رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m037.jpg

ئۈمىدىمىز پەقەت ئاللاھدىن:

دۈشمەنلىرىمىزنىڭ پەن تېخنىكا ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن يۇقىرى سەۋىيىگە يىتىشى، بۇ جەھەتتىن بىزنىڭ ئۇلارغا يىتىشىۋېلىشىمىزنى قىيىنلاشتۇرماقتا. ئەينى ۋاقىتتا بىز دۈچ كېلىۋاتقان يەنە بىر ھەقىقەت بىزنىڭ ئۇلارغا يىتىشۋېلىشىشىمىزغا يول قويماسىلىقىدۇر. ئۇنداقتا، قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتىمىز؟ ھالبۇكى بىزنىڭ  ھەرىكەت دائىرىمىز ناھايىتى چەكلىك تۇرسا.

دېمەك: ماددى جەھەتتىن قارىغاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ مۇشۇ شەكىلدە داۋام قىلىدىغانلىقى، بەلكى ھازىرقىدىن بەكراق قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. جۈملىدىن يەھۇدى ۋە خرىستىئانلارنىڭ ئىسلام ئەللىرىدە ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان رەزىل نىشانلىرى بۇ ئەھۋالنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىۋېتىشى مۇمكىن.

شۇنداق، يۇقىرىدىكى يەر- يۈزىدىكىلەرنىڭ قىلغان ھىساپلىرىدۇر. ئەمما ئىمان ئەھلىنىڭ ھېسابلىشىغا قارايدىغان بولساق، ئىنساننىڭ ئەقلى قابىلىيىتى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان بىر كۈچنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر بىرىدۇر.  ناۋادا بۇ قۇۋۋەت بىر كىشىگە ياردەم بېرىپ قالسا، ئۇ قانچىلىك ئاجىز بولسۇن،  دۈشمىنى قانچىلىك كۈچلۈك بولۇپ كەتسۇن ھامان ئۇ غەلىبە قىلىدۇ. مانا بۇ ئىلاھى كۈچتۇر. مانا بۇ، سۇبھان ۋە جاببار بولغان ئاللاھنىڭ كۈچىدۇر. ئاسمان زېمىندىكى ئەسكەرلەر ئۇنىڭدۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر.

مانا بۇ، بىزنىڭ ۋەھشى دۈشمەنلىرىمىز بىلەن ئۇچراشقاندا بىزگە بىردىن - بىر كۈچ ئاتا قىلىدىغان، ئىززىتىمىزنى قايتۇرۇپ بىزنى يېڭىدىن ئىنسانلارغا يېتەكچى ۋە پېشۋا قىلىدىغان ئىلاھى كۈچتۇر.

مانا بۇ، ئىسرائىل ئەۋلادلىرىدىن ئازغىنە بىر گۇرۇپپىنىڭ پىرئەۋنگە قارشى تايانغان كۈچتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: (بوزەك قىلىنغان قەۋمنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) بىز بەرىكەتلىك قىلغان (شام) زېمىننىڭ شەرق تەرەپلىرىگە ۋە غەرب تەرەپلىرىگە (يەنى ھەممە تەرەپكە) ۋارىس قىلدۇق. ئىسرائىل ئەۋلادى سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان چىرايلىق ۋەدىسى تولۇق ئىشقا ئاشتى. پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ سالغانلىرىنى يەنى ئىمارەتلىرىنى ۋە ياسىغانلىرى يەنى باغلىرى ۋە ئېكىنزارلىقلىرىنى ۋەيران قىلدۇق) [1].

 

ئۈمىدنى ئاللاھقىلا باغلاپ سەۋەپ قىلمامدۇق؟

جاۋاب: ئۈمىدىمىز پەقەت بىر ئاللاھتىندۇر دېگىنىمىز، ماددى سەۋەبلەرنىڭ پايدىسى يوق دەپ قاراپ بىر تەرەپكە تاشلاپ قۇيۇش ياكى دۈشمەنلىرىمىز پەن تېخنىكا جەھەتتىن تەرەققى قىلىپ بىزنىڭ تەرەققى قىلىشىمىزغا پۇرسەت بەرمەيۋاتىدۇ دېمەكچى ئەمەسمىز. بەلكى، ئۇنىڭ ئەكسىچە بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ساھەلەرنىڭ ھەممىسىگە بۆسۈپ كىرىپ، كۈچلىنىشىمىز ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە سەۋەب قىلىشىمىز، قىلغان سەۋەبلىرىمىزنى بۇ ئارقىلىق غەلىبە قىلىمىز دېگەن مەقسەتتە ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالا بىزدىن سەۋەب قىلىشنى تەلەپ قىلغان دەپ قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « دۈشمەنلىرىڭلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن، ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر». [2]

كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە سەۋەب قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ نۈسرىتىگە ئېرىشىش ۋە ھالىمىزنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈچۈن مۇھىم شەرتلەردىن بىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولساقمۇ، لېكىن غەلىبە ۋە نۈسرەتكە ئېرىشەلمەيمىز. چۈنكى، ھەقىقى نۇسرەت ۋە غەلىبە ئاتا قىلغۇچى ئاللاھتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ياردەم پەقەت اﷲ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ ».[3]

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: « ئەگەر اﷲ سىلەرگە ياردەم بەرسە، سىلەرنى ھېچ كىشى يېڭەلمەيدۇ. ئەگەر اﷲ سىلەرگە ياردىمىنى تەرك ئەتسە، اﷲ تىن باشقا سىلەرگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ ». [4]

 

ئاللاھنىڭ ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟

ئۈمىدىمىزنى پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا باغلىساق، ئۇنداقتا بۇ ئۈمىت قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ ئاللاھ تالا بىزنى قاچان مۇداپىئە قىلىدۇ؟ دۈشمىنىمىزگە قارشى قاچان ياردەم بېرىدۇ؟ ۋە قاچان بىزنى يەر-يۈزىگە ھاكىم قىلىدۇ؟

بۇ سوئاللارغا قۇرئان كەرىم جاۋاب بېرىپ ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە نۈسرىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىجرا قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم بولغان بىر قانچە شەرتلەرنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.  بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھەر قانداق بىر قوۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى اﷲ نىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۈممىگىچە) اﷲ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى اﷲ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت ـ ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ)». [5]ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: « ئى مۆمىنلەر! سىلەر اﷲ قا (يەنى اﷲ نىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، اﷲ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى (ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار قىلىدۇ ». [6]

 ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: گەر سىلەر (ئۇلارنىڭ ئەزىيىتىگە) سەۋر قىلساڭلار ۋە (سۆزۈڭلاردا، ھەرىكىتىڭلاردا اﷲ تىن) قورقساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ» . [7]

 ئۇنداقتا، ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى كىلشتىن بۇرۇن، ئۆزىمىزگە قايتىشىمىز ۋە بىزدىكى كەمچىلىكلەرنى، يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرمەيدىغان ۋە غەزىپىگە سەۋەپ بولىدىغان ئەھۋاللىرىمىزنى ئاللاھ ياخشى كۆرۈپ رازى بولىدىغان، ئۈممەتكە تۈپ يىلتىزىدىن تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ۋە ئۈممەتنى ئاللاھقا قايتۇرۇپ بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزدىن قۇتۇلۇشقا ئېلىپ بارىدىغان دەرىجىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشىمىز لازىم. 

 

ئىنسانلارغا روھى كۈچ بېغىشلاش لازىم:

ئىسلام ئۈممىتىدىكى كېسەللەرنى داۋالاپ ئۇلارنى ساغلام بىر روھقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۈممەتنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئۇنى داۋالايدىغان ئاللاھنىڭ غەزەپ قىلماسلىقى ئۈچۈن ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشكە ياردەمچى بولىدىغان بىر كىشىنىڭ بولىشى ئىنتايىن مۇھىم ۋە زۆرۈردۇر.

ئىسلام ئۈممىتىگە روھى كۈچ ۋە ئۈمىت بېغىشلاپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېلىپ بارىدىغان، توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر جامائە ياكى بىر نەسىلنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى لازىم. بولۇپمۇ ئىسلام ئۈممىتى ھازىرقىدەك قىيىن ئەھۋالدا بۇ نەسىلنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى تېخىمۇ مۇھىمدۇر. چۈنكى، ئسلام دۈشمەنلىرى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى بوغۇزلايدىغان سايمانلىرىنى كۆز ئالدىمىزدا تەييارلايدىغان، بۇرۇن مەخپى قىلىدىغان دۈشمەنلىكلىرىنى ھازىر كۆز ئالدىمىزدا ئۇپ - ئۇچۇق قىلىدىغان، شەخسىيىتىمز ۋە كىملىكىمىزنى يوقىتىش ئۈچۈن تۈزگەن پىلانلىرىنى  بىزنى خارلاش ۋە روھى زەربە بېرىش يۈزىسىدىن ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇن بىزگە بىلدۈرىدىغان ھالغا كەلدى.

 

ئىسلام ئۈممىتىنى ئويغىتىش لازىم:

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ھەممىسى سۈت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋاتمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلاردا كۈندىن - كۈنگە ناھايىتى زور ئويغىنىش بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ ئويغۇنىشنى تۆۋەندىكى بىر قانچە مىسال ئارقىلىقلا بىلىۋېلىش مۇمكىن: مەسىلەن مەسچىتلەرنىڭ قېرى ۋە ياشلار بىلەن تۇلۇشى، ئىنسانلارنىڭ قۇرئاننى يادلاش ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە ۋە ئىلىم مەرىپەتكە بولغان قىزغىنلىقى، ھىجاپلىق قىز-ئاياللارنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىقلار.

ھازىر مۇسۇلمانلارنىڭ تۆتنىڭ بىر قىسمىدا ئويغىنىش بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئويغىنىشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدۇ. بەلكى ئۇلارنى توغرا بىر يۆنىلىشكە باشلاش ۋە ھەقىقى ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.  ھەتتا، ئۆز نەپسىمىزدىكى چۈشەنچىلەر، بىز مۇھىم دەپ قارايدىغان مەسىلىلەر، بىزنىڭ ئاشكارا ۋە مەخپى قىلىقلىرىمىز، گەپ- سۆز ئىش  ھەرىكەتلىرىمىزدە ئۆزگىرىش پەيدا بولىشى لازىم. يەنى، قەلبىمىزدىكى ئىمانىمىز بىزنى ئىسلاھ قىلىدىغان، دۇنيانىڭ مۇھەببىتىنى ھەيدەپ چىقىرىپ بىزنى ياخشى ئىشلارغا ئۈندەيدىغان، قەلبىمىزگە ئەڭ ئۈستۈن جەننەتنىڭ مۇھەببىتىنى سېلىپ، ئاللاھنىڭ ئاغامچىسىغا چىڭ ئېسىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ قولىدىكى نەرسىدىن تامانى ئۈزىدىغان، دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان سەۋەبلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان دەرىجىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولىشى كېرەك.

ھەقىقەتەن، كىشىلەردە ئەمىلى ئۆزگىرىش پەيدا بولغۇدەك دەرىجىدە ئۇلارنى ئويغىتىش ناھايىتى چوڭ غەيرەت، ئەھدە بېرىش ۋە توختىماي تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىدىغان مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ھالىنىڭ ئۆزگىرىشى، تۇپراقلىرىنىڭ ئىلاھى ياردەمگە ھازىر ۋە مۇناسىپ ھالغا كېلىشى ئۇلارغا باغلىق بولغان نەسىل ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. 

شۇنداق، بۇ ھەقىقەتەن قىيىن بىر مەسىلە بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن بېسىپ ئۆتىدىغان يوللار ھەرگىزمۇ گۈل-چېچەك، باغۇ-بوستانلار بىلەن بىزەلمىگەن. ئەكسىچە، ھاۋايى - ھەۋەس، دۇنيا مۇھەببىتى، ئاددى بولسىمۇ قۇربان بېرىش ئېڭى بولماسلىق قاتارلىق نۇرغۇن توسالغۇلار بىلەن قورشالغان. لېكىن، بۇ توسالغۇلارنى قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن قىلچىلىك مەنپەئەت كۆزلىمەستىن خالىس تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان، ئىرادىسى مۇستەھكەم سالىھ  كىشىلەر يېڭىپ، ئۈممەتنى ئاستا - ئاللاھغا قايتۇرىدۇ.  ; داۋامى بار..................................

ئابدۇلئەھەد ئۇجات تەرجىمىسى.

 

--------------------------------------------------------------------------------

[1]  سۈرە تەۋبە 111- ئايەت

[2]  سۈرە ئەنپال 60-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[3]  (سۈرە ئەنپال 10 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

[4]  (سۈرە ئال ئىمران 160- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

 [5]  سۈرە رەئد 11-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

 [6]  سۈرە مۇھەممەد 7-ئايەت.

[7]  (سۈرە ئال ئىمران 120-ئايەت)