رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m006.jpg

[ئېيتقىنكى: ئاللا تەرەپكە قېچىڭلار [50] سۈرە زارىيات]  ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى ئابدۇللا، ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:« مېنىڭدىن كېيىن ئىختىلاپ ياكى چوڭ ئىشلار يۈز بېرىدۇ. ئەگەر سەن تېنىچلىق ئورنىتىشقا قادىر بولالىساڭ، شۇنداق قىلغىن»   مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئىسلام تاكى قىيامەتكىچىلىك دەۋر سۈرىدىغان بىر دىندۇر. سىلەر قۇرئان نەگە باشلىسا، شۇ يەردە تۇرۇڭلار. بىلىڭلاركى، كەلگۈسىدە قۇرئان كەرىم بىلەن پادىشاھ ئايرىلىپ كېتىدۇ (يەنى قۇرئاننى قانۇن قىلىش ئەمەلدىن قالىدۇ). شۇڭا سىلەر ئۇ چاغدىمۇ قۇرئان كەرىمنىڭ تەلىماتىدىن ھەرگىز ئايرىلماڭلار! بىلىپ قېلىڭلاركى، كەلگۈسىدە سىلەرگە بىر قىسىم كىشىلەر باشلىق بولىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە راۋا كۆرگەننى سىلەرگە راۋا كۆرمەيدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلارغا قارشى چىقساڭلار، سىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ. ئەگەر ئۇلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، سىلەرنى ئازدۇرىۋېتىدۇ،- دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ساھابىلار: ئى ئاللانىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ چاغدا بىز قانداق قىلىمىز؟- دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى قىلغاندەك قىلىڭلار. كاپىرلار ئۇلارنى ھەرىدەپ پارچىلىغان، دارغا ئاسقان بولسىمۇ»[ئەلكەبر]

ھۇزەيفە ئىبنى يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئاللانىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن قىيامەتكىچە مەيدانغا كېلىدىغان ھەر تۈرلۈك پىتنىلەرنى ھەممىدىن ياخشى بىلىمەن. بۇنداق بولۇشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى ھېچكىمگە دەپ بەرمەي، ماڭا مەخپىي ئېيتىپ بەرگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر مەجلىستە پىتنىلەر تۇغرۇلۇق سۆز قىلغاندا، مەنمۇ (ئۇ مەجلىستە) بار ئىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پىتنىلەرنى ساناپ كېلىپ:« ئۇ پىتنىلەردىن ئۈچى ھېچبىر نەرسىنى قالدۇرمايدۇ. ئۇ پىتنىلەرنىڭ بەزىسى ياز شامىلىغا ئوخشاش ھەممە ئادەمگە تېگىدۇ. ئۇنىڭ بەزىلىرى كىچىك، بەزىلىرى چوڭ بولىدۇ» دېگەنىدى. شۇ مەجلىستە مەن بىلەن بىللە بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگىدى، پەقەت مەنلا قالدىم» [مۇسلىم]

 

 

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :« قىيامەتنىڭ ئالدىدا زۇلمەتلىك قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىسىدەك دەھشەتلىك قەبىھ پىتنە – پاساتلار باردۇر»[ ھاكىم سەھىھ]

 

ئەرفەجە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛ مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم:« كەلگۈسىدە پىتنە چىقىدۇ، كەلگۈسىدە پىتنە چىقىدۇ (شۇ زاماندا) كىم بىرلىك ئىچىدە ئۇيۇشقان بۇ ئۈممەتنى پارچىلىماقچى بولسا، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىڭلار» [مۇسلىم]

 

 

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنبەردە تۇرۇپ: مەشرىق تەرەپكە (يەنى كۈن چىقىش تەرەپكە) ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ:« ئاگاھ بولۇڭلاركى، پىتنە ئەنە شۇ تەرەپتىن چىقىدۇ» دېگىنىنى ئاڭلىغانىدىم» [بۇخارى]

 

 

ئىبنى مەسئود رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« بارلىق پىتنە- پاسادلار مۇشۇ تەرەپتىن (يەنى كۈن چىقىش) تەرەپتىن كېلىدۇ» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شەرق تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن:« ئاگاھ بولۇڭلاركى، شەيتاننىڭ ئىككى مۈڭگۈزى شۇ تەرەپتە پەيدا بولىدۇ، بالايىئاپەتمۇ شۇ تەرەپتىن كېلىدۇ» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]

 

 

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :« ھەقىقەتەن ئارقاڭلاردا سىلەردىن كېيىن كېلىدىغان سەۋرىنىڭ زامانى باردۇر، (يەنى پىتنە – پاساتقا ، بالالارغا، سىناقلارغا، دىنسىزلارنىڭ زۇلۇمىغا سەۋرى قىلىش زامانى) شۇ كۈنلەردە سەۋر قىلىپ، ئىسلام دىنىنى مۇستەھكەم چىڭ تۇتۇپ تۇرغۇچىلار ئۈچۈن سىلەردىن بولغان 50 شېھىدنىڭ ئەجىرى بولىدۇ»[ تەبرانى سەھىھ]

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« كىشىلەرگە شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، دىنى ئۈچۈن بەرداشلىق بېرىش چوغنى تۇتقاندەك قىيىن بولىدۇ » [تىرمىزى سەھىھ]

 

ئىبنى مەسئود رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئۈممىتىم ئىختىلاپلاشقاندا مېنىڭ سۈننىتىمگە مەھكەم ئېسىلغۇچى كىشى، خۇددى چوغنى تۇتقاندەك قىيىن بولىدۇ »[ھەكىيىم سەھىھ]

 

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئاخىر زاماندا ئالدامچىلار، كازاپلار بولىدۇ. ئۇلار سىلەر ياكى ئاتا- بوۋاڭلار ئاڭلاپ باقمىغان سۆزلەرنى قىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ھەرگىز ئىشىنىپ كەتمەڭلار. سىلەرنى ئازدۇرۇپ پىتنىگە تىقىپ قويمىسۇن» [مۇسلىم]

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« كەلگۈسىدە نۇرغۇن پىتنىلەر يۈز بېرىدۇ. ئۇ چاغدا ئولتۇرغان تىڭ تۇرغاندىن، تىك تۇرغان ماڭغاندىن، ماڭغان يۈگۈرگەندىن ياخشىراق بولىدۇ. كىم ئۇنىڭغا يۈزلەنسە، ئۇمۇ ئۇنىڭغا يۈزلىنىدۇ. كىم ساقلىنىدىغان بىر پاناھ جاي تاپالىسا، ئۇنىڭدىن ساقلانسۇن» [بۇخارى]

ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«( بىر زامان كېلىدۇكى) مۇسۇلماننىڭ ئەڭ ياخشىسى مېلى قوي بولۇپ قالىدۇ، دىنىنى ساقلاش مەقسىتىدە پىتنىدىن قېچىپ، قويلىرىنى تاغ باغرىغا ھەيدەپ چىقىپ كېتىدۇ. قەيەردە يامغۇر بولسا، شۇ يەردە ئوتلىتىدۇ» [بۇخارى]

 

مەئقىل ئىبنى يەسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« پىتنە زامانىدە ئىبادەت قىلىش، ماڭا ھىجرەت قىلىش بىلەن باراۋەردۇر» [مۇسلىم]

مىقدار ئىبنى ئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« پىتنىدىن قۇتۇلغانلار بەختىياردۇر، پىتنىدىن قۇتۇلغانلار بەختىياردۇر، پىتنىدىن قۇتۇلغانلار بەختىياردۇر، پىتنىگە مۇپتىلا بولۇپ، سەۋر قىلغان ئىنسان نېمىدېگەن بەختلىك؟!» [ئەبۇ داۋۇد سەھىھ]

ئابدۇللا ئىبنى ئامىر ئىبنى رەبىيئەدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: كىشىلەر ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈستىدىن پىتنە تارقاتقان چاغدا، ئاتام ئامىر ئىبنى رەبىيئە بىر كېچىسى تۇرۇپ ناماز ئوقۇدى. ئاندىن ئۇخلىدى. چۈشىدە ئۇنىڭغا: تۇر ئاللادىن سالىھ بەندىلىرىنى ساقلىغان مۇشۇ پىتنىدىن سېنى ئۆز پاناھىدا ساقلىشىنى تىلىگىن!- دېيىلگەنىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ناماز ئوقۇدى. كۆپ ئۆتمەي، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى ۋە ئۆيدىن جىنازىسى چىقتى (يەنى پىتنىدىن قۇتۇلۇپ قالدى)» [ئەلكەبىر]

ھۈزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ىتنە- پاساد قەلبلەرگە خۇددى بورا توقۇلغاندەك توقۇلىدۇ. قايسى قەلبكە بەكرەك توقۇۋېتىلسە، ئۇنىڭغا بىر قارا نوقتا قۇيۇلىدۇ. قايسى قەلب ئۇنى رەت قىلسا، ئۇنىڭغا بىر ئاق نۇقتا قويۇلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىككى قەلب مەيدانغا كېلىدۇ. ئاق قەلب ياقۇتقا ئوخشاش نۇرلۇق بولۇپ، ئاسمان- زېمىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانغا قەدەر پىتنە ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. يەنە بىرى قاپقارا بولغانلىقى ئۈچۈن، خۇددى دۈم كۆمتۈرۈلگەن قازانغا ئوخشايدۇ. ئۇ ياخشىلىقنىمۇ، يامانلىقنىمۇ بىلمەيدۇ. پەقەت ھاۋايى- ھەۋىسىگىلا ئەگىشىدۇ (يەنى ھەقنى بىلەلمەيدۇ) دېگىنىنى ئاڭلىدىم»[بۇخار ۋە مۇسلىم ۋە تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد سەھىھ ]

ھۈزەيفە ئىبنى يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئىنسانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەمىشە ياخشى ئىشلار ھەققىدە سورايتتى. مەن بولسام، مۇپتىلا بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ يامان ئىشلا ھەققىدە سورايتتىم، بىر قېتىم: ئى رەسۇلۇللا! بىز جاھىلىيەت دەۋرىدە يامان ئىشلارنى قىلاتتۇق، كېيىن ئاللا بىزگە بۇ ياخشى دىننى ئاتا قىلدى. بۇ ياخشىلىقتىن كېيىن يامانلىق كېلەمدۇ؟- دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەئە، كېلىدۇ- دېدى. ئۇ يامانلىقتىن كېيىن يەنە ياخشىلىق كېلەمدۇ؟- دەپ سورىغانىدىم: ھەئە، لېكىن ئۇ چاغدا ساپلىق قالمايدۇ- دېدى. ساپلىقنىڭ قالماسلىقى قانداق بولىدۇ؟- دەپ سورىغانىدىم: ئۇ چاغدا مېنىڭ سۈننىتىمدىن چەتنەپ كېتىدىغان كىشىلەر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرى ياخشى، بەزى ئىشلىرى يامان- دېدى. ئۇ ياخشىلىقتىن كېيىن يەنە يامانلىق كېلەمدۇ؟- دەپ سورىدىم. ھەئە، جەھەننەم دەرۋازلىرىغا چاقىرغۇچىلار بولىدۇ، كىمكى ئۇلارنىڭ سۆزىنى تىڭشىسا، ئۇلار ئۇنى جەھەننەمگە ئاتىدۇ- دېدى. ئى رەسۇلۇللا! ئۇلارنى بىزگە تەرىپلەپ بەرگىن!- دېگەنىدىم: ئۇلار بىزنىڭ مىللىتىمىزدىن بولۇپ، بىزنىڭ تىلىمىزدا گەپلىشىدۇ- دېدى. ئۇلارنى كۆرگىنىمدە نېمە قىلىشىم كېرەك؟- دەپ سورىدىم. مۇسۇلمانلار جامائىتى ۋە ئىماملىرىدىن ئايرىلمىغىن!- دېدى. مۇسۇلمانلارنىڭ جامائىتى ۋە ئىمامى بولمىسىچۇ؟- دەپ سورىغانىدىم: ئۇ چاغدا باشقا پىرقىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئايرىلغىن، دەرەخنىڭ يىلتىزىنى يەپ ياشاشقا توغرا كەلسىمۇ، ئۆلگىچە ئايرىم ياشىغىن!- دېدى» [بۇخارى]

ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چۆرىدەپ ئولتۇراتتۇق ئۇ پىتنە ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ، بارماقلىرىنى بىر- بىرىگە گىرەلەشتۈرگەن ھالدا:« ئىنسانلار ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان، ئامانەتكە سەل قارايدىغان بولۇپ كەتكەندە، ھالىڭلار نېمە بولۇپ كېتەر؟- دېدى. مەن: ئى رەسۇلۇللا! ئۇ چاغدا قانداق قىلاي؟- دېگەنىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۆيۈڭدە ئولتۇر، ئاغزىڭنى چىڭ تۇت! بىلگىنىڭگە ئەمەل، قارىغۇلارچە ئەمەل قىلما! ئۆزەڭنىڭ دىنىغا پۇختا بول، ئاۋام خەلق بىلەن كارىڭ بولمىسۇن!- دېدى» [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە سەھىھ]

 

ھۈزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :« ھەقىقەتەن كىشىنىڭ مېلىدا، ئايالىدا، بالىلىرىدا پىتنە باردۇر »[ تەبرانى سەھىھ]

 

ئىبنى مەسئود رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: سىلەردىن ھېچكىم:« ئى ئاللا! ساڭا سېغىنىپ پىتنىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېمىسۇن! چۈنكى ئاراڭلاردا پىتنىگە يولۇقمايدىغان ھېچكىم يوق. ئەمما كىمكى پاناھ تىلىسە پىتنىدىن ئېزىپ كېتىشتىن پاناھ تىلىسۇن. چۈنكى ئاللا قۇرئاندا:[ ئەلۋەتتە ماللىرىڭلار ۋە بالا- چاقاڭلار پىتنىدۇر] دەيدۇ [ئەلكەبىر]

ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ھەقىقەتەن دۇنيا شېرىن ۋە ياپيېشىلدۇ. ئاللاتائالا سىلەرنى دۇنيادا ئورۇنباسار قىلدى. سىلەرنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. مال- دۇنياغا مەغرۇر بولۇپ كېتىشتىن ۋە ئاياللارنىڭ سەۋەبى بىلەن ئېزىپ كېتىشتىن ساقلىنىڭلار. ھەقىقەتەن بەنى ئىسرائىلدىكى پىتنە- پاساد ئالدى بىلەن ئاياللارنىڭ سەۋەبىدىن ئىدى» [مۇسلىم]

 

 

ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« مەن (دۇنيادا) ئەرلەرگە ئاياللاردىنمۇ بەكرەك زىيانلىق پىتنە قالدۇرۇپ قويمىدىم» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]

 

كەئب ئىبنى ئىياز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم:« ھەربىر ئۈممەت ئۈچۈن بىر سىناق بولىدۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ سىنىلىدىغان نەرسىسى مال- دۇنيادۇر» [تىرمىزى ۋە ھاكىم سەھىھ]

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق. ئۇ پىتنە ھەققىدە ناھايىتى كۆپ توختالدى. ھەتتا ئەھلاس پىتنىسىنىمۇ تىلغا ئالدى. ئارىمىزدىن بىرەيلەن: ئى رەسۇلۇللا! ئەھلاس پىتنىسى دېگەن نېمە؟- دەپ سورالغانىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ، بىر- بىرىدىن قېچىش ۋە ئىچكى ئۇرۇش پىتنىسى- دېدى. ئاندىن باياشات تۇرمۇشنىڭ پىتنىسىدىن سۆز قىلىپ: بۇ پىتنىنىڭ سەۋەبچىسى ئەھلى بەيتىمدىن بىر كىشى بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مېنىڭ ئەھلىمدىن ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ. ئەمما ئۇ مەندىن ئەمەس. مېنىڭ ھەقىقىي دوستلىرىم تەقۋادارلاردۇر. كېيىن ئادەملەر ئۆز ئالدىغا ئىش قىلالمايدىغان، قورچاق بىرىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشىدۇ. ئاندىن زۇلمەتلىك بىر پىتنە چىقىدۇ. بۇ پىتنىگە دۇچار بولمايدىغان بىرمۇ ئىنسان قالمايدۇ. بۇ پىتنە ئەمدى تۈگەيدىغۇ دەپ تۇرسا، تېخىمۇ ئەۋج ئالىدۇ. ئىنسانلار ئۇ پىتنە ئىچىدە مۆئمىن بولۇپ تاڭ ئاتقۇزۇپ، كاپىر بولۇپ كەچ قىلىدۇ. ئاخىرىدا ئىنسانلار ئىككى گۇرۇھقا ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ بىرى ئىمان گۇرۇھى بولۇپ، ئۇنىڭدا نىپاق بولمايدۇ. يەنە بىرى، نىپاق گۇرۇھى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىمان بولمايدۇ. ئۇ زامان كەلگەندە، شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ياكى ئەتىسى دەججالنى كۈتۈڭلار!- دېدى» [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد ۋە ھاكىم سەھىھ]

 

 

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار، قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىلىرىغا ئوخشاش پىتنە- پاساتلار مەيدانغا كېلىدۇ. بىر كىشى مۆئمىن ھالىتىدە تاڭ ئاتقۇزسا، كاپىر ھالىتىدە كەچ قىلىدۇ. مۆئمىن ھالىتىدە كەچ قىلسا، كاپىر ھالىتىدە تاڭ ئاتقۇزىدۇ. ئۆزىنىڭ دىنىنى دۇنيانىڭ ئازغىنا نەرسىسىگە سېتىۋېتىدۇ» [مۇسلىم]

 

 

ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قىيامەتتىن بۇرۇن قاپ- قاراڭغۇ كېچىلەردەك (ھەق بىلەن باتىلنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان) پىتنىلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ چاغدا، ئادەملەر ئەتىگىنى مۆئمىن بولۇپ تاڭ ئاتقۇزسا، كەچتە كاپىر بولۇپ كېتىدۇ. ئاخشىمى مۆئمىن ھالەتتە ياتسا، ئەتىگىنى كاپىر بولۇپ قوپىدۇ. ئۇ زاماندا ئولتۇرغان ئۆرە تۇرغاندىن، ماڭغان يۈگۈرگەندىن ياخشىراق بولىدۇ. ئۇ زاماندا ياچاق ۋە قېلىچلارنى سۇندۇرۇپ تاشلاڭلار، بۇ پىتنە بىرىڭلارنىڭ ئۆيىگە كىرسە، ئۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ئەڭ ياخشىسى (يەنى قول ياندۇرماي ئۆلگىنى) بولسۇن!» [ئەبۇ داۋۇد سەھىھ]

باشقا بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن:« ئۇ كۈندە نېمە قىلىشىمىزغا بۇيرۇيسەن؟- دەپ سورىغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ كۈندە ئۆيلىرىڭلارنىڭ پالاسلىرى بولۇڭلار (يەنى ئۆيدىن ئايرىلماڭلار)!- دېدى » [ئەبۇ داۋۇد سەھىھ]

ئابدۇللا ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا يىغىلغىنىمىزدا مۇنداق دېدى:« مەندىن بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئۈممىتىنى ئۆزى بىلگەن ياخشىلىققا چاقىرىشنى ھەق دەپ بىلمىگەن ۋە ئۇلارنى ئۆزى بىلگەن يامانلىقتىن ئاگاھلاندۇرمىغان بىرىمۇ يوق. بۇ ئۈممەتكە كەلسەك، ئۇنىڭ ئەۋۋىلىگە ئامانلىق، ئاخىرىغا بالايىئاپەت يېتىدۇ. سىلەر بىلمەيدىغان بەزى ئىشلار يۈز بېرىدۇ. بىر- بىرىدىن ئېغىر پىتنىلەر مەيدانغا كېلىدۇ. بىر پىتنە كەلگەندە مۆئمىن كىشى:« بۇ مېنىڭ ھالاكىتىم» دەيدۇ. كېيىن پىتنە تۈگەيدۇ. ئاندىن كېيىن يەنە بىر پىتنە كەلگەندە، مۆئمىن كىشى:« مانا بۇ، مانا بۇ» دەيدۇ. كىم جەھەننەمدىن يىراقلىشىپ، جەننەتكە كىرىشنى خالىسا، ئاللا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ھالدا ئۆلسۇن» [مۇسلىم]

ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنە سېپىللىرىدىن بىرىگە چىقىپ:« مەن كۆرگەننى سىلەرمۇ كۆرىۋاتامسىلەر؟ مەن ئۆيۈڭلارنىڭ ئارىسىدىكى پىتنە يەرلىرىنى يامغۇر (تامچىسى) چۈشكەن يەرلەرنى كۆرگەندەك كۆرىۋاتىمەن» دېدى [بۇخارى]

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« باشلىقىڭلار ياخشىلىرىڭلار بولسا، بايلىرىڭلار سېخىيلىرىڭلار بولسا، ئىشلىرىڭلار ئۆز ئارا مەسلىھەت قىلىشىڭلار بىلەن بولسا، زېمىننىڭ ئۈستى ئاستىدىن ياخشىدۇر. ئەمما باشلىقىڭلار يامانلىرىڭلار، بايلىرىڭلار بېخىللىرىڭلاردىن بولسا، ئىشلىرىڭلارنى ئاياللىرىڭلار باشقۇرسا زېمىننىڭ ئاستى ئۈستىدىن ياخشىدۇر» [تىرمىزى]

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئەرەبنىڭ ھالىغا ۋاي! پىتنە يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇ چاغدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن قولىنى تارتقانلار نىجات تاپقۇسى» [ئەبۇ داۋۇد ۋە ھاكىم سەھىھ]

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئى خالايىق! ئاياللىرىڭلار ھەددىدىن ئېشىپ، ياشلىرىڭلار پاسىقلىشىپ كەتسە، ھالىڭلار قانداق بولۇپ كېتەر؟-دېگەن ئىدى. ساھابىلار؛ ئى رەسۇلۇللا! شۇنداق بولامدۇ؟- دەپ سوراشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەئە، ئۇنىڭدىنمۇ يامانراقى بولىدۇ. سىلەر ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشنى تاشلىۋەتكىنىڭلاردا ھالىڭلار قانداق بولۇپ كېتەر؟- دېگەن ئىدى. ساھابىلار؛ ئى رەسۇلۇللا! شۇنداقمۇ بولامدۇ؟- دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام؛ ھەئە، ئۇنىڭدىنمۇ يامانراق بولىدۇ. سىلەر يامان ئىشنى ياخشى، ياخشى ئىشنى يامان دەپ قارىغىنىڭلاردا ھالىڭلار قانداق بولۇپ كېتەر؟- دېدى» [مەۋسىلى]

سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :« ئىنسانلارنىڭ خۇددى قاچىدىكى تاماققا دۈم چۈشكەندەك سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا يوپۇرۇلۇپ كېلىشىگە ئاز قالدى- دېدى. بىرەيلەن: ئۇ چاغدا بىزنىڭ سانىمىز ئاز بولامدۇ؟- دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ياق، سانىڭلار كۆپ بولىدۇ. ئەمما كەلكۈن ئېقىتىپ كېتىۋاتقان ئەخلەت- چاۋاردەك كۈچسىز بولىسىلەر. ئاللا دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قەلبىدىن سىلەرنىڭ ھەيۋىتىڭلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ۋەھن سېلىپ قويىدۇ- دېدى. ئۇ ئادەم: ئى رەسۇلۇللا! ۋەھن دېگەن نېمە؟- دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: دۇنيانى ياخشى كۆرۈپ، ئۆلۈمنى يامان كۆرۈش- دەپ جاۋاب بەردى» [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد سەھىھ]

سەئىد ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدۇق، پىتنە ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاجايىب ئەھۋاللارنى بايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز: ئى رەسۇلۇللا! بۇ پىتنە بىزگە يېتىپ كەلسە، بىزنى ھالاك قىلامدۇ؟- دەپ سورىغانىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ياق، سىلەرگە ئۇ يەردە ئۆلتۈرۈلۈشنىڭ ئۆزى كۇپايە- دەپ جاۋاب بەردى. سەئىد مۇنداق دەيدۇ: مەن پىتنە زامانىدا قېرىنداشلىرىمنىڭ ئۆلتۈرۈلگىنىنى كۆردۈم» [ئەبۇ داۋۇد سەھىھ]

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« جېنىم ئىلكىدە بولغان زاتنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئىنسانلارغا شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئۆلتۈرگۈچى نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرگىنىنى، ئۆلگۈچىمۇ نېمە ئۈچۈن ئۆلگىنىنى بىلمەيدۇ- دېدى. ئى رەسۇلۇللا! بۇ قانداق بولىدۇ؟- دەپ سورالغانىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: پىتنە سەۋەبىدىن بولىدۇ. ئۆلتۈرگۈچى ۋە ئۆلگۈچى ھەر ئىككىسى دوزاخقا چۈشىدۇ- دەپ جاۋاب بەردى» [مۇسلىم]

 

 

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئى ئەبۇ زەر!- دېگەنىدى، مەن: لەببەيكە ئى رەسۇلۇللا!- دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كىشىلەرگە ئاپەت كېلىپ، ئىنسانلار توپ- توپ ئۆلۈپ، قەبرە كولايدىغانلار يېتىشمەي قالغاندا، سېنىڭ ھالىڭ نېمە بولۇپ كېتەر؟- دېدى. مەن: ئاللا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر (ياكى ئاللا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بۇيرىغاننى قىلىمەن) دېگەنىدىم: سەۋىر قىلىشىڭ لازىم، سەۋىر قىل!- دېدى. ئاندىن يەنە: ئى ئەبۇ زەر!- دەپ چاقىردى. مەن: لەببەيكە ئى رەسۇلۇللا!- دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەھجارۇ زەيت كەنتىنىڭ قانغا بويالغانلىقىنى كۆرسەڭ، نېمە قىلىسەن؟- دەپ سورىدى. مەن: ئاللا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بۇيرىغاننى قىلىمەن- دېگەنىدىم.: ئۇ چاغدا، ئۆزەڭنىڭ يېقىنلىرىڭ بىلەن بىرگە بولغىن!- دېدى. مەن: ئى رەسۇلۇللا! قېلىچىمنى بوينۇمغا ئېسىپ چىقايمۇ؟- دەپ سورىغانىدىم: ئۇ چاغدا سەنمۇ ئۇلارغا قوشۇلغان بولىسەن؟- دېدى. مەن: ئۇنداقتا، مېنى نېمە قىلىشقا بۇيرۇيسەن؟- دەپ سورىغانىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۆيۈڭدە ئولتۇرغىن!- دېدى. ئۆيۈمگە باستۇرۇپ كىرسىچۇ؟- دېگەنىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەگەر قېلىچنىڭ يالتىرشىدىن قورقساڭ، كىيىمىڭ بىلەن يۈزۈڭنى ئورىۋالغىن (يەنى سەن قول ياندۇرما) چۈنكى قاتىل سېنى ئۆلتۈرگەننىڭ گۇناھىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالىدۇ- دېدى» [ئەبۇ داۋۇد]

ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« مەندىن كېيىن ئۈممىتىمنىڭ ئۆزئارا قېنىنى تۆكۈشكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى كۆردۈم. چۈنكى ئاللا بۇنى بۇرۇنقى ئۈممەتلەردە كۆرۈلگەندەك، بۇ ئۈممەتكىمۇ تەقدىر قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن قىيامەتتە ئۇلارغا شاپائەت قىلىش ھوقۇقى سورىغانىدىم، ئاللاتائالا ماڭا ئۇ ھڭقۇقنى بەردى» [ئەھمەد]

 

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىدىم:« سىلەرگە ۋاي، دىققەت قىلىڭلار! مەندىن كېيىن بىر- بىرىڭلار بىلەن ئۇرۇشۇش تۈپەيلى كاپىر بولۇپ كەتمەڭلار» [بۇخارى]

ۋاسلەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« مېنى سىلەردىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىدۇ دەپ گۇمان قىلامسىلەر؟ ئاگاھ بولۇڭلاركى، مەن سىلەردىن بۇرۇن ۋاپات بولىمەن، سىلەر بەزىڭلار- بەزىڭلارنى ئۆلتۈرۈپ بىر-بىرلەپ تۈگىگەن ھالدا ماڭا ئەگىشىسىلەر»[ ئەھمەد سەھىھ]

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ھەقىقەتەن قىيامەت قايىم بولۇش ئالدىدا زور قىرغىنچىلىق يۈز بېرىدۇ. ئۇ كۇففارلارنىڭ قىرغىنچىلىقى ئەمەس. لېكىن، ئۇ مۇشۇ ئۈممەتنىڭ بەزىسى- بەزىسىنى ئۆلتۈرۈشى، ھەتتا، بىر كىشىگە ئۇنىڭ قېرىندىشى ئۇچرىسىمۇ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېرىدۇ. شۇ زاماننىڭ ئەھلىنىڭ ئەقىللىرى تارتىلىپ كېتىپ كىشىلەرنىڭ شاللاقلىرى، نادانلىرى خەلىپە قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنى بىز توغرا يولدا دەپ داۋا قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار توغرا يول ئۈستىدە ئەمەس» [ئەھمەد ۋە تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە ۋە بۇخارى ۋە مۇسلىم سەھىھ]

سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئۈممىتىمنىڭ ئارىسىغا قېلىچ قويۇلۇپ قالسا (يەنى ئۆز- ئارا جەڭ بولسا) قىيامەت كۈنىگىچە كۆتۈرۈلمەيدۇ. (يەنى ئۆز- ئارا جەڭ توختىمايدۇ)» [تىرمىزى سەھىھ]

زۇبەير ئىبنى ئەدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىغا ھەججاجنىڭ قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى شىكايەت قىلىپ كەلدۇق. ئۇ: سەۋر قىلىڭلار. مەن شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:« بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئاللاتائالانىڭ دەرگاھىغا بارغۇچە تېخىمۇ بەتتەررەك كۈنلەر كېلىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم» دېدى [بۇخارى]

مەنبە:ئۆزەم

پايدىلانغان كىتابلار: بۇخارى، سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى، 9 ھەدىس كىتاب، مىشكات، ياخشىلار باغچىسى