رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m014.jpg

- قىزىل رەڭلىك چاقنىغان يۇلتۇزلارنىڭ قىزىقلىق دەرىجىسى تۆۋەن يۇلتۇزلار ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

- يۇلتۇزلارنىڭ قىزىقلىقى ئاشقانسېرى قىزىل رەڭدىن ئاق رەڭگە ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

- رەڭگى قاپقارا يۇلتۇزلارنىڭ قىزىقلىقى يۇقىرى يۇلتۇزلار ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

- جەھەننەم ئوتىنىڭ رەڭگىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئاللاھ ھەممەيلەننى دوزاخ ئوتىدىن ساقلىسۇن، ئامىن.

ھاۋا بوشلۇقى ئالىمى دوكتۇر فارۇق بازنىڭ باياناتى

شەيخ زىندانى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ھاۋا بوشلۇقى ئالىمى دوكتۇر فارۇق باز مىسرى بىلەن يۇلتۇزلار ۋە ئۇلارنىڭ قىزىقلىق دەرىجىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، سۆھبەت جەريانىدا دوكتۇر فارۇق باز مۇنداق دەيدۇ: ئۈچ يىلدىن بىرى بىز كەشپ قىلغان يېڭىلىق شۇكى، بىز ئاسماندا قارا ئوتنى كەشپ قىلدۇق، ئو بولسا قارا رەڭدىكى يۇلتۇزلاردۇر، بۇ قىزىقلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئوتتۇر، يۇلتۇزلاردىكى... ئوتنىڭ قىززىقلىق تەرتىپى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:

1- قىزىل رەڭ بىلەن لاۋۇلدىغان يۇلتۇزلار قىزىقلىقى تۆۋەن يۇلتۇزلاردۇر.

2- بۇ يۇلتۇزلاردىكى قىززىقلىق ئاشقاندا ۋە ماددا قويۇقلاشقاندا بۇ يۇلتۇزلار ئاق رەڭ بىلەن يالقۇنلىغان يۇلتۇزلارغا ئايلىنىدۇ.

3- بۇ يۇلتۇزلارنىڭ قىزىقلىقى تېخىمۇ ئاشقاندا ۋە ماددا تېخىمۇ قويۇقلاشقاندا بۇ يۇلتۇزلارنىڭ رەڭگى قارىيىدۇ، يېنىدىن ئۆتكەن ھەر قانداق جىسمىنى يۈتىۋېتىدۇ. بۇ يۇلتۇزلار قاپقارا بولۇپ، ھەتتا بۇ يۇلتۇزلار نۇرلۇق جىسىملارنى يۈتۈۋەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇ جىسىملارنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش قاپقارا قىلىپ قويىدۇ.

شەيخ زىندانى مۇنداق دەيدۇ: بۇ، ئەبۇ ھۇرەيرە رىۋايەت قىلغان ھەدىس شەرىپتە كەلگەن ھەقىقەتنىڭ راستلىقىنىڭ شاھىتىدۇر: "دوزاخقا مىڭ يىل ئوت يېقىلدى، ھەتتا قىزىرىپ كەتتى، ئاندىن يەنە مىڭ يىل ئوت ېيقىلدى، ھەتتا ئاقىرىپ كەتتى، ئاندىن يەنە مىڭ يىل ئوت يېقىلدى، ھەتتا قارىداپ كەتتى، دوزاخ ئوتى قاپقارا زۇلمەتلىكتۇر". [تىرمىزى رىۋايىتى].

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىتىنى بىلگۈچى ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنمىسا ئۇ زاتنىڭ بۇ ھەقتە بۇ قەدەر ئىنچىكىلىك بىلەن خەۋەر قىلالىشىنى ئىنسان ئەقلى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ.

مەنبە: دوكتۇر مۇستاپا مۇتەۋەللىنىڭ "قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شېرىف مۆجىزىلىرى ھەققىدە ئالتۇن ئېنسىكلوپىدىيە" دېگەن كىتابى.