رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

تەۋبىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن بەزى شەرتلەر بار. ئىنسانلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان گۇناھ ۋە قىلمىشلار يا ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن بولىدۇ، ياكى مەخلۇقاتلارنىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ «قىل» ۋە «قىلما» دېگەن ئەمر- پەرمانلىرىنى ئورۇنلاش ئۇنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەقلىرىدىندۇر. بۇلارنى بەجا كەلتۈرۈش ئىنسانلارنىڭ بۇرچىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى گۈزەل سۈرەتتە يارىتىپ، ئۇلارنى يەر يۈزىنىڭ خوجايىنى قىلدى، ئۇلارنى ئەڭ ھۆرمەتلىك قىلدى، ئۇلارغا تۈرلۈك سان- ساناقسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلدى، باشقا مەخلۇقاتلارنى ئۇلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يارىتىپ بەردى. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەقلىرى كۆپتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر- پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۇنىڭ ھەققىگە قارشى قىلمىش سادىر قىلغان بولىدۇ. مەخلۇقاتلارنىڭ، خۇسۇسەن ئىنسانلارنىڭ ھەققى ئىنسانلار تەرىپىدىن زىيان - زەخمەتلەرگە ئۇچرىتىلماسلىقىدۇر. ئىنسانلارنى زىيان- زەخمەتلەرگە ئۇچرىتىش، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى يەۋېلىش ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ھەق- ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق بولىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن گۇناھ - مەسىيەتلەرنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئۈچ شەرت بار، ئۇلار:

1. قىلغان گۇناھ - مەسىيەتلەر ئۈچۈن پۇشايمانلىق ھېس قىلىش.

2 . بۇرۇن قىلغان گۇناھ- مەسىيەتلەرنى قايتا قىلماسلىققا چىن ئىرادە باغلاش.

3. گۇناھ - مەسىيەتلەردىن قەتئى قول ئۈزۈش.

ئەمما ئىنسانلارنىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن قىلمىشلار ۋە يامانلىقلارنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن يۇقىرىقى ئۈچ شەرت بىلەن بىرگە، ھەق ئىگىسىنى رازى قىلىش شەرت قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ خىلدىكى ھەق ئاللاھ تائالانىڭ ھەققى بولماستىن، ئىنسانلارنىڭ ئۆز ھەقلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار قىلمىشكارلىرىنى ئۆزلىرى كەچۈرمىگىچە ئاللاھ تائالا كەچۈرمەيدۇ  ۋە  تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ. مانا بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتىدۇر.

ئىستىغفار رىزىقنىڭ كەڭ بولۇشىنىڭ ئامىلىدۇر

ئاللاھ تائالاغا ئىستىغفار ئېيتىپ، گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىش كەڭ رىزىق، مول بەخت ۋە قىيىنچىلىقلاردىن خالاس بولۇشنىڭ ئامىلىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز قەۋمىگە تەلىم بەرگەنلىكىنى ھېكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «(ئۇلارغا) ئېيتتىم: پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ. سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلەرنى ئاتا قىلىدۇ»([1]).

ئاللاھ تائالا يەنە داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلىدىن ھېكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« ئى قەۋمىم! پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇ كۆپ يېغىن ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرگە تېخىمۇ كۈچ - قۇۋۋەت بېرىدۇ، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن ھالدا(مېنىڭ دەۋىتىمدىن) يۈز ئۆرۈمەڭلار»([2]).

([1])      نۇھ سۈرىسى 10 ـ 12 ـ ئايەتلەر.

([2])      ھۇد سۈرىسى 52 _ ئايەت.