رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

سالام بېرىشپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «سىلەر مۆمىن بولمىغىچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر ـ بىرىڭلارنى سۆيمىگىچە مۆمىن بولالمايسىلەر. سىلەرگە بىر ـ بىرىڭلارنى سۆيىدىغان ئىشنى كۆرسىتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇنداقتا ئاراڭلاردا بىر ـ بىرىڭلارغا سالام بېرىشىشنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار»([1]).پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ساھابىنىڭ ئەمەللەرنىڭ قايسىسى ئەۋزەل ئىكەنلىكى توغرۇلۇق سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: «پېقىرلارغا تائام بېرىشىڭ، سەن تونۇيدىغان ۋە تونىمايدىغانلارنىڭ ھەممىسىگە سالام بېرىشىڭدۇر»([2]).مۇسۇلمانلارنىڭ  ئۆز ئارا ئۇچراشقىنىدا بىر ـ بىرىگە سالام بېرىشى ئىسلامىي ئەنئەنىلەرنىڭ بىرىدۇر. سالام بەرگۈچى «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم (يەنى ئاللاھنىڭ ئامانلىقى سىلەرگە بولسۇن)» دېگەندىن كېيىن، سالامنى قايتۇرغۇچى «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ (يەنى سىلەرگىمۇ ئاللاھنىڭ ئامانلىقى، رەھمىتى ۋە مەغپىرىتى بولسۇن)» دەيدۇ. سالام بېرىشتە، كىچىكلەر چوڭلارغا، يۈرگۈچىلەر ئولتۇرغۇچىلارغا، قاتناش قۇراللىرى ئۈستىدىكىلەر پىيادىلارغا ۋە ئازلار كۆپلەرگە سالام بېرىدۇ.  غەيرى دىندىكىلەرنىڭ سالىمىنى قانداق قايتۇرۇش كېرەك؟پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە ئەھلى كىتاب (يەھۇدىيلار ۋە خرىستىئانلار)ساام قىلسا، ‹وَعَلَيْكُمْ (سىلەرگىمۇ شۇنداق بولسۇن›) دەڭلار»([3]). ياخشىلىق قىلغان كىشى ئۈچۈن قىلىنىدىغان دۇئاجَزاَكَ اللهُ خَيْراً.تەرجىمىى: «ئاللاھ سىزنى ياخشى مۇكاپاتلىسۇن»([4]).  --------------------------------------------------------------------------------([1])     ; ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([2])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([3])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([4])      ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.