رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m043.jpg

سۇئال : سۆيۇملۇك پەيغەمبىرىمىز ھىجرەتتىن كىيىن تۇنجى قىلغان غازات (ئىسلام ئۇرشى) قاچان قەيەردە بولغان . ؟ ھىجىريىنىڭ 1- يىلى رامىزان ئېيىدا (مىلادىيىنىڭ 623-يىلى 4-ئايدا)ھەمزە ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ باشچىلىقىدىكى 30 كىشلىك قوشۇن قۇرەيشلەرنىڭ شامدىن كېلىۋاتقان كارۋىنىنى توسۇشقا بارغان، ئۇلار سەيفۇلبەھرى دىگەن جايدا ئۇچراشقان.سۇئال : ئون مۇبەششىر (تىرىكلىگىدە جەننەت بىلەن خۇش بىشارەت بىرىلگەنلەر) كىملەر . ؟  جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلگەن ساھابىلەر: ئەبۇ بەكرى سىددىق، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئوسمان ئىبنى ئەففان، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ، ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف زۇبەيىر ئىبنى ئەۋۋام تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس سەئىد ئىبنى زەيىد ئەبۇ ئۇبەيدە جەرراھسوئال: ھۇدەيبىيە سۈلھىسى قاچان يۈز بەرگەن ؟ بۇ سۈلھىدە  قايسى شەرتلەر ئوتتۇرغا قويۇلغان ؟ مۇشۇ ۋەقەگە نەچچە مۇسۇلمان قاتناشقان؟ھۇدەيبە سۈلھىسىنىڭ مەزمۇنى؛1-  ئىككى تەرەپ ئون يىلغىچە ئۇرۇش قىلماسلىق.2-  قۇرەيىش تەرپىدىن قىچىپ كەلگەنلەرنى مۇسۇلمانلار قايتۇرۇپ بىرىش،مۇسۇلمانلار تەرپىدىن قىچىپ كەلگەنلەرنى قۇرەيىش قايتۇرۇپ بەرمەسلىك.3-  پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بۇيىل بەيتۇللانى تاۋاپ قىلماي قايتىپ كىتىپ،كىلەر يىلى قۇرەيىش خەلىقى مەككىدىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن،ساھابىلىرى بىلەن مەككىگە كىرىپ ئۈچ كۇن تۇرۇش ۋە مەككىگە قىنىغا سىلىنغان قىلىچ ۋە ئوق -يالاردىن باشقا قۇراللارنى ئىلىپ كىرمەسلىك.4-  ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىسىگە كىرىشى ياكى قۇرەيىشلەرنىڭ ھىمايىسىگە كىرىشى ئۆزلىرىنىڭ ئىختىيارىدا بولۇش.سۇئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانچە پەرزەنتى بولغان؟ نەچچىسى ئوەۇل،نەچچىسى قىز؟ ئۇلار كىملەر؟ جاۋاپ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ 7پەرزەنتى بولغان. 3ئوغۇل ، 4قىز.ئۇلار : قىزلىرى : زەينەپ ، رۇقىيە ، ئۇممۇ گۇلسۇم ، فاتىمە .ئوغۇللىرى : ئابدۇللا ، قاسىم ، ئىبراھىم . ئوغۇللىرى كىچىكىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن.سۇئال : پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام قانچە يىشىدا پەيغەمبەر بولغان ؟ جاۋاپ: 40 يىشدا پەيغەمبەربولغان.سۇئال : پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ تۇنجى ئايالىنىڭ ئىسمى نېىمە؟جاۋاپ:ئسم خەدىيچە ئانىمىز.ئاياللادىن جەننەت بىلەن خەۋەر بىرىيلكەن تۇنجي ئايال. سۇئال : پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام قانچە يىشىدا ئانىسىدىن ئايرىلغان ؟جاۋاپ: 6 يېشىدا ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەن.سۇئال : پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن كىيىن قايسى قىزى ۋاپات بولغان؟پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا قىزلىرى ئۆزىدىن بۇرۇن ۋاپات بولغان،  پەقەت فاتىمە ئانىمىزلا پەيغەمبىرىمزدىن كىيىن ۋاپات بولغان. سۇئال: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سودىدا پايدا تاپتى دەپ تەرىپلىگەن ساھابە كىم؟جاۋاپ : ئۇ سۇھەيىپ ئىبنى سىنان ئىبنى مالىك . ئۇ ئەرەپلەردىن چىققان ئەڭ مەرگەن پەھلىۋان.ئىسلاما دەسلەپكى دەۋىردە ئېمان ئېيتقان. ئۇنىڭ تۇغۇلغان جايى مۇۋسۇل بولۇپ رىملار ئۇنى ئەسىر ئالغان. ئەرەپلەردىن بىرى ئۇنى سېتىۋىلىپ مەككىگە ئېلىپ بارغاندا ئابدۇللا ئىبنى جەنئان ئۇنى سېتىۋىلىپ ئازات قىلىۋەتكەن. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ تىجارەت قىلغان.ئىسلام كەلگەندىن كىيىن 3- نەچچە كىشىدىن كىيىنلا مۇسۇلمان بولغان.مۇسۇلمانار مەدىنىگە ھىجرەت قىلماقچى بولغاندا سۇھەيىپمۇ ھىجرەت قىلىشقا تەييەرلانغان. ئۇ تىجارەت قىپ كۆپ پۇل تاپقان بولغاچقا مەككە مۇشرىكلىرى ئۇنى توسقان ھەمدە :سەن بىزنىڭ قېشىمىزغا پەس قەلەندەر ھالەتتە كەلگەن ئىدىڭ، .ئەمدىلىكتە كۆپ پۇل تېپىپ كەتمەكچى بولۋاتامسەن دەپ تۇرىۋالغاندا  سۇھەيىپ:مەل -مۈلكىمنى تاشلاپ كەتسەم مېنى كەتكىلى قويامسىلەر دېگەن. ئۇلار ماقۇل بولغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ مال مۈلكىنى ئۇلارغا تاشلاپ بېرىپ ھىجرەت قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سودا كېلىشىمىنى ئاڭلاپ:سۇھەيىپ پايدا ئاپتۇ سۇھەيىپ پايدا ئاپتۇ دېگەن.سۇئال:ۋاپاتى ئۇچۇن ئاللاھ تەئالانىڭ ئەرشى تىتىرەپ كەتكەن ساھابىنىڭ ئىسمى نىمە؟ جاۋاپ: ئۇ سەئىد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۇئال : پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا ۋەھىي ئېلىپ كەلگۈچى پەرىشتە كىم؟جاۋاپ: ئۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ھۆرمەتلىك پەرىشتە جىبرائىل ئەلەيھىسسالام سۇئال:ئىككى نۇرنىڭ ئېگىسى دەپ ئاتالغان ساھابە كىم؟جاۋاپ : ئوسمان ئىبنى ئەفۋان.سۇئال: پەيغەمبە ئەلەيھىسالامنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ، مەدىنىگە دىن تارقاتقىلى بارغان ساھابە كىم ؟ جاۋاپ:ئۇ مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيىر. سۇئا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ  ئىنىك  ئانىسىنىڭ  ئىسمى  نىمە؟  ئۇ  ئايال  قەيەردىن؟جاۋاپ : رەسۇللاھنىڭ ئىنىك ئانىسىنىڭ ئىسمى ھەلىمە بىنتى ئەبى زۇەيب، ئۇ بەنى سەئەد قەبىلىسىدىن. ۇئال: پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالام  ئەبۇ  تالىب جىلغىسىدا  قانچە  يىل  تۇرغان ؟   ئۇ  يەردە  تۇرۇشقا  قانداق  ئىشلار  سەۋەپچى  بولغان؟جاۋاپ : رەسۇللاھ ئەبۇ تالىپ جىلغىسىدا 3 يىل تۇرغان ، بەنى ھاشىم ،بەنى مۇتەللىپ جەمەتلىرى ،قۇرەيش دائىرلىرىرگە رەسۇللاھنى چىقىرىپ بەرمەي قوغدىغانلىقى ئۇچۇن،قۇرەيش دائىرلىرى ئۇلار بىلەن سودا قىلماسلىق،توي قىلماسلىق ،باردى-كەلدى قىلماسلىق .......قاتارلىق بىر قاتار ھۇججەتلەرنى ئىمزالىدى ،شۇنۇڭ بىلەن بەنى ھاشىم ،بەنى مۇتەللىپ كىشىلىرى شۇ يەرگە قامال قىلىندى.سۇئال: پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلىك  مەزگىلىدە قانچە يەردە  جىھاد قىلغان؟ قانچىسىگە بىۋاستە قاتناشقان ؟  قانچىسىگە ساھابىلەرنى قوماندان  قىلغان؟جاۋاپ : پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ ماختىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) قوماندانلىق قىلغان ھەربى يۈرۈشلەرنىڭ سانى 29 غا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇرۇش بولغىنى 9 دۇر،  ئۇلار: بەدر، ئۇھۇد، خەندەك، بەنۇ قۇرەيزە، مۇستەلەق، خەيبەر، مەككە فەتھى، ھۈنەين ۋە تائىفتۇر.  قالدىلىرىدا بولسا ئۇرۇشسىز مەقسەتكە يېتىلگەن. تۇنجى قوراللىق ئۇرۇش چوڭ بەدر ئۇرۇشى بولۇپ، ھىجرەتنىڭ 2-يىلى رامىزان ئېيىنىڭ 17-كۈنى ئەتتىگەندە باشلىنىپ شۇكۈنى چۈشكىچە داۋام قىلغان. جەڭچىلەر سانى 1313 بولغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇشرىكلارنىڭ سانى تەخمىنەن 1000، مۇسۇلمانلار سانى تەخمىنەن 313 بولغان. بۇ ئۇرۇشتا كاپىرلاردىن 70 ئۆلۈپ، 70 ئەسىر بولغان...  ھەربى يۈرۈشلەر 8 يىل داۋامىدا بولغان، يەنى ھ 2-يىلىدىن ھ 9-يىلىغىچە تۇنجى ھەربى يۈرۈش ۋىدان، ئاخىرقى ھەربى يۈرۈش تەبۇك بولغان.. ھىجرەتنىڭ 2-يىلىدا ئەڭ كۆپ ھەربى يۈرۈشلەر بولغان بولۇپ، قېتىم سانى 8 گە يەتكەن. ئۇلار: ۋىدان، بەۋات، ئەشىيرە، بىرىنچى بەدر، چوڭ بەدر، بەنى سەلىيم، بەنى قەينۇقا، سەۋىيق(تالقان)دۇر.  ئەمما باشقىلارنى قوماندان قىلىپ ئەۋەتكەن ھەربى قوشۇن قېتىم سانى 36 گە يەتكەن.ئاللاھ ئەڭ بىلگۈچىدۇر..سۇئال: ئىسلام دىنىدىكى چوڭ غازات بەدرى غازىتى قاچان يۈز بەرگەن؟ بەدرى غازىتىغا مەككە مۇشرىكلىرىدىن تەخىمىنەن قانچىلىك ئادەم قاتناشقان؟ مۇسۇلمانلاردىن تەخمىنەن قانچە ئادەم قاتناشقان؟ بەدرى غازىتىدا مۇشرىكلاردىن قانچە ئادەم مۇسۇلمانلاردىن قانچە ئادەم ئۆلدى؟ بەدرى غازىتىدا شىھىت بولغانلار كىملەر؟جاۋاپ : تۇنجى قوراللىق ئۇرۇش چوڭ بەدر ئۇرۇشى بولۇپ، ھىجرەتنىڭ 2-يىلى رامىزان ئېيىنىڭ 17-كۈنى ئەتتىگەندە باشلىنىپ شۇكۈنى چۈشكىچە داۋام قىلغان. جەڭچىلەر سانى 1313 بولغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇشرىكلارنىڭ سانى تەخمىنەن 1000، مۇسۇلمانلار سانى تەخمىنەن 313 بولغان.   ئۇرۇش مۇشرىكلارنىڭ پاجىئەلىك مەغلۇبىيىتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلىكىى بىلەن ئاخىرلاشتى .مۇسۇلمانلاردىن 14 ئادەم شەھىد بولدى.ئۇلارنىڭ ئالتىسى مۇھاجىر،سەككىزى ئەنسارى ئىدى.ئەمما مۇشرىكلار ئەڭ زور چىقىم تارتتى.ئۇلاردىن 70كىشى ئۆلتۈرۈلۈپ،70كىشى ئەسىرگە ئېلىندى.ئۇلارنى تولىسى ھەربىي قوماندان ۋە كاتتىباشلار ئىدى.