رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئىسلام ئەللىرىدە رامىزان

مالايسىيادا رامىزان-----مالايىياغا ئىسلام دىنى جەنۇبى شەرقى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تىجارەتچىلەر ۋە دەۋەتچىلەر ئارقىلىق كىرگىنىگە ئوخشاش كىرگەن بولۇپ، كېيىن پۈتۈن مالايسىيا زېمىنلىرىگە كەڭ تارقالغان. ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى – مەرھەمىتى بىلەن مالايسىيادا نۇرغۇن جامە – مەسجىدلەر بىنا قىلىنغان، جۈملىدىن مالايسىيا پايتەختى كۇئالا لومپوردا 15 مىڭ كىشى بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئوقۇيالايدىغان چوڭ بىر جامە بار. مالايسىي مۇسۇلمانلىرى باشقا ئىسلام ئەللىرىدىكى مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش رامىزان ئېيىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ، شەبان ئېيىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ ئۇلاردا رامىزان ئېيىنى كۈزىتىش قىزغىنلىقى باشلىنىدۇ. ئاينى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن كۆزەتكۈچىلەرگە قىممەتلىك سوغاتلار تەقدىم قىلىنىدۇ. دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن رامىزان ئېيىنىڭ باشلانغانلىقى ھەققىدە رەسمىي بايانات چىقىرىلىپ، بارلىق تەشۋىقات ۋاستلىرىدە ئېلان قىلىنىدۇ. يەرلىك ئورگانلار يول – كوچىلارنى پاكىزلاپ، سۇ چېچىپ، ھەر خىل رەڭلەردىكى چىراغلارنى ئېسىپ، كوچىلارنى باشقىچە بېزىۋېتىدۇ. ملايسىيا مۇسۇلمانلىرى شەبان ئېيىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن بىر ئاي رامىزانلىق ئېھتىياجلىرىنى سېتىۋېلىشقا، ناماز ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن مەسجىدلەرنى قايتىدىن زىننەتلەپ تەييارلاشقا باشلايدۇ، رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكىنى ھەر قەبىلە ئۆز ئۆرپ – ئادەتلىرىگە كۈرە، داپ، ناغرا – سۇناي قاتارلىقلارنى چېلىش ئارقىلىق ئېلان قىلىدۇ. رامىزان ئېيىدا ئەر – ئايال، كىچىك بالىلار مەسجىدلەرگە يۈزلىنىدۇ، بۇ مۇبارەك ئايدا مەسجىدلەرگە ئەتىر ۋە ھەر خىل خۇشپۇراقلىق ماددىلار پۈركىلىدۇ. ماايسىيا مۇسۇلمانلىرى كۈن ئولتۇرۇشى بىلەن سۇ، سۈت – قېتىق، خورما، مېۋە – چېۋەلەرگە ئوخشاش يېنىك نەرسىلەر بىلەن ئېغىز ئېچىپ، ناماز شامنى مەسجىدلەردە جامائەت بولۇپ ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئاساسلىق ئىپتارلىق تائاملىرىنى يېيىشكە باشلايدۇ. ئىپتار تائاملىرىدىن كېيىن تاھارەت ئېلىپ خۇپتەن، تەراۋىھ نامازلىرىنى جامائەت بولۇپ ئادا قىلىش ئۈچۈن قايتا مەسجىدلەرگە يۈزلىنىدۇ. ئۇلار رامىزان ئېيىنى غەنىمەت بىلىپ، قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئوقۇيدۇ. دۆلەت تەرىپىدىن مالايسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قۇرئان كەرىمنى يادلاش مۇسابىقىلىرى ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. ئاخىردا ئەلا نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرگە، ئۇستازلارغا قىممەتلىك مۇكاپاتلار بېرىلىدۇ. ماليسىيادا ھەر يىلى رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرىدا قۇرئان كەرىمنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇراسىملىرى ئۈچۈن ياكى روزا ھېيت نامىزى ئۈچۈن توپلانغان مۇسۇلمانلارنى كۆرگىلى كەلگەن باشقا دىندىكى نۇرغۇن كىشىلەر بەس – بەستە ئىسلام دىنىغا كىرىشكە باشلايدۇ. ماليسىيا مۇسۇلمانلىرى ئىپتارنى ئاساسەن مەسجىدلەردە قىلىدۇ، بەزى ساخاۋەتچىلەر نۆۋەت بىلەن مەسجىدلەرگە ئىپتارلىق تائاملىرىنى ئېلىپ كېلىپ، جامائەتلەرگە ئىپتارلىق بېرىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۆيلىرىدە ئىپتار قىلىدۇ ۋە جامائەتنى ئۆيلىرىگە چاقىرىپ، ئىپتارلىق زىياپىتى بېرىدۇ. يېزىلاردا بۇ مۇبارەك ئاي ئاخىرلاشقىچىلىك ھەر بىر ئائىلە نۆۋەت بىلەن جامائەتكە ئىپتارلىق بېرىش ئادىتى ئومۇملاشقان. &nbsp; مىسىردا رامىزان  &nbsp;رامىزان ئېيى ئىسپاتلىنىش بىلەن تەڭ مىسىر كوچىلىرى گۈزەل مۇراسىم كوچىلىرىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، خەلق ئاممىسى بازارلاردا رامىزانلىق ئېھتىياجلىرىنى سېتىۋېلىش ھەرىكەتلىرىنى باشلىۋېتىدۇ، كوچىلارغا ھەر خىل رەڭدىكى زىننەت چىراغلىرى ئېسىلىدۇ، بالىلار ھەر خىل مەزمۇندىكى تەبرىك شىر - قوشاقلارنى ئوقۇپ، كوچىلارنى زىلزىلگە كەلتۈرىۋېتىدۇ..&nbsp;  مىسىردا رامىزان داستىخانلىرى   فۇل - دادۇر، پۇرچاق مىسىردا رامىزان داستىخانلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان تائاملارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. دادۇر، پۇرچاق سودىگەرلىرى كۇچا – كوچىلارنى ئايلىنىپ، دادۇر، پۇرچاقلارنى مەدھىيىلەيدىغان قوشاقلارنى ئوقۇپ، خېرىدارلارنى ئۆزلىرىگە جەلب قىلىدۇ. مىسىرا رامىزان داستىخانلىرى تۈرلۈك تائام، ھەر خىل ئىچىملىكلەر بىلەن بېزىلىدىغان بولۇپ، خەلق ھۆل خورما، سۇ، سۈت - قېتىق، ھەر خىل مېۋە - چېۋەلەردىن ئالاھىدە تەييارلانغان ئىچىملىكلەر بىلەن ئىپتار قىلىۋالغاندىن كېيىن جامائەت بولۇپ، ناماز شامنى ئوقۇشقا ئالدىرايدۇ، ئۇلار جامائەت بولۇپ ناماز شامنى ئوقۇۋالغاندىن كېيىن، تۈرلۈك تائام، ھەر خىل ئىچىملىكلەر بىلەن بېزەلگەن داستىخان ئەتراپىغا قايتا جەم بولۇپ، داستىخاندىكى پولو، كاۋاپلار بىلەن ياخشى غىزالىنىدۇ. مىسىر مۇسۇلمانلىرى ئۇرۇق - تۇغقان، خولۇن - قوشنىلىرىنى ئىپتارلىتىش، ئۇلارنى نۆۋەت بىلەن زىيارەت قىلىش قاتارلىق ئۆرپ - ئادەتلەردە دۇنيادىكى باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بىلەن ئورتاقلىشىدۇ. مىسىر مۇسۇلمانلىرى ئىپتاردىن كېيىن كىنافە، باكلاۋا قاتارلىق تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.   ;مىسىردا تەراۋىھ نامازلىرى   مىسىر مۇسۇلمانلىرى ئىپتار تائاملىرىدىن پارىغ بولغاندىن كېيىن تەراۋىھ نامازلىرىنى مەسجىدلەردە ئوقۇش ئۈچۈن ئىماملىرى قۇرئان كەرىمنى ياخشى ئوقۇيدىغان جامەلەرگە يۈزلىنىدۇ، مىسىردىكى ھەر قانداق مەسجىدتە ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن تەييارلارنغان ئايرىم بۆلەكلەر بار بولۇپ، ئاياللار تەراۋىھ نامازلىرىنى مەسجىدلەردە ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. كۆپلىگەن مەسجىدلەردىكى تەراۋىھ نامازلىرىدا قۇرئان كەرىمدىن بىر پارە ئوقۇلىدۇ، بىر پارىدىن ئاز ياكى ئۈچ پارە، ھەتتا ئون پارە ئوقۇلىدىغان مەسجىدلەرمۇ بار. مىسىردا رامىزان ئايلىرىدا بولۇپمۇ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ۋە قۇرئان كەرىم ئاخىرلىشىدىغان كېچىسى بەزى مەسجىدلەر تولۇپ كېتىپ بىر كىشىلىك ئورۇن تېپىش ناھايىتى قىيىنغا توختايدۇ. مەسجىدلەرگە جامائەتنىڭ سىغمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىمام – خەتىپلەر جۈمە خۇتبىلىرىدا: رامىزان ئېيىنىڭ پەرۋەردىگارى ھەممە ئايلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، نېمە ئۈچۈن سىلەر باشقا ئايلاردىمۇ مەسجىدلەرگە مۇشۇنداق يىغىلمايسىلەر؟، دەپ كايىپ كېتىدۇ. مىسىر مۇسۇلمانلىرى تەراۋىھ نامازلىرىنى مەسجىدلەردە ئوقۇشقا ئەھمىيەت بەرگىنىدەك، كېچىنىڭ يېرىمىدا باشلىنىپ، سوھۇرلۇق ۋاقتىغىچىلىك داۋاملىشىدىغان تەھەججۇد نامازلىرىنى ھەم مەسجىدلەردە ئوقۇشقا، مىسىردىكى مەشھۇر جامەلەرگە بېرىپ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. مىسىر ۋەخپە ئىشلىرى مىنىستىرلىكى ياكى ئەزھەردىكى پىداكار ئۇستازلار ھەر يىلى رامىزان ئېيىنىڭ كىرىشى بىلەن كۆپلىگەن جامەلەردە رامىزان كېچىلىرىنى غەنىمەت بىلىش پائالىيەتلىرىنى، دەرس، مۇھازىرە – لېكسىيىلەر، ۋەز – نەسىھەت سورۇنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقىت ۋە ئورۇنلىرىنى ئالدىن ئېلان قىلىدۇ.   ;مىسىردا رامىزاندا زەمبىرەك ئېتىش ئادىتى   مىسىردا رامىزان ئېيىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقىنى، ئىپتار ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن شۇنىڭدەك، روزا ھېيت بولغانلىقىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن زەمبىرەك ئېتىش ئادىتى ئومۇملاشقان بولۇپ، ئېلان قىلىش مەسئۇلىيىتىنى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئۈستىگە ئالغان بۈگۈنكى كۈنلەردىمۇ بۇ ئادەت مىسىرنىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە يېزىلىرىدا داۋاملاشماقتا. زەمبىرەك ئاۋازى بىلەن ئائىلە ئەزالىرى ئىپتار داستىخىنى ئەتراپىغا جەم بولىدىغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: "روزا تۇتقۇچى ئۈچۈن ئىككى خۇشاللىق بار، بىرى ئىپتار قىلغان ۋاقتىدىكى خۇشاللىق، يەنە بىرى پەرۋەردىگارىغا ئۇچراشقان ۋاقتىدىكى خۇشاللىق" دېگىنىدەك، ئىپتار ۋاقتىدىكى خۇشاللىققا ئېرىشىدىغانلىقى ئۈچۈنمۇ ئىشقىلىپ مىسىر خەلقى زەمبىرەك ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەن تەڭ شادلىققا چۆمىدۇ. مىسىرا رامىزاندا زەمبىرەك ئېتىش ئادىتىنىڭ قاچان، قانداق پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە تارىخ كىتابلىرىدا ھەر خىل رىۋايەتلەر بار بولۇپ، مەشھۇر رىۋايەت شۇكى، مىسىر ۋالىيلىرىنىڭ بىرىگە چەتئەللەرنىڭ بىرىدىن بىر زەمبىرەك سوغات قىلىنغان بولۇپ، ئۇنى سىناق قىلىش رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنى كۈن ئولتۇرۇش ۋاقتىغا توغرا كەلگەن، ئىپتار ۋاقىتىنى كۈتۈپ ئولتۇرغان مىسىر خەلقى بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ، كۈننىڭ ئولتۇرغانلىقىغا بېرىلگەن ئىشارەت بولىشى مۇمكىن، دەپ ئىپتار قىلىشقان، ئەتىسى يۇرت چوڭلىرى كېلىپ ۋالىيغا خەلقنىڭ بۇ ئىشتىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقنى يەتكۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن مىسىر ۋالىيسى خەلقنى مەمنۇن قىلغان بۇ ئىشنى ھەر كۈنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئەمرى قىلغان، مىسىرنىڭ كېيىنكى ۋالىيلىرى بۇ ئىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ ئىشنى مىسىرنىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە يېزىلىرىغا كېڭەيتكەن. بۇ ئادەتنىڭ قانداق پەيدا بولىشىدىن قەتئىينەزەر مىسىر خەلقى بۇ ئادەتنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، مىسىر خەلقى رامىزاندا كۈن ئولتۇرغان ۋاقىتتا مىسىرنى زىلزىلىگە سالىدىغان بۇ ئاۋازنى ئاڭلاشقا ھەر زامان ۋە ھەر ماكان تەشنا بولۇپ تۇرىدۇ. ئوبۇلاسىم ئەھمىدى._atrk_opts = { atrk_acct: "6nL7g1a0Or00og", domain:"mercyprophet.org"}; atrk ();<img src="https://d5nxst8fruw4z.cloudfront.net/atrk.gif?account=6nL7g1a0Or00og" style="display:none" height="1" width="1" alt="" />