رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m003.jpg

1.نامازغا تاھارەت ئېلىشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا

134. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:«سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا.كىم تاھارەتسىز ناماز ئوقۇيدىكەن، اللە ئۇنى تاھارەت ئالمىغۇچە قۇبۇل قىلمايدۇ.» ــ ئىمام بۇخارى ، ئىمام مۇسلىم توپلىغان

135. ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر قاچا سۇ سوراپ، ئۇنى ئىككى ئالقىنىغا قويۇپ، ئىككى قولىنى ئۈچ قېتىمدىن يۇدى ئاندىن قولىنى قاچىغا سېلىپ سۇ ئېلىپ ئاغزىغا ۋە بۇرنىغا سۇ ئالدى. ئاندىن كېيىن يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇدى ۋە بىلىكىنى جەينىكى بىلەن قوشۇپ يۇدى، ئاندىن بېشىغا مەسىھ قىلدى،ئاندىن كېيىن ئىككى پۇتىنى ئىككى ئۇشۇقى بىلەن قوشۇپ ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇپ بولۇپ،پەيغەمبە ئەلەيھىسالام: «كىمكى ماڭا ئوخشاش مۇشۇنداق تاھارەت ئالغاندىن كېيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسا، نامىزىدا دۇنيا مەشغۇلاتلىرىنى ئويلىمىسا، ئۇنىڭ ئۆتكەنكى گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ،-دېگەن.» دېدى. ــ ئىمام بۇخارى،ئىمام مۇسلىم توپلىغان

2.رەسۇللۇلاھنىڭ تاھارەت ئېلىش ئۇسۇلى توغرىسىدا

136 ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىرسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ تاھارەت ئېلىش ئۇسۇلىنى ئۇنىڭدىن سورىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ تاھارەت ئېلىش ئۇسۇلى بويىچە، ئۇلارغا تاھارەت ئېلىپ بەرگەن: ئۇ سۇنى ئىككى قولىغا قويۇپ قولىنى ئۈچ قېتىمدىن يۇدى،ئاندىن قولىنى قاچىغا سېلىپ سۇ ئېلىپ، ئاغزىغا ۋە بۇرنىغا ئۈچ قېتىمدىن سۇ ئالدى، ئاندىن يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇدى كېيىن ئىككى بىلىكىنى جەينەكلىرى بىلەن قوشۇپ ئۈچ قېتىم يۇدى، يەنە ئىككى قولىدا پىشانىسىدىن باشلاپ ئارقا مىڭىسىگىچە بىر قېتىم مەسىھ قىلدى، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى پۇتىنى ئىككى ئۇشۇقى بىلەن قوشۇپ ئۈچ قېتىمدىن يۇدى. ــ ئىمام بۇخارى،ئىمام مۇسلىم توپلىغان

3.بۇرنىغا سۇ ئېلىش ۋە ھاجەتتىن كېيىن چالمىنى تاق تۇتۇش توغرىسىدا

137.ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:«تاھارەت ئالغان چېغىڭلاردا بۇرنىڭلارغا سۇ ئېلىپ ئوبدان چايقاڭلار،ھاجەت قىلغاندىن كېيىن چالمىنى تاق تۇتۇڭلار». ــ ئىمام بۇخارى،ئىمام مۇسلىم توپلىغان

138.ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:«كىمكى ئۇيقىدىن ئويغىنىپ تاھارەت ئالسا، بۇرنىنى ئۈچ قېتىم چايقىسۇن، شەيتان كىشىلەرنىڭ دېمىقىدا ئۇخلايدۇ». ــ ئىمام بۇخارى، _ئىمام مۇسلىم توپلىغان

4.ئىككى پۇتىنى ئۇشۇقى بىلەن قوشۇپ پاكىز يۇيۇش توغرىسىدا

139.ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر قېتىم سەپەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىزگە يېتىشىۋالغان ۋاقىتتا، ناماز ۋاقتى يېقىنلاپ قالدى، بىز تاھارەت ئېلىپ پۇتىمىزنى يۈزەكىنە يۇيىۋاتاتتۇق،بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:«تپانلىرىنى چالا يۇغانلارغا دوزاخ ئازابىدىن ۋاي!».دەپ ئىككى -ئۈچ قېتىم دېدى.ــ ئىمام بۇخارى،ئىمام مۇسلىم توپلىغان

140.ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دېگەن:«قىيامەت كۈنى مېنىڭ ئۈممەتلىرىم چاقىرىپ كېلىنگەندە،تاھارەتنىڭ تەسىرىدىن چىرايلىرى، قول- پۇتلىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۆزىدىكى نۇرانىلىقنى كېڭەيتەلىسە، كېڭەيتسۇن ». دېدى. ــ ئىمام بۇخارى،ئىمام مۇسلىم توپلىغان