رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆيىدىن ئايرىلدى، قارا نىيەتلەر رەزىل پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى پۇختا تەييارلىق بىلەن تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار نومۇسسىزلارچە مەغلۇب بولدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ چاغدا ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) غا: «سەن مېنىڭ يېشىل تونۇمنى يېپىنىپ ئورنۇمدا ئۇخلاپ تۇرغىن، ئۇلار ساڭا ھەرگىز يامانلىق يەتكۈزەلمەيدۇ» دەپ قويۇپ قولىغا بىر سىقىم توپا ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئۈستى باشلىرىغا چېچىۋېتىپ، سەپلىرىنى ئارىلاپ ئۆتۈپ چىقىپ كەتتى. ئۇ ئاللاھ تەئالانىڭ ﴿وَجَعَلْنَا مِن بَيْنِ أَيْدِيهِمْ سَدًّا وَمِنْ خَلْفِهِمْ سَدًّا فَأَغْشَيْنَاهُمْ فَهُمْ لاَ يُبْصِرُونَ﴾ «ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىر توسۇق، كەينىگە بىر توسۇق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيدۇ» دېگەن ئايىتىنى توختىماي ئوقۇپ ماڭاتتى. ھەقىقەتەنمۇ ئاللاھ تەئالا مۇشرىكلارنىڭ كۆزلىرىنى بەند قىلىۋەتكەنىدى. ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرەلمىدى، ھالبۇكى ئۇنىڭ چاچقان توپا چاڭلىرى ئۇلارنىڭ ئۈستى باشلىرىنى تولۇق پۇر ئالغانىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنىڭ سەپلىرىدىن سۇغۇرۇلۇپ ئۆتكىنىچە ئۇدۇل ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆيىگە باردى. ئاندىن ئۇ يەردىن ئىككىيلەن بىرلىكتە قورۇنىڭ ئارقا ئىشىكى بىلەن چىقىپ كەتتى. ئۇلار كېچىلەپ يول يۈرۈپ ئاخىر يەمەن تەرەپتىكى «سۇر» ئۆڭكۈرىگە بېرىپ ئورۇنلاشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆيىنى مۇھاسىرىگە ئالغۇچىلار بەلگىلەنگەن ۋاقىت - سائەت نۆلنى كۈتۈپ داۋاملىق بىدار تۇردى. ئەمما، سائەت نۆل بولۇشنىڭ سەل ئالدىدىراق ئۇلارنىڭ مەغلۇب بولغانلىقى ۋە زىيان تارتقانلىقى ئاشكارىلاندى. ئەسلى ئىش مۇنداق بولغانىدى: ئۇلارنىڭ يېنىدىن بۇ ئىش بىلەن ئالاقىسى بولمىغان بىر كىشى ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىنى پايلاپ يۈرگەنلىكىنى كۆردى ۋە: «نېمىگە ئىنتىزار بولۇپ يۈرۈسىلەر؟» دەپ سورىدى، ئۇلار: «مۇھەممەدكە» دېيىشكەنىدى، ھېلىقى كىشى: «ئۇنداق بولسا سىلەر زىيان تارتىپسىلەر، ئۇ ھازىر مۇشۇ يەردىن ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ تېخى ئۈستى - باشلىرىڭلارنى توپا - چاڭلار بىلەن كۆمۈۋېتىپتۇ. ئۇ ھازىر ئۆز يولىغا راۋان بولۇپ بولدى» دېدى. ئۇلار: «بىز ئۇنى كۆرمەپتۇققۇ؟» دېيىشىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرغانىدى، توپا - چاڭلار ئۇلارنىڭ ئۈستى - باشلىرىدىن بۇخسۇپ چۈشتى. لېكىن، ئۇلار ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن قاراپ بىر كىشىنىڭ يېشىل توننى يېپىنىپ يېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە: «ئاللاھ بىلەن قەسەم، ئەنە شۇ چوقۇم مۇھەممەد، ئۇ ھازىر ئۇخلاۋاتىدۇ، ئۈستىدىكى ئۇنىڭ ئادەتتە يېپىنىپ ياتىدىغان تونى» دېيىشتى ۋە شۇنداق دەتالاشلار بىلەن تاڭ يورۇپ كەتتى. بۇ چاغدا ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن تۇرۇۋىدى، ئۇنىڭ ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىكەنلىكى ئاشكارا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قوللىرىنى چىشلىشىپ ئەلىدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى سورىغانىدى، ئۇ: «ئۇقمايمەن، ماڭا دەپ بەرمىگەن» دېدى.ئۆيدىن ئۆڭكۈرگە بىئسەتنىڭ 14- يىلى سەپەرنىڭ 27- كۈنى (مىلادىيە 622- يىلى سېنتەبىرنىڭ 12- ياكى 13- كۈنى) كېچىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆيىدىن ئايرىلىپ سەپدىشى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئاندىن ئىككىيلەن بىرلىكتە تاڭ ئېتىشتىن سەل - پەل ئىلگىرىرەك مەككىدىن ئايرىلىپ كېتىش مەقسىتىدە ئالدىراپ ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قورۇسىنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن چىقىپ كېتىشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇرەيش دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق ئىز قوغلايدىغانلىقىنى ۋە پايلاقچىلارنىڭ نەزىرى ئالدى بىلەن مەككىنىڭ شىمالىغا ماڭىدىغان مەدىنە يولىغا چۈشىدىغانلىقىنى بىلگەن بولغاچقا، ئەسلى نىشاننىڭ تامامەن ئەكسى تەرىپىگە يول ئالدى. ئۇ بولسىمۇ مەككىنىڭ جەنۇبىغا سوزۇلغان مەككە - يەمەن چوڭ يولى ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ يول بىلەن بەش كېلومېتىردەك جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ «سۇر» تېغى دەپ ئاتىلىدىغان بىر تاغقا يېتىپ باردى. بۇ ئۆزى ئېگىز، يوللىرى ئەگرى - توقاي، تىك قىيا تاغ بولۇپ، ئەتراپى پۈتۈنلەي قورام تاشلار بىلەن ئورالغانلىقتىن قەدەم ئېلىش تولىمۇ قىيىن ئىدى. ئۇلار كۈچىنىڭ بېرىچە تىرىشىپ، ئاخىرى تاغ چوققىسىدىكى ئۆڭكۈرگە كېلىۋالدى. بۇ ئۆڭكۈر تارىختا «غارى سۇر»، يەنى سۇر تېغى ئۆڭكۈرى دەپ ئاتالدى. ئىككى سەپداش غاردا ئىككىيلەن غارغا يېتىپ بېرىۋىدى، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئى رەسۇلۇللاھ، سىز كىرمەي تۇرۇڭ، ئاۋۋال مەن كىرىپ چىقاي، ئەگەر زىيانداش ھاشارەتلەر بولسا سىزدىن كۆرە ماڭا تەگكىنى ياخشى» دېدى. ئاندىن غارغا كىرىپ، مەلۇم يەرنى سېرىپ - سۈپۈردى. ئۇنىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى تۆشۈككە كۆڭلىكىنى يىرتىپ تىقتى. يەنە بىر چەتتىكى ئىككى تۆشۈككە ئىككى پۇتىنى تىقىپ ئۇنى ئەتتى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كىرىشكە تەكلىپ قىلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم غارغا كىردى ۋە قاتتىق ھېرىپ چارچاپ كەتكەنلىكىدىن بېشىنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قۇچىقىدا قويدى - دە، كۆزى ئۇيقۇغا كەتتى. بۇ چاغدا ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تۆشۈككە تىقىپ تۇرغان پۇتىنى يىلان چېقىۋالدى، لېكىن ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئويغىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ چىداپ مىدىر - سىدىر قىلماي تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئاغرىق ئازابى تۈپەيلى تۆكۈلگەن ياش تامچىلىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەڭزىگە تېمىپ كېتىپ ئۇنى ئويغىتىۋەتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىن «نېمە بولدۇڭ؟ ئى ئەبۇ بەكرى!» دەپ سورىدى. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «يىلان چېقىۋالدى، ھېچ ۋەقەسى يوق، سىز ئۈچۈن ئاتا - ئانام پىدادۇر» دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇرنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ پۇتىغا تۈكۈرۈپ قويۇۋېدى، ئۇنىڭ پۇتىدىكى ئاغرىق پەسەيدى. ئۇلار غاردا (جۈمە، شەنبە، يەكشەنبە) ئۈچ كۈن يوشۇرۇنۇپ تۇردى. بۇ جەرياندا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئۇلارنىڭ قېشىغا ھەر كېچە كېلىپ - كېتىپ تۇردى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: ئابدۇللاھ (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) زېرەك، چېچەن، تېتىك ۋە پۇختا يىگىت ئىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ يېنىدىن كېچىنىڭ ئاخىردا قايتىپ كىرىپ، ئەتىگىنى گويا مەككىدە قونغان كىشى سۈپىتىدە سەھەر تۇرۇپ قۇرەيشلىكلەرگە ئارىلىشىپ يۈرەتتى. ئاتىسى بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەققىدە دېيىلگەن گەپ - سۆز، سۇيىقەست ۋە پىلانلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويۇپ، قاراڭغۇ چۈشكەندە تاغقا چىقىپ ئۇلارغا يەتكۈزەتتى. ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ چاكىرى ئامىر ئىبنى فۇھەيرە ئۇنىڭ بىر توپ قويىنى شۇ ئەتراپتا بېقىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇ گۇگۇم چۈشكەندە قويلارنى ھەيدەپ ئاپىرىپ سېغىپ ئۇلارنى سۇغۇراتتى (بۇ ئۇلارنىڭ چۈشلۈك ۋە كەچلىك غىزاسى ئىدى). ئۇلار شۇ بىر ئوتلام سۈت بىلەن ئۇخلاپ قالاتتى. ئامىر ئەتىسى ئەتىگەن تاڭ ئاتماستا بۇلارنىڭ يېنىدىن قويلارنى تۆۋەنگە ھەيدەيتتى. ئۇ ئۇدا ئۈچ كۈن شۇنداق قىلدى، ئامىر ئىبنى فۇھەيرىنىڭ بۇ قويلارنى كېچىدە قوزغىتىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئەبى بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ يېنىدىن مەككىگە قاراپ ماڭغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى بەكرىنىڭ ئىزىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىدى. ئەمما، قۇرەيشلەر ھېلىقى قاباھەتلىك پىلانىنى ئىجرا قىلىدىغان ئەتىگىنى ئۇنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن ساراڭنىڭ ئۆزى بولۇپ كەتتى. ئۇلار ئاۋۋال ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نى ئۇردى ۋە كەئبىنىڭ يېنىغا سۆرەپ ئەكېلىپ، بىرەر يىپ ئۇچىغا ئېرىشىپ قالارمىز دەپ بىر سائەتچە سولاپ قويۇشتى. ئاخىر ئەلى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىنمۇ ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ھەممىسى توپلىشىپ ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇنىڭ ئىشىكىنى قېقىۋىدى، ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئەبى بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ قىزى ئەسما (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) چىقتى. ئۇلار ئۇنىڭدىن قوپاللىق بىلەن: «ئاتاڭ نەدە؟» دەپ سورىغانىدى، ئۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئاتامنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيمەن» دېدى. بۇ چاغدا ئەبۇ جەھل قولىنى شىلىتىپ، ئۇنىڭ مەڭزىگە بىر كاچات ئۇرۇپ ئۇنىڭ قۇلىقىدىكى مۇنچىقىنى ئۇچۇرۇۋەتتى. ئارقىدىنلا قۇرەيشلەر جىددىي يىغىن چاقىرىپ مەزكۇر ئىككى كىشىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، مۇمكىن بولغان بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەككىگە كىرىپ چىقىدىغان بارلىق يول ئېغىزلىرىنى قوراللىق تەكشۈرۈپ، قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالدى. شۇنداقلا بۇ ئىككىيلەننىڭ قايسى بىرسىنىڭ مەيلى ئۆلۈكىنى، مەيلى تىرىكىنى قۇرەيش تەرەپكە تاپشۇرۇپ بەرگەنلەرگە 100 تۆگە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ چاغدا پۇل - مال ئۈچۈن ھەممىنى قىلىدىغان بىر بۆلۈك ئاتلىق چەۋاندازلار ۋە پىيادە ئىز قوغلىغۇچىلار ئۇلارنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئۇلار تاغنى ئېگىز، ئويماننى چوڭقۇر، سەھرانى يىراق دېمەي، ھەر تەرەپكە پىتراپ كېتىشتى. لېكىن، ھېچبىر ياقتىن «مانا مەن تاپتىم ياكى كۆردۈم» دېگەن سادا ئاڭلانمايتتى. بىر كۈنى چارلىغۇچى قوشۇن غارنىڭ ئېغىزىغا يېتىپ باردى، لېكىن ئاللاھ تەئالا ئۆز ئىشىغا ھامان غالىبتۇركى، ئۇ ئۇلارغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرسەتمىدى. ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، ئۇ ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن غاردا تۇرۇۋاتاتتىم، بېشىمنى ئازراق كۆتۈرۈپ قارىسام، بىر مۇنچە ئادەملەرنىڭ پۇت - پاچاقلىرىنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: «ئى رەسۇلۇللاھ، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرسى ئۆزىنىڭ بېشىنى شۇنداق تۆۋەن قىلسىلا بىزنى كۆرۈپ قالىدۇ» دېدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا: «ئى ئەبۇ بەكرى، ئاللاھ ئۈچىنچىسى بولغان ئىككىيلەندىنمۇ ئەنسىرەمسەن؟» دېدى. بۇ يەردە ھەقىقەتەنمۇ كاتتا بىر مۆجىزە يۈز بەردى. ئاللاھ تەئالا بۇ مۆجىزە بىلەن ئۆز پەيغەمبىرىنى ئەزىزلىدى. چارلىغۇچىلار بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئارىلىقىدا پەقەت بىر قانچە قەدەم يەر قالغاندا ئۇلار قايتىپ كېتىشتى.