6]).

پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ بۇ تەلىماتى ھازىرقى زاماندا تىببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم
تەۋسىيەلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. چۈنكى چۈشكۈرگەن ئادەم كۆپىنچە زۇكامدىن
چۈشكۈرىدۇ، چۈشكۈرگەندە ئېغىز- بۇرۇننى ياپمىغاندا، بۇرۇندىن چىققان مىكروب
باشقىلارغا تارقايدۇ. شۇڭا باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش يۈزىسىدىن
زامانىمىزدىكى دوختۇرلار زۇكام بولغان ئادەمنى چۈشكۈرگىنىدە، ئېغىز- بۇرنىنى ياغلىق
ياكى قانداقلا بىر نەرسە بىلەن يېپىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

كۆپ
چۈشكۈرۈشنىڭ پەقەت زۇكام سەۋەبىدىن بولىدىغانلىقىنى ھازىرقى زاماندا ئىلىم-پەن
سايىسىدا ھەممە ئادەم ياخسى بىلىدۇ. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇندىن
14ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىكى ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلمىغان، مىكروبلارنى بىلىش
ئۈچۈن مىكروسكۆپ دېگەنلەر ئىجاد قىلىنمىغان بىر زامانلاردا ئىنسانىيەت تارىخىدا
تۇنجى قېتىم بۇ ھەقىقەتنى ئېلان قىلىپ، يېنىدا بىر قېتىمدىن كۆپ چۈشكۈرگەن بىر
ئادەمگە قاراپ: «بۇ ئادەم زۇكام بۇپ قاپتۇ»([7]) دېگەن.

پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «سىلەر چۈشكۈرگەندە، ئەلھەمدۇلىللاھ (ئاللاھقا
شۈكرى) دەڭلار»([8]).

چۈشكۈرۈك ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ئاتا
قىلغان بۈيۈك نېمەتلەر قاتارىدىن بىر نېمەتتۇر. چۈنكى ئۇ قاتتىق سىلكىنىش ئارقىلىق
مېڭىدىن بۇزۇق ھاۋانى بۇرۇن ئارقىلىق چىقىرىۋېتىپ ئورگانلارنىڭ سالامەتلىكىنى
ساقلايدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەم زۇكام بولغاندا ياكى دىماغنى
غىدىقلايدىغان پۇراقنى پۇرىغاندا، بۇرۇننىڭ شىلىمشىق پەردىلىرى غىدىقلىنىپ
چۈشكۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دىماغنى غىدىقلايدىغان پۇراقلار ياكى كېسەل مىكروبلىرى
چىقىپ كېتىدۇ. بۇ ئادەم تېنىدىكى بىر خىل ئۆزىنى قوغداش ئىنكاسى. زۇكامدىن بولمىغان
چۈشكۈرۈك سالامەتلىكنىڭ ئەلچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مانا مۇشۇنداق
پايدىلىق بىر نېمەتنىڭ قەدرىگە يېتىپ، ئاللاھ تائالاغا شۈكرى ئادا قىلغان ھالدا،
ئۇنى مەدھىيىلەپ «ئەلھەمدۇ لىللاھ» دېيىش ئىنسانى گۈزەل خىسلەتتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام بىزنى چۈشكۈرگەندە «ئەلھەمدۇ لىللاھ» دېيىشكە
بۇيرىغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە «بىراۋ چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇلىللاھ
دېسە، ئۇنى ئاڭلىغان ئادەم يەرھەمۇكەللاھ (ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن)دېسۇن»([9])
دەپ بۇيرىغان.

دېمەك، چۈشكۈرۈشنىڭ مىكروب سەۋەبىدىن كېلىدىغانلىقىنى، كۆپ
چۈشكۈرۈشنىڭ زۇكامدىن بولىدىغانلىقىنى، چۈشكۈرگەندە ئېغىز-بۇرۇننى يېپىشنىڭ
باشقىلارنى قوغداش يۈزىسىدىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، چۈشكۈرۈشنىڭ ئىنسان سالامەتلىكى
ئۈچۈن پايدىلىق بولغان چوڭ نېمەت ئىكەنلىكىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك مەكتەپ
كۆرمىگەن، ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگەنمىگەن، ئىلىم-پەن ۋە ھەر قانداق پەن- تېخنىكا
قۇراللىرىدىن پۈتۈنلەي يىراقتا- سەھرا ھاياتىدا ئۆمۈر سۈرگەن بىر ساۋاتسىز زاتنىڭ
بىلىشى مۇمكىنمۇ؟

بۇ ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ
ئېغىزىغا كىم سالغان؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سالغان!

شۇڭا ھەدىسنى مەنىسى
ئاللاھ تائالادىن، لەۋزى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن ۋەھيى
دەيمىز.

(4) زىنا ئەڭ ساقايماس كېسەللەرنىڭ
گۇۋاھچىسىدۇر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زىنا قىلغۇچى
مۆمىنلىك ھالىتىدە زىنا قىلمايدۇ، ئوغرى مۆمىنلىك ھالىتىدە ئوغرىلىق قىلمايدۇ،
ھاراق ئىچكۈچى مۆمىنلىك ھالىتىدە ھاراق ئىچمەيدۇ»([10]).

پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «قانداقلا بىر قەۋمدە پاھىشە بولىدىكەن، ئۇلارغا
ئۇلاردىن بۇرۇنقىلىرىغا يەتمىگەن ئاغرىقلار يېتىدۇ»([11]) دەپ
ئاگاھلاندۇرغان.

ئىسلام دىنىنىڭ زىنا قەتئىي شەكىلدە ھارام قىلىشىدىكى
سىرلارنىڭ بىرى، زىنانىڭ جىسمانىي، ئىجتىمائىي، ئەخلاقى جەھەتلەردىن ئىنتايىن
زىيانلىق بىر قىلىق بولغانلىقىدىن ئىدى. ھازىرقى زامان تىببىي ئىلمىنىڭ
ئىسپاتلىشىچە، زىناغا يېقىنلىشىشتىن تۈرلۈك خەتەرلىك كېسەللىكلەر مەيدانغا كېلىدۇ.
زىنا ـ پاھىشە ئىشلارنى قىلغانلار ھەرخىل ئاغرىقلارغا دۇچار بولىدۇ. شىپاسى يوق ئەڭ
ۋەھشىي ئاغرىق «ئېيدىز» كېسىلى بولسا پەقەت زىنا ـ پاھىشىنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ
چىقىدۇ.

زىنا ـ شەرەپلىك ئائىلىلەرنى يەرگە قارىتىدىغان، ئابرويلۇق
كىشىلەرنى يەرگە ئورىدىغان، شىجائەتلىك كىشىلەرنى قورقۇنچاق قىلىپ قويىدىغان بىر
رەزىل ئىشتۇر.

ئىسلام دىنىنىڭ زىنانى قەتئىي ھارام قىلغانلىقىنىڭ ھېكمىتى
ھازىر تەرەققىي قىلغان ئىلىم-پەن ئەسىرىدە تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەنمەكتە. زىنانى
چەكلەشنىڭ جەمئىيەتنى ئاغرىق-سىلاقلارىن ۋە ئەخلاقسىزلىقلاردىن ساقلاش ئىكەنلىكىنى
ھەركىم ياخشى چۈشىنىپ يەتمەكتە.

(5) ئانا سۈتىدىكى كىچىك
جىسىملار

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر قورساقتىن چۈشكەن
قېرىنداشلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن نىكاھلىنىشى ھارام بولغاندەك، بىر ئانىنى ئەمگەن
ئېمىلدەشلەرنىڭۇ بىر-بىرى بىلەن نىكاھلىنىشى
ھارامدۇر»([12]).

ھازىرقى زامان تىببىي ئىلمى ئىسپاتلىدىكى،
ئانىنىڭ سۈتىدە كىچىك جىسىملەرنىڭ بارلىقىنى، بۇۋاق ئانىسىنى ئۈچ قېتىمدىن بەش
قېتىمغىچە ئېمىشى بىلەنلا ئانا سۈتىدىكى بۇ كىچىك جىسىملار بۇۋاققا يۆتكىلىدىكەن.
ئانا سۈتىدىكى بۇ كىچىك جىسىملەر بەدەننى مىكروب ۋە ئاغرىقلاردىن ساقلاش رولىنى
ئۆتەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭدىكى ئىرسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بەزى خۇسۇسىيەتلەرنىمۇ
قوبۇل قىلىدىكەن. بىر ئانىنىڭ سۈتىنى ئەمگەن ئېمىلدەشلەر بىر-بىرىگە ئۆيلەنگەندە،
سۈتتىن ئالغان بۇ كىچىك جىسىملەر ئۇلاردا كېسەللىك پەيدا قىلىشى ئېھتىمال ئىكەن.
شۇڭا ئىسلام دىنى ئېمىلدەشلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۆيلىنىشىنى ھارام قىلغان. ۋە
ئېمىلدەشلىك سابىت بولىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاز بەش قېتىم قانغۇچە ئەمگەن بولىشىنى شەرت
قىلغان.

ئوبۇلقاسىم ئەھمەدى

--------------------------------------------------------------------------------

([1])
«سەھىھۇلبۇخارى7013-ھەدىس، «فەتھۇلبارى»12-تم،496-بەت.

([2]) سەھىھ
مۇسلىم2-توم،592-بت،868-ھەدىس.

([3]) سەھىھ مۇسلىم
4-توم،1980-بەت،2553-ەدىس.

([4]) «سەھىھۇلبۇخارى» 5688-ھەدىس،
«فەتھۇلبارى» 10-توم،176-بەت.

([5]) «سەھىھۇلبۇخارى»154 –ھەدىس،
«فەتھۇلبارى» 1-توم،337-بەت.

([6]) ئەبۇداۋۇد نىڭ «سۇنەن» ناملىق ھەدىس
توپلىمى 5029-ھەدىس، سەھىھ دەپ باھالانغان.

([7]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى،
مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئالبانىينىڭ «سەھىھۇل جامى» ناملىق ئەسەرىدە سەھىھ دەپ
باھالانغان ھەدىس، نومىرى 4130.

([8]) ئىمام بۇخارى
رىۋايىتى

([9]) ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى

([10]) سەھىھ مۇسلىم
1-توم، 337-بەت،57-ھەدىس.

([11]) تەبەرانىي رىۋايىتى

([12]) سەھىھ
مۇسلىم2-توم،1068-بەت، 1444-ھەدىس.