رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

روزىنىڭ ئەخلاقنى يېتىشتۈرۈشتىكى رولى(1)

ئاللاھ تائالا ئىبادەتلەرنى پەقەت ئىنسانلارلارنىڭ نەپسىنى پاكلاش، روھىنى يۈكسەلتىش ئۈچۈن بۇيرىغان بولۇپ، ئىبادەت بىلەن ئەخلاق يېتىلىدۇ. چۈنكى ئىنسان ئىبادەتلەرنى كۆرسىتىلگەن بويىچە، تولۇق ۋە تەلەبكە لايىق ئورۇندىغىنىدا ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى پارلاپ نۇرلىنىدۇ، پەزىلەت ۋە ئەخلاقتىن بولغان نېسىۋىسى كۆپىيىدۇ. مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىنى ياخشىلىققا ئۆزگەرتىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ ئىچىدە روزىنىڭ تەسىرى كۈچلۈكتۇر. روزا تۇتقان ئادەم كۆپلىگەن دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك پايدىلارغا ئېرىشكىنىدىن تاشقىرى، چىدامسىزلىق، سەۋرسىزلىك، بېخىللىق، ئىسراپخورلۇقلارغا ئوخشىغان يامان ئەخلاق ۋە ناچار قىلىقلاردىن نەپسىنى پاكلاش، مەرتلىك، سېخىيلىق، سەۋرچانلىق قاتارلىق ئېسىللىككە ۋە پەزىلەتكە قاراپ يۈكسىلىش قاتارلىق نەق پايدىغا ئېرىشىدۇ. ئىنان روزا تۇتۇش جەريانىدا ئۆزىنى تونۇيدۇ، ئۆىنىڭ نەقەدەر ئاجىز بىر مەخلۇقات بولغانلىقىنى، ئاللاھ تائالاغا ھەمىشە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىنى، خۇسۇسەن روزا تۇتۇش جەريانىدا ئاچلىقنىڭ دەردىنى تارقانىدىن كېيىن، يىل بويى توقلۇقتىن ئىبارەت نېمەتى ئاتا قىلغان پەرۋەردىگارىنى ئەسلەيدۇ، بۇ ئارىدا ئاچلىقتىن قىينىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىنى، يوقلۇق دەردىدە ئاچ قالغانلارنى ئەسكە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ قەدرىگە يېتىدۇ. نەتىجىدە، ئاللاھ تائالاغا بولغان مىننەتدارلىق بۇرچىنى، يوسۇللارغا ئۆتەشكە تېگىشلىك مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىدۇ، رەھىم-شەپقەت قىلىش روھى يۈكسىلىدۇ، نېمتكە شۈكۈر قىلىش كەيپىياتى ئاشىدۇ. قۇرئا كەرىمدىكى« ئى مۆمىنلەر سىلەردىن ئىلگىرىكىلەركە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرنىڭ تەقۋادارلاردىن بولىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە رامىزان روزىسى پەرز قىلىندى»دېگەن ئايەت روزىنىڭ تەقۋالىققا ۋەسىلە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ەقۋالىق-ئاللاھ تائالانىڭ بئەمر-پەرمانلىرنى ئورۇنداش، توسقانلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئاللاھ تائالانىڭ ھېمايىسى ئاستىغا ئېلىس دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. تەقۋالىقنىڭ مۇكاپاتى بۇ دۇنيادا ھۇزۇرلۇق ھايات، ئاخىرەتتە نازۇنەمەتلىك جەننەتتۇر. مەلۇمكى، روزا تەقۋالىقنىڭ ئەڭ ئۆنۈملۈك يولىدۇر. چۈنكى روزا تۇتقان ئادەم روزا سايىسىدا نەپسىنى پاكلاپ، روھىنى يۈكسەلتىپ ئىسلامىي تەربىيە ئالغان بولىدۇ. پەيغە،بەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيلەنمىگەن ياشلارنى تۇتۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى جىنسىي ھەۋەسنىڭ ئازدۇرۇشلىرىدىن ساقلىنىشقا بۇيرىغانلىقىنى ھېكمىتىمۇ روزىنىڭ تەربىيە خاراكتېرلىك ئىبادەت ئىكەنلىكىنى ۋە روزا سايىسىدا ئىسلامىي تەربىيە ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا. چۈنكى روزا تۇتقان ئادەمنىڭ نەپسىي ئىستەكلىرى ئاجىزلىشىدۇ ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ئۆزىنى نەپسىي ۋە جىنسىي ھەۋەسلەرنىڭ كۈچى ئالدىدا خۇددى مۇستەھكەم قەلئەدەك ساقلاپ قالالايدۇ. مۇۇلمان ئادەم روزىنى پەقەت ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ تۇتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىنىدا، ئۇنىڭدا ئاللاھ رازى بولمايدىغان قىلىق ۋە ئىشلاردىن يىراق تۇتۇپ، نەپسىنى ۋە بارلىق ئىستەكلىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىستىكى ئالدىدا بويسۇندۇرۇشى لازىملىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. مۇنداق ئادەم ئۆزىنى ئىبادەت ئىچىدە دەپ بىلگەنلىكتىن، بۇ مۇقەدەس ئىبادەتكە زىت كېلىدىغان ھەۋەسلەرنى يېڭىش كويىدا بولىدۇ-دە، ئاللاھ تائالادىن ياردەم سورايدۇ، نەپسىي شەيتاندىن ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ پاناھ تىلەيدۇ ۋە ئۆزىنى ئاللاھ تائالانىڭ ھېمايىسى ئاستىغا كىرگۈزۈشكە تىرىشىدۇ. مۇنداق غەيرەت كۆرسەتكەن بىرىنى ئاللاھ تائالا ئۆز بېشىغا ھەرگىز يالغۇز تاشلاپ قويمايدۇ، بەلكى ئۇنى ھېمايە قىلىدۇ، ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ، تىلىگەنلىرىنى بېرىدۇ، ئۇنى ئىسلاھ قىلىدۇ ۋە ياخشى بەندىلىرى قاتارىغا قوشىدۇ. بۇ ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئارمىنى ۋە كۈندىلىك تىلىكىدۇر. روا تۇتقان ئادەم كۆپ يېيىش ۋە كۆپ ئىچىشتىن كېلىپ چىقىدىغان غەپلەت ۋە بىخۇتلۇقنىڭ نەقەدەر يامان ئىكەنلىكىنى روزا تۇتۇش جەريانىدا تونۇپ يېتىدۇ. چۈنكى يىل بويى بىر كۈنمۇ ئاچلىق ھېس قىلماستىن، ھەر كۈنى ۋاقتى سائىتى بويىچە غىزالىنىپ كەلگەن ئادەم ئاچلىقنىڭ ئازابىنى ۋە دەردىنى ھەرگىز ھېس قىلمايدۇ. ئۇ قانداقمۇ ھېس قىلسۇن؟ بىرەر كۈن ئاچ قالمىغان تۇرسا؟ شۇڭا روزا تۇتۇش جەريانىدا كۈنىگە 15سائەتتىن 17سائەتكە قەدەر ئاچ قېلىش ئارقىلىق ئاچلىق دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، يوقلۇقنىڭ قانداق قاتتىق ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي تەجرىبە بىلەن ياشاپ بىلىدۇ ۋە ھېس قىلىدۇ. مۇنداق ئادەم ئەگەر روزىنى ئاللاھ رازىلىقىنى ۋە ئەخلاقىنى تۈزىتىش نىيىتى بىلەن تۇتقان بولسا، چوقۇم ئۆزگىرىدۇ، ئۇنىڭدىنكى بېخىللىق سېخىيلىققا، تاش يۈرەكلىك رەھىمدىللىققا، غەپلەت ھوشيارلىققا ئۆزگىرىدۇ-دە، يوسۇللارنىڭ، يېتىملارنىڭ، بىر نانغا زار بولغانلارنىڭ قەدرىگە تولۇق يېتىدۇ ۋە ئۇلارغا ياردەم قولىنى سوزۇشنى مۇسۇلماننلىقنىڭ ۋە ئىنسانلىقنىڭ تەلىبى دەپ بىلىپ، قولىدىن كەلگەننى قىلىدۇ. روزا ئەنە شۇنداق تەربىيە مەكتىبىدۇر. روزا تۇتۇپ بۇنچىلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلمىغان ياكى روزا تۇتۇتش بىلەنمۇ ھېچقانداق تەربىيە ئالمىغان ئىنسانلارنىڭ تۇتقان روزىسى بىھۇدە ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق دەردى چەككەندىن باشقا ھېچ نەرسە ئەمەس. چۈنكى روزا تۇتۇشتىن بولغان مەقسەت ئەمەلگە ئاشمىسا، تۇتقان روزىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟ ئىبادەتلەر بۇ دۇنيادا ئەسقاتمىسا، ئاخىرەتتە قانداق ئەسقاتىدۇ؟! شڭا ئۆلىمالار دەيدۇكى، بۇ دۇنيادا جەننەتكە كىرمىگەنلەر ئاخىرەتنىڭ جەننەتلىرىگە كىرەلمەيدۇ. بۇ دېگەننىڭ مەنىسى شۇكى، جەننەت ئەھلىدىن بولىدىغان مۆمىن ئادەم بۇ دۇنيادا جەننەت ئەھلىنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ، ئۇنىڭ قەلبى ئىماننىڭ ھۇزۇر-ھالاۋىتى بىلەن ئارام تاپقان، ئەخلاقى خۇددى جەننەت ئەھلىنىڭ ئەخلاقىغا ئۆزگەرگەن، پۈتۈن يۇرۇش-تۇرۇشلىرى جەننەت ئەھلىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىنى ئالغان بولىدۇ. مۇنداق ئادەم بۇ دۇنيادا قىلىۋاتقان ياخشى ئىشلىرى ۋە ئاللاھ تائالاغا بولغان يېقىنلىقى سەۋەبلىك ئۆزىنى جەننەتتە تۇرىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. شۇڭا بۇ دۇنيانىڭ جەننىتىگە كىرمىگەن ئادەم ئاخىرەتنىڭ جەننىتىگە كىرەلمەيدۇ دەپ ئېيتىلغان. روا تۇتقان ئادەمنىڭ تۇتقان روزىسى ئۇنىڭ مۇئامىلە ئىشلىرىغا ۋە گەپ-سۆزلىرىگە ئەلۋەتتە تەسىر قىلىدۇ. چۈنكى روزا تۇتۇپ تۇرۇپ يالغان ئېيتىشنىڭ، روزا تۇتۇپ تۇرۇپ باشقىلارغا ئزار بېرىشنىڭ نەقەدەر چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ-دە، ئۆزىنى تۇتىۋالىدۇ، كۆنۈپ قالغان يامان ئادەتلىرىنى رامىزاندا قىلمايدۇ ۋە رامىزاندىن كېيىنمۇ ئۆمۈر بويى بۇ يامان ئادەتلەرنى قىلماسلىقنى ئادەت قىلىشقا تىرىشىدۇ، سۇنىڭغا بەل باغلايدۇ. پەيەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:« يالغان سۆز قىلىشنى تاشلىمىغان ئادەمنىڭ روزا تۇتتۇم دەپ قورسىقىنى ئاچ قويغانلىقىغا ئاللاھ تائالانىڭ ھاجىتى يوق»دەپ كۆرسەتكەن. دېمەككى، روزا تۇتۇش دېگەن قورساقنى ئاچ قويۇش دېگەنلىك ئەمەس. روزا تۇتقاندا بىر نەرسە يېمەسلىك ۋە ئىچمەسلىك دېگەن روزىنىڭ تاشقى جەھەتتىكى تەلىبى ئەمما روزىنىڭ ھەقىقىي تەلىبى ئىچكى دۇنيانى ئىسلاھ قىلىشتۇر. جانابى ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ھەقىقىي مەنىدە روزا تۇتۇپ، ئۇنىڭ مېۋىسىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كۆرىدىغانلاردىن قىلسۇن ئامىن.مۇھەممەد يۈسۈپ_atrk_opts = { atrk_acct: "6nL7g1a0Or00og", domain:"mercyprophet.org"}; atrk ();