رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m007.jpg

ئىنسان ئۆز غايىسى ۋە نىشانلىرىغا يىتىش ياكى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۈچ كىلىدۇ. بۇ قىيىنچىلىقلار بەزىدە ئىنساننى روھى جەھەتتىن مەغلۇب بولۇش ۋە ئۈمىتسىزلىككە ئېلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىق ئالدىدا تەسلىم بۇلۇشقا ۋە قىينچىلىقتىن قۇتۇلۇش يولى يوق ئوخشايدۇ، دېگەن چۈشەنجىگە ئېلىپ بارىدۇ. ئىنسان ئەگەر ئۆز ھالىنى ئۆزگەرتىش، ئالدىغا قاراپ تەرەققى قىلىش ياكى ئۈزىنى يتىلدۈرۈشنى ئويلايدىكەن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ۋە كىلىشمەسلىكلەر دۈچ كىلىدىغان بولۇپ، بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ ئەڭ خەتەرلىكى ئىنساننىڭ ئۆزىدۇر. چۈنكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقلار ئىنساننىڭ ئۆز نەپسىدىن ئۇرغۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئانى كەرىممۇ ئىنساندىكى كەمچىلىكلەرنى ئىنساننىڭ ئۈزىگە نىسبەت قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: سىلەرگە يەتكەن مۇسىبەت سىلەر دۈشمەنگە يەتكۈزگەن مۇسىبەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان تۇرسا، سىلەر يەنە: «بۇ مۇسىبەت قەيەردىن كەلدى؟» دېدىڭلار. ئېيتقىنكى، «ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزلىرىڭلاردىن (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلار ۋە غەنمەتكە ھېرىس بولغانلىقىڭلاردىن) بولدى». اﷲ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر. [ئال ئىمران سۈرىسى 165-ئايەت].

مۇسىبەت ۋە خاتالىقلارنىڭ مەنبەسى كۆپىنچى ھالدا ئىنسانلارنىڭ ئۆزى بولۇپ، بىنا قىلىش ياكى بۇزۇشمۇ ئالدى بىلەن ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن باشلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: . ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى اﷲ نىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۈممىگىچە) اﷲ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى اﷲ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت ـ ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ. [سۈرە رەئد 11- ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئىچكى جەھەتتىن ئۆزگىرىش بولمايدىكەن، تاشقى جەھەتتىكى تەسىرنىڭ ئانچە تەسىرى بولمايدۇ.

ئىيجابى ياكى سەلبى جەھەتتىن ئۆزگىرىشنىڭ ئاساسى ئىچكى ئۆزگۈرۈش ئىكەنلىكىنى، تاشقى ئامىلنىڭ تەسىرنىڭ كۈچلۈك بولمايدىغانلىقىنى بىلگەن ئىكەنمىز ھەر قانداق شەخىس ياكى مىللەتنىڭ ئۆزنى ئۆزگەرتىشى ياكى ئۆز ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلىشى ۋە قىينچىلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ ئىسلاھات تەرەپكە يۈزلىنىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۈزىنى تۈزىتىشى ۋە ئىىچكى جەھەتتىن ئىسلاھ قىلنىشى لازىملىقىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىم.

كىمىكى، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشنى ۋە ئۈزىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ كامالەتكە يىتىشنى ئويلايدىكەن، ئالدى بىلەن قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كىلىدىغانلىقىنى ئويلىشى، ئۆزگىرىش ياكى ئۆزگەرتىش يولىنىڭ ھەرگىزمۇ ئاسان يول ئەمەسلىكىنى بىلىشى كېرەك. كىمىكى قىيىنچىلىق ۋە مۇشەققەتسىز ھالدا ئۆزگىرىش ياكى تەرەققى قىلىشنى ئويلايدىكەن، بۇ كىشىنىڭ ھايات دېمەك كۈرەش دېمەكتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىدىن، ئۆزگىرىش ۋە تەرەققى قىلىش قانۇنىيىتىدىنمۇ خەۋەرسىز ئىنسانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ.

مادامىكى، ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىيات جەريانىدا دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار، ئۆزگىرىشنىڭ زۈرۈرىيەتلىرىدىن بولىدىكەن، بۇ ھەقتىكى سەلبى پىكىرلەرمۇ مەغلۇبىيەت ھىساپلىنىدۇ.

ھەقىقەتەن ئىنسان ئۆز غايىلىرى ۋە نىشانلىرىغا يىتىش جەريانىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراش ئارقىلىق ئالاھىدە كۈچ قۇۋۋەت ۋە تەجرىبىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

ئەگەردە بىز بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشتا مەسىلىگە ئىيجابىي قارايدىغان بولساق، مەسىلىنى ھەر قانداق ئىشقا سەلبىي قارايدىغان كىشىلەردىن تىز ھەم ئاسانلا ھەل قىلالايمىز. بىزنىڭ بىر ئىشتا غەلبە قىلغۇچى بولۇشمىز بىلەن مەغلۇپ بولغۇچى ياكى قۇربان بولغۇچى بولۇشىڭ ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە پەرق بار. ئەگەر بىز دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى بىزگە بولغان ھەدىيە دەپ قارايدىغان بولساق، چوقۇمكى بىز ھەر قانچە قىيىنچىلىقلار بولسىمۇ يىڭىپ غايە ۋە نىشانلىرىمىزغا يىتەلەيمىز.

مەسىلىگە مەغلۇبىيەت كۆزى بىلەن قاراش ياكى غەلبىدىن ئۈمىتسىزلىنىش بىزگە ھېچقانداق ياخشى نەتىجە ئېلىپ كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مەغلۇبىيەتكە بولغان ئېڭىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز، ئەگەردە مەغلۇبىيەتكە دۈچ كىلىپ قالغان تەقدىردە تۈۋەندىكىدەك ئىش ئېلىپ بېرىشىمىز لازىم.

1- مەغلۇبىيەت بىزنىڭ ئارقىغا قاراشقا مۇھتاج ئىكەنلىكىڭگە دەلالەت قىلىدۇ:

كۆپىنچە كىشىلەر مۇھىم بولمىغان ياكى جۈزئى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئاساسلىق نىشان ياكى يەتمەكچى بولغان غايىسىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىنى توختۇتۇپ، بولىۋاتقان ئىشلاردىن يېراق ھالدا تۇرۇپ ئويلىنىش قىلىشى، نىشانغا يىتىش ئۈچۈن توغىرا يولدا مېڭىۋاتامدۇ، قانداق؟ دېگەنلەر ھەققىدە ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ تەپەككۇر قىلىشى لازىم.

2 – قىيىنچىلىقلار مىڭە پىرتىناسى ئۈچۈن ئالاھىدە پۇرسەت يارىتىپ بىرىدۇ:

بەزىدە بىز پىلان تۈزۈپ ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلىنى ھەل قىلىشتا بۇنىڭدىن باشقا يول بارمۇ يوق؟ دېگەن ھەقتە ئويلانماسىتىن ۋە پىلان ھەققىدە ئالاھىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماستىنلا ئىجرا قىلىشقا ئاتلىنىپ كىتىپ، قىيىنچىلىققا دۈچ كەلگەندىلا ئاندىن مىڭە پىرتىناسى يەنى ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلە ئۈستىدە ئالاھىدە باش قاتۇرۇپ پۈتۈن ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سېلىش ۋە ئاز بەدەل بىلەن مەسىلنى ھەل قىلىشقا تىرىشقىنىمىزدا ئويلىمىغان پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ ئاز بەدەل بىلەن مەسلە ھەل بولىدىغان ئالاھىدە يوللار ئاشكارا بولۇشقا باشلايدۇ.

3- مەغلۇبىيەت بىزنىڭ ئارام ئېلىشقا مۇھتاجلىقىمىزنىڭ ئالامىتىدۇر:

بەزى كىشىلەر بىر ئىشتا مەغلۇپ بولغىنىدا ئۇ ئىشنى چوڭايتىپ، مەسىلىنىڭ ھەجىمىدىن يۇقىرى بەدەل ئۆتەيدۇ ۋە ۋاقىت ئىسراپ قىلىدۇ. جېنى سىقىلىپ بىئارام بولغانسىرى ئىش تەسلىشىپ كىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئىنساننىڭ يىتەرلەك ئارام ئېلىشى مۇھىمدۇر. چۈنكى روھى سىقىلىش ئىنساننى مەسىلىنى خاتا چۈشۈنشكە ئېلىپ بېرىپ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۇسالغۇ بولىدۇ.

بىز بەزى ئۆز پىلانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ياكى نىشانىمىزغا يىتىش ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلغان بولساقمۇ، يەنە مەغلۇپ بولىمىز . ھەتتا شۇ ئىشقا كىرىشىپ قېلىپ باشقا ئىش قىلالماي، ئەڭ خەتەرلىكى نىمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالىمىز. مانا مۇشۇنداق چاغلاردا يىتەرلىك ئارام ئېلىش ئىشنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىمدۇر.

4- مەغلۇبىيەت غەلبە ئۈچۈن پۇرسەتتۇر.

ئەگەردە بىز دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا غەلبە قىلىش ۋە تەجرىبە ساۋاق ئېلىش كۆزى بىلەن قارايدىغان بولساق، چۇقۇمكى پۈتۈن قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىمىز. چۈنكى مەغلۇبىيەت پەقەت مەغلۇبىيەتلا بولماستىن بىزگە نۇرغۇن تەجىربە ساۋاقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ.

شۇنىڭدەك بىزنىڭ مەغلۇب بولىشىمىزنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىدىن بىرى، دائىم بىر خىل ئەھۋالغا كۆنۈپ قىلىش، ئىلگىرلەپ تەرەققى قىلىشقا ئىنتىلمەسلىك، ئاللاھ پىشانىمىزگە پۈتكىنى مۇشۇ ئىكەن دەپ ئۆزىمىزگە تەسەللى بېرىپ ھەممە قىيىنچىلىققا كۆنۈپ قېلىشتۇر. ئەمىلىيەتتە مۇنداق قاراش ئىنساننىڭ قۇدرىتىنى ۋەيران قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان يامان بىر ئەھۋالدا بولسا ياخشىلىنىش ئۈچۈن سەئيى قىلىشى، ھاياتنىڭ پۇرسەت ماكانى ئىكەنلىكىنى لېكىن بۇ پۇرسەتنىڭ سەئيى قىلىش ۋە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەستىن قولغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئونۇتماسلىقى لازىم.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا: بىر خىل ۋەزىيەت ياكى شارائىتنىڭ داۋامىلق دەۋرى سۈرۈشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، قىيىنچىلىق ۋە مۇشەققەتلەرنىڭ ئۇزۇن داۋام قىلمايدىغانلىقىنى، جۈملىدىن قىينچىلىق ۋە مۇشەققەت قانچىكى كۆپەيسە، شۇ قىيىنچلىق زۇلۇمنىڭ ئۆمرىنىڭ قىسقارغانلىقدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىم.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ھەتتا پەيغەمبەرلەر(قەمىنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن) ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە قەۋمى تەرىپىدىن) يالغانغا چىقىرىلغانلىقىغا جەزم قىلغان چاغدا، ئۇلارغا بىزنىڭ ياردىمىمىز يېتىپ كەلدى، بىز خالىغان ئادەملەرنى قۇتقۇزدۇق، بىزنىڭ ئازابىمىز گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ [سۈرە يۈسۈپ 110- ئايەت].

ئەرەپچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدىلئەھەت ئۇجات.