رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

1. قۇرئاننى تاھارەت بىلەن ئوقۇش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر. لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغاندۇر. ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ»([1]) دەيدۇ.

2. قۇرئان ئوقۇشتىن بۇرۇن ئەئۇزۇبىللاھى مىنەششەيتانىررەجىيىم دەپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسە قىلىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ (ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن»([2]).

3. قۇرئاننى چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئاننى چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇڭلار»([3]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بىرەر نەرسىگە قۇرئاننى يۇقىرى ئاۋازدا چىرايلىق ئاھاڭ بىلەن ئوقۇغان پەيغەمبەرگە قۇلاق سالغىنىدەك قۇلاق سالغان ئەمەس»([4]).

4. قۇرئاننىڭ مەنىسىنى بىلمىسىمۇ، ئاللاھ ماڭا سۆزلەۋاتىدۇ دېگەن ئېتىقادتا تۇرۇپ، ئىخلاس بىلەن ئوقۇش. ئاللاھ تائالا ھەر قانداق بىر ئىبادەتنى ئىخلاس بىلەن قىلىش تەلەب قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى»([5]).

5. قۇرئان ئوقۇشنى مەئىشەتنىڭ  كەسپىگە ئايلاندۇرىۋالماسلىق. پەقەت ئاخىرەتلىك ساۋابنى كۆزلەپ ئوقۇش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى (قىلغان ئەمەلى بىلەن) ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ ساۋابىنى زىيادە بېرىمىز، كىمكى (ئەمەلى بىلەن) دۇنيانىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىسە، (ئۇنىڭ تىلىگەن) مەنپەئىتىنىڭ بەزىسىنى بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ساۋابتىن) ھېچ نېسىۋە يوق»([6]).

6. قۇرئاننى قۇرئان ئوقۇش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ، ئوچۇق ئوقۇش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە _ دانە، ئوچۇق) ئوقۇغىن»([7]).

([1])      ۋاقىئە سۈرىسى 77 ـ 79 ـ ئايەتلەر.

([2])      نەھل سۈرىسى 98 ـ ئايەت.

([3])      ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.

([4])      ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([5])      بەييىنە سۈرىسى 5 _ ئايەت.

([6])      شۇرا سۈرىسى 20 _ ئايەت.

([7])      مۇززەممىل سۈرىسى 4 ـ ئايەت.