رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىجابەت بولغانلىقى ساماۋىي كىتابلار ۋە تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنغان دۇئالار ئىنتايىن كۆپ. تۆۋەندە بىر قانچە مىسال بېرىمىز: 1. ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغان. «ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇۋېتىپ ‹پەرۋەردىگارىمز! بىزنىڭ (خىزمىتىمىزنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمىزنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمىزنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن. پەرۋەردىگارىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزەڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزەڭگە ئىتائەتمەن ئۇممەت چىقارغىن، بىزگە ھەججىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەن. پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، كىتابىڭنى، ھېكمەتنى ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن، ھەقىقەتەن سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن› دېدى»([1]).

ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام نەسلىدىن پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى چىقارغان. «ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: ‹پەرۋەردىگارىم! بۇ يەرنى (مەككىنى) تىنچ شەھەر قىلىپ بەرگىن، ئاھالىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلارنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغىن دېدى»([2]). مەلۇمكى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ، مەككە شەھىرى ئىمان ۋە ھىدايەتنىڭ مەركىزى بولغان شۇ ئۇزۇن تارىختىن بېرى، بۇ شەھەرگە كۇففارلارنىڭ ياكى ئىستىلاچىلارنىڭ قەدىمى بېسىلغان ئەمەس. ھازىرمۇ دۇنيادا ئەڭ تىنچ شەھەر، ئاھالىسى قىش ۋە ياز ھەر ۋاقىت ئۆزىدە بولمىغان ھەر تۈرلۈك شېرىن مېۋىلەر بىلەن رىزىقلىنىپ كەلمەكتە.

2. ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغان. «نۇھ ئېيتتى: ‹پەرۋەردىگارىم يەر يۈزىدە كاپىرلارنىڭ بىرىنىمۇ قويمىغىن›»([3]). ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغانلىقتىن، ئۇنى مەسخىرە قىلغان كۇففارلارنى تۇپان سۈيى بىلەن غەرق قىلغان. بۇ دۇنيا تارىخىدا مەشھۇر ۋەقەلىك. بۇ ۋەقەنى ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنىڭ ئالدىنقىسىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئۇلار گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن (توپان بىلەن) غەرق قىلىندى، دوزاخقا كىرگۈزۈلدى، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ياردەمچى تاپالمىدى»([4]).

3. ئاللاھ تائالا زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغان. ئۇ ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ: «ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى يالغۇز قويمىساڭ، سەن ئەڭ ياخشى ۋارىستۇرسەن »([5]) دەپ دۇئا قىلغىنىدا، ئۇنىڭ ياشىنىپ قالغىنى ۋە ئايالىنىڭمۇ ياشىنىپ قالغان ھەم تۇغماسلىقىغا قارىماي، ئۇنىڭغا يەھيا ئەلەيھىسسالامنى ئاتا قىلغان.

4.  ئاللاھ تائالا ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغان. ئۇ: «(پەرۋەردىگارىم!) بېشىمغا دەرت كەلدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن»([6]) دەپ ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلغىنىدا، ئۇنىڭغا شىپالىق ئاتا قىلغان. «ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتتۇق»([7]).

5. ئاللاھ تائالا يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغان. ‹ئۇ (بېلىقنىڭ قارنىدىكى) قاراڭغۇلۇقتا:‹پەرۋەردىگارىم! سەندىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق، سېنى (جىمى كەمچىلىكلەردىن) پاك دەپ تەرىپلەيمەن، مەن راستىنلا ئۆز-ئۆزۈمگە ھەقسىزلىق قىلغۇچىلاردىن بولدۇم› دەپ نىدا قىلدى. ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنى غەمدىن خالاس قىلدۇق، بىز مۆمىنلەرنى شۇنداق قۇتقۇزىمىز»([8]).

6. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلغان. بۇنىڭغا مىساللار ناھايىتى كۆپ. قىبلىنىڭ بەيتۇلمۇقەددەستىن كەبىگە ئۆزگەرتىلگەنلىكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرەت ئەسناسىدا كۇففارلارنىڭ سۇيىقەستىدىن ئامان قالغانلىقى، مەككىنىڭ پەتھى قىلىنغانلىقى، ئۇھۇد ۋە باشقا غازاتلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبىگە ئېرىشكەنلىكى ۋە باشقا ئۇلۇغۋار ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقى ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئالىرىنىڭ ئىجابەت بولغانلىقىنىڭ ئۆرنەكلىرىدىندۇر. ئىمام بۇخارى بىلەن مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «مەدىنىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتكەن بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلىپ:  «ئى ئاللاھ! بىزگە ئەمەس، بىزنىڭ ئەتراپىمىزغا ياغدۇرغىن» دېگەن دۇئانى ئۈچ قېتىم ئوقۇۋىدى، مەدىنە ئاسمىنىدا پەيدا بولغان بۇلۇتلار مەدىنىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىگە تارقاپ كەتتى، يامغۇر مەدىنە ئەتراپىدا يېغىشقا داۋام قىلغان بولسىمۇ، مەدىنىگە بىر تامچە يامغۇرمۇ چۈشمىدى. بۇ ئارقىلىق ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنىڭ كارامىتىنى ۋە دۇئاسىنىڭ ئىجابىتىنى ئېنىق كۆرسەتتى»([9]).

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى ھەرقانداق مۆمىن كىشىنىڭ يۈرەكتىن قىلغان دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇ. بۇنىڭغا كۆپلەپ مىساللارنى كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. تۆۋەندە بىر قانچە مىسال بىلەن كۇپايە قىلىمىز:

7. ئاللاھ تائالا  ئەسھابۇلكەھفنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغان. ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە رەھمەت خەزىنىلىرىڭدىن ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى تۈزەپ، بىزنى ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن قىلغىن»([10]) دەپ دۇئا قىلغانىدى. ئەسھابۇلكەھف – ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ئەگەشكەن رىملىق يىگىتلەر بولۇپ، ئۇلار بۇتپەرەس پادىشاھ داقيانۇسنىڭ زۇلمىدىن قېچىپ ئۆز دىنىنى ساقلاش ئۈچۈن ئۆڭكۈرگە سېغىنغان ۋە ئاللاھ تائالادىن ھىدايەت تىلىگەن كىشىلەر ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغانلىقتىن، ئۇلار ھىدايەت مەشئەللىرى سۈپىتىدە تارىخقا قەيت قىلىنىپ جىمى مۆمىنلەرنىڭ قەلبىدە چاقناپ كەلمەكتە.

8. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېكايە قىلىپ بەرگەن« ئۆڭكۈردىكى ئۈچ كىشى»نىڭ قىسسىسىدە، مەزكۇر ئۈچ ئادەمنىڭ ئاللاھ تائالاغا بارچە ئىخلاسى بىلەن قىلغان دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ، ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزى ئېچىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ سالامەت چىقىپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان.

9. ئۇۋەيس قىزى ئەرۋا سەئىد ئىبنى زەيدگە قارا چاپلاپ، «ماڭا تەئەللۇق زېمىننى ئېلىۋالدى» دەپ قازى مەرۋان ئىبنى ھەكەمگە ئەرز سۇنىدۇ. سوت جەريانىدا سەئد ئىبنى زەيد مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ‹كىمكى بىراۋنىڭ بىر غېرىچ يېرىنى ھەقسىز ئېلىۋالىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ بوينىغا يەتتە قات زېمىن تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ يېرىنى ئېلىۋالامتىمەن؟!› قازى: ‹بۇ سۆزدىن كېيىن سەندىن پاكىت تەلەپ قىلمايمەن. ئى ئاللاھ! ئەگەر بۇ ئايال يالغان ئېيتقان بولسا، ئۇنىڭ كۆزىنى كور قىلغىن ۋە ئۇنى ئۆز زېمىنىدە ئۆلتۈرگىن› دەيدۇ. ھېلىقى ئايال راستىنلا كۆزىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ ۋە ھويلىسىدىكى بىر قۇدۇققا چۈشۈپ ئۆلىدۇ»([11]).

10. ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى كۇفە شەھىرىگە ۋالى  قىلىپ ئەۋەتىدۇ، كۇفە ئەھلى ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ خەلىپىگە ئەرز يازغاندىن كېيىن، خەلىپە ئۆمەر ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ۋالى قىلىپ ئەۋەتىدۇ. خەلىپە كۇفە شەھىرىگە سەئد بىلەن بىرگە مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ سەئد توغرۇلۇق بارلىق مەسجىدلەرگە بېرىپ سوراشتۇرىدۇ. كۇفە مەسجىدلىرىنىڭ ھەممىسىدە كىشىلەر سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ماختايدۇ، پەقەت بىرلا مەسجىدتە، بىر ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ: «سەئد توغرۇلۇق گۇۋاھلىق سورىساڭلار، سەئد غازاتتىن قاچاتتى، غەنىيمەتنى ئادالەت بىلەن تەقسىم قىلمايتتى، ئەرزلەرنى ئادالەتلىك سورىمايتتى» دەيدۇ. شۇۋاقىتتا سەئد دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ: «ئى ئاللاھ! ئەگەر بۇ بەندەڭ ئۆزىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش نىيىتىدە يالغان ئېيتىپ ماڭا شۇنداق تۆھمەت قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغىن، پېقىرلىقىنى زىيادە قىلغىن ۋە پىتنىگە دۇچار قىلغىن» دەپ دۇئا قىلىدۇ. راستىنلا بۇ ئادەم قېرىلىقتىن ئىككى كىرپىكى كۆزلىرىنى يېپىۋالغان، كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە كۈندە دېگۈدەك ئۇچرىغان ھالدا خورلۇققا قالىدۇ. ئۇ ھەمىشە ئۇھ تارتىپ، «مەن سەئدنىڭ قارغىشىغا كەتتىم، ئۇنىڭ دۇئاسى مېنى تۇتتى»([12]) دەيدىكەن.

11. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئالتە نەپەر كىشى ۋەزىپە ئۆتەش يولىدا مەككىگە يېقىن بىر جايدىكى ھۇزەيل قەبىلىسىدىن بولغان مۇشرىك كۈچلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئۇلار سان جەھەتتە ئۆزلىرىدىن كۆپ بولغان مۇشرىكلار بىلەن ئېلىشىپ ھەممىسى شەھىد بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاسىم ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ بار بولۇپ، ئۇھۇد غازىتىدا ئاسىم ئىبنى سابىتنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى ئوغلىنىڭ قىساسى ئۈچۈن ئاسىمنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ بېشىنى قەدەھ قىلىپ ھاراق ئىچىشكە قەسەم قىلغان ۋە ئاسىمنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ كەلگەن كىشىگە مال– دۇنيادىن خالىغىنىنى بېرىشنى ۋەدە قىلغان سۇلافە مەككىدە ئاچچىقىدىن بوغۇلۇپ يۈرەتتى. ئاسىمنى شەھىد قىلغانلار دەسلەپتە ئۇنىڭ ئاسىم ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولسىمۇ، كېيىن تونۇپ قېلىپ ئۇنىڭ بېشىنى سۇلافىگە تاپشۇرۇش ئارقىلىق مال – دۇنياغا غەرق بولۇش تەمەسىدە جەسەدنىڭ يېنىغا كەلگىنىدە، بىر توپ ھەرە جەسەدنى چۆرىدەپ يۈرۈپ ئۇلارنى زادى جەسەدكە يېقىنلاشتۇرمايدۇ. ئۇلار ئاخىرى ئاسىمنىڭ بېشىنى ئەتىسى ئەتىگەندە ئېلىشقا كېلىشىپ قايتىپ كېتىشىدۇ، شۇ كېچىسى ياغقان يامغۇر بىلەن سەل ئاسىمنىڭ جەسىدىنى قاياققىدۇر ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇلار جەسەدنى ئىزدەپ قەتئى تاپالمايدۇ. چۈنكى ئاسىم شەھىد بولۇش ئالدىدا ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ: «ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ ئۇلۇغ دىنىڭنى قوغداش يولىدا جېنىمنى پىدا قىلدىم، مېنىڭ جەسىدىمنى كۇففارلارنىڭ قولىغا چۈشۈرمىگەيسەن» دەپ دۇئا قىلغان ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغانلىقتىن، ئۇنىڭ جەسىدى كۇففارلارنىڭ قولىدا خارلانمىغان.

12. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابەلىرىگە ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر ئادەمنىڭ قىسسىسىنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر كىشى دىنداشلىرىدىن بولغان بىراۋدىن مىڭ دىنار قەرز سورايدۇ، قەرز بەرگۈچى ئۇنىڭدىن گۇۋاھچى تەلەب قىلغىنىدا، ئۇ ‹گۇۋاھچىلىققا ئاللاھ تائالا يېتەرلىك › دەيدۇ، ئۇ كاپالەت تەلەب قىلغىنىدا، ‹كاپالەت بېرىشكە ئاللاھ تائالا يېتەرلىك› دەيدۇ. قەرز بەرگۈچى ئۇنىڭغا ‹راست ئېيتتىڭ› دەيدۇ- دە، مەلۇم مۇددەتلىك قەرز ھېسابىدا مىڭ دىنارنى ئۇنىڭغا بېرىدۇ. قەرز ئالغۇچى پۇلنى ئېلىپ دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا كېتىدۇ ۋە ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىدۇ. ئاندىن قەرزنى بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشقا بېرەر كېمە ياكى قېيىق ئىزدەپ يۈرۈپ قەتئىي تاپالمايدۇ، كۆپ باش قاتۇرۇپ ئاخىرى بىر چوڭ ياغاچنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئويۇپ ئامانەت بىلەن خەتنى ئۇنىڭ ئىچىگە سالىدۇ – دە، ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ : ‹ئى ئاللاھ! پالانىدىن ۋاقىتلىق مىڭ دىنار قەرز ئالغانلىقىمنى سەن بىلىسەن، ئۇ مېنىڭدىن گۇۋاھچى تەلەب قىلغىنىدا سېنى گۇۋاھچى قىلسام قوبۇل قىلغان ئىدى، كاپالەت تەلەب قىلغىنىدا سېنى كېپىل قىلسام  ئۇنىڭغا رازى بولغان ئىدى، مەن بېرەر كېمە تېپىپ ئامانەتنى ۋاقىتىدا يەتكۈزۈشكە تىرىشقان بولساممۇ ئۇنىڭغا چامىم يەتمىدى. بۇ ئامانەتنى ساڭا تاپشۇردۇم› دەپ دۇئا قىلىپ، ھېلىقى ياغاچنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىدۇ. قەرز بەرگۈچى قەرزنىڭ ۋاقتى توشقانلىقى ئۈچۈن قەرزدارنىڭ كېلىپ قېلىشىنى كۈتۈپ دېڭىز بويىغا چىققان ئىدى. ئۇ دېڭىزدا ئېقىپ كەلگەن ياغاچنى كۆرۈپ، ئۇنى ئوتۇن قىلىپ بالىلىرىنى ئىسىندۇرۇش نىيىتى بىلەن ئۇ ياغاچنى سۈزۈپ ئېلىپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدۇ. ياغاچنى يارغىنىدا مىڭ دىنار ئامانەت بىلەن خەتنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. بۇ ئارىدا قەرزدارمۇ يېتىپ كېلىدۇ، ئۇ يەنە مىڭ دىنار ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇ ئۆزۈر ئېيتىپ: ‹مەن ئامانەتنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇش ئۈچۈن كېمە ئىزدېگەن بولساممۇ، مۇشۇ كېمىدىن بۇرۇنراق كېلىدىغان بېرەرسىنى تاپالمىغانلىقىم ئۈچۈن كېچىكىپ قالدىم› دەيدۇ، قەرز بەرگۈچى: ‹سىز ماڭا بېرەر نەرسە ئەۋەتكەنمىدىڭىز› دەپ سورايدۇ، قەرزدار: ‹مەن سىزگە دەۋاتىمەنغۇ مۇشۇ كېمىدىن بۇرۇنراق كېلىدىغان بېرەر كېمە تاپالمىدىم› دەپ جاۋاب بېرىدۇ، قەرزدار: ‹سىز ياغاچ بىلەن ئەۋەتكەن ئامانەتنى ئاللاھ تائالا سىز ئۈچۈن ئادا قىلدى، سىز ئەمدى مىڭ دىنارىڭىزنى ئېلىپ قايتىڭ› دەيدۇ»([13]).

بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  بىزگە بايان قىلىپ بەرگەن ئىجابەت قىلىنغان دۇئالاردىن بىر ئۈلگە بولۇپ، بۇنىڭدا دۇئادىكى چوڭقۇر ئىخلاس، سەمىمىيەت ۋە كەم ئۇچرايدىغان ۋاپادارلىق، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشقا بولغان جىددىي ھېرىسمەنلىك ۋايىغا يەتكەن.

يۇقىرىقىلاردىن باشقىمۇ ئىجابەت بولغان دۇئالارنىڭ مىساللىرى ئىنتايىن كۆپتۇر. شەرتلىرى توشقان دۇئالارنىڭ، خۇسۇسەن ئاتا – ئانىنىڭ بالىلىرىنىڭ پايدىسى ياكى زىيىنى ئۈچۈن قىلغان ھەر قانداق دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىۋاتقانلىقى، ھەتتا قۇرغاقچىلىقتىن يامغۇر تىلەپ قىلىنغان دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولىۋاتقانلىقى شەك قوبۇل قىلمايدىغان بىر رىئاللىقتۇر.

([1])      بەقەرە سۈرىسى 127 – 129 – ئايەتلەر.

([2])      بەقەرە سۈرىسى 126-ئايەت.

([3])      نۇھ سۈرىسى 26- ئايەت.

([4])      نۇھ سۈرىسى 25 – ئايەت.

([5])      ئەنبىيا سۈرىسى89 ـ ئايەت.

([6])      ئەنبىيا سۈرىسى83 ـ ئايەت.

([7])      ئەنبىيا سۈرىسى 84 - ئايەت

([8])      ئەنبىيا سۈرىسى 87 – 88 - ئايەتلەر

([9])      ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([10])    كەھف سۈرىسى 10 – ئايەت.

([11])    ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([12])    ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

([13])    ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان.