رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئىسلامدا ئوتتۇراھاللىق

 ھەر نەرسىنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ. قۇياشنىڭمۇ چۈش ۋاقتىدا ئاسماننىڭ دەل ئوتتۇرىغا كەلگەن ۋاقتى ئۇنىڭ كامالىغا يەتكەن ۋاقتى بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كۈن پېتىش تەرەپكە ئېگىلىشكە باشلايدۇ.  ئادەمنىڭمۇ ئوتتۇرا ياش ۋاقتى قىرانىغا يەتكەن ـ كامالىغا يەتكەن ۋاقتى بولىدۇ.

ئىسلامدىكى ئوتتۇراھاللىقنىڭ تەرىپى:

ئوتتۇراھاللىق سۆزى ئەرپچىدە «الوسطية (ئەلۋەسەتىيە)» بولۇپ، «ۋەسەت» سۆزىدىن تۆرىلىپ چىققان.

«ۋەسەت» لۇغەتتە مۇنداق ئىككى مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. بىرى: ئىككى زىت نەرسىنىڭ ئوتتۇرۇسى دېگەن بولىدۇ. مەسىلەن: "سېخىلىق ـ بۇزۇپ چېچىش بىلەن پىخسىقلىق ئوتتۇرىسىدىكى بىر خىسلەت" دېگەنگە ئوخشاش. يەنە بىرى: ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئەۋزەل دېگەن مەنىدە. بۇ سۆز بىر يەرگە ئىشلىتىلسە، ئۇ يەرنىڭ مەركىزى دېگەن بولىدۇ.

"ۋەسەتىيە" ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئىستىلاھىدا، دىنىي ئىشلاردا چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەستىن، سەل قاراپ تاشلاپ قويماستىن ھەممە تەرەپكە ئوخشاش قاراش، تەڭ كۆڭۈل بۆلۈش، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش دېگەن بولىدۇ. بۇنى قۇرئان كەرىمدە ئىستىقامەت دەپمۇ ئاتايدۇ. ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خىتاپ قىلىپ:  «بۇيرۇلغىنىڭدەك تۈز ماڭ.»[1] دېگەن. يەنە «سىراتۇل مۇستەقىم (توغرا يول)» دەپ ئاتىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن»[2] رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا ئىسلامنى باشقىلاردىن سوراشقا ھاجەت بولمايدىغان شەكىلدە چۈشەندۈرۈپ بەرسىلە، دېگەن كىشىگە: «قل آمنت بالله ثم استقم (ئاللاھقا ئىمان كەلتۈردۈم دېگىن، ئاندىن توغرا بولغىن)»[3] دېگەن.

ئىسلام دىنى ھەر جەھەتتىن ئوتتۇراھاللىق كامالىيىتىگە ئىگە بىر دىن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق، مۇئامىلە قاتارلىق ھەممە تەرەپلىرىدە نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. ئىسلامدىكى ئوتتۇراھاللىق بولسا، رادىكاللىق بىلەن پاسسىپلىقتىن يىراق بولغان بىر كامالىيەتنىڭ ئۇنۋانىدۇر. ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۇممىتىنى ئوتتۇراھال ئۇممەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنى ئوتتۇراھال ئۇممەت قىلدۇق.»[4] ئوتتۇراھال ئۇممەت بولغانلىق ئەڭ ياخشى ئۇممەت بولغانلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بۇ ئۇممەتنى ئەڭ ياخشى ئۇممەت دەپ ئاتاپ مۇنداق دېگەن: «سىلەر ئىنسانلار ئۈچۈن چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۇممەت بولدۇڭلار.»[5]

ئىسلامنىڭ ساماۋى دىنلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوتتۇراھاللىقى

ئەقىدىدە:

ئىسلام دىنى ئەدەبسىزلىكتىن ئاللاھ تائالانى ئىنسانغا ئوخشاش سۈپەتلەيدىغان؛ ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسلام بىلەن چېلىشىپ يېڭىلىپ قالغان ەديدىغان؛ ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدىغان؛ ئاللاھ تائالا ھالال قىلغان كۆپلىگەن پاك نەرسىلەرنى ئۆزلىرىگە ھارام قىلىۋالىدىغان يەھۇدىيلارنىڭ ۋە خۇراپىيلىقتىن ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىلاھ قىلىۋالغان؛ ئاللاھنى ئۈچ دەيدىغان؛ ئېيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەيدىغان؛ ھالال-ھارام مەسىلىسىدە ھەددىدىن ئېشىپ «پاك ئادەملەر ئۈچۈن ھەممە نەرسە ھالالدۇر» دەيدىغان؛ پوپلىرىغا گۇناھنى مەغپىرەت قىلىش ھوقۇقىنى بېرىدىغان خىرىستىيانلارنىڭ دىنلىرىدىن تامامەن يىراق بولۇپ، ئاللاھ تائالانى پۈتكۈل ئەيىب ـ نۇقسانلاردىن پاك؛ كامال سۈپەتلەرگە ئېگە، تەڭدىشى يوق؛ ھېچ شېرىكى ۋە بالىسى يوق دەپ ئىشىنىدىغان، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىماستىن ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ پەيغەمبەرلىرى، ھەممىسى گۇناھلاردىن مەسۇم ـ پاك، دەپ ئۆز لايىقىدا ئولۇغلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگىدۇر.

 

ئەخلاقتا:

ئىسلام ئىنسانغا پۈتۈنلەي ياخشىلىق ياكى پۈتۈنلەي يامانلىق ئۇنسۇرى دەپ قارىمايدۇ. بەلكى ئىنسان ياخشىلىق قىلىش ۋە يامانلىق قىلىش قابىلىيىتىگە ئېگە، گۈزەل ئەخلاقىمۇ يامان ـ ناچار قىلىقلىرىمۇ بار كىشى دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئىسلام ئىنساننىڭ تەبىئىتىدىكى گۈزەللىكلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، يامانلىققا ئېلىپ بارىدىغان نەپسى شەيتان، ھاۋايى ھەۋەسلىرىنى تىزگىنلەشكە تىرىشىدۇ. مانا مۇشۇ مەنىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىندىم»[6] دېگەن.

ئىسلام مۇنداق ئىككىخىل كىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بىرى: كۆرۈنۈشتە ئىبادەتلەرنى ناھايىتى كۆپ قىلىدىغان، ئىشتىنى كالتا، ساقىلى ئۇزۇن، ئەمما ئەخلاقى ناچار، كىشىلەرگە يامان مۇئامىلە قىلىدىغان، ئاللاھتىن قورقمايدىغان، پۇلنى كۆرگەندە ھالال ـ ھارامنى ئىلغىمايدىغان، يالغان سۆزلەشتىن تەپ تارتمايدىغان كىشى. يەنە بىرى: مېنىڭ نىيىتىم ياخشى، كىشىنىڭ ھەققىنى يېمەيمەن دەيدىغان، كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىسى ياخشى، ئەمما ئىبادەتلەرگە سەل قارايدىغان، ئىبادەتلەرنى تەرك ئېتىشتىن قورقمايدىغان كىشى. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئىسلام نەزىرىدە چوڭ گۇناھكار كىشىلەردۇر. توغرىسى: ئىبادەتلەرنىمۇ ئۆز لايىقىدا قىلىش كېرەك، ئەخلاقىنىمۇ ئىسلام كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن تۈزۈتىشى كېرەك.

 

ئىسلامنىڭ ئەقىلغا ئەھمىيەت بېرىىشتىكى ئوتتۇراھاللىقى

ئىنسان ئەقلى بىلەن باشقا مەخلۇقاتلاردىن پەرقلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى ئەقىلنى ھۆرمەتلەيدۇ ـ قەدىرلەيدۇ. ئەقلى يوق ئادەمنى شەرىئەتكە تەكلىپ قىلمايدۇ. ئەقىلنى ھەقىقەتكە يېتىشنىڭ بىر ۋاسىتىسى دەپ تونۇيدۇ. قۇرئان كەرىمدە كۆپلىگەن ئايەتلەردە «ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەمدۇ؟ ئەي ئەقىل ئىگىلىرى!» دەپ كېلىدۇ. ئىسلام ئەقىلنى قوغداشنى ئاسراپ قوغداش زۆرۈر بولغان بەش پەرزنىڭ بىرى قىلىدۇ. ئىسلام دىنى ئەقىلغا ئۆزىدە يوق ئالاھىدىلىكلەرنى تېڭىۋېلىپ، ئۇنى ھەقىقەتكە يېتىشنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى قىلىۋالىدىغان، ئەقىلغا چوقۇنىدىغان، ھەتتا ئەقىل يەتمەيدىغان مېتافىزىكا ئالىمى ھەققىدىمۇ ئەقىل بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا ئالدىرايدىغان ئازغۇنلاردىن ۋە ئەقىلنىڭ رولىنى جارىي قىلدۇرمايدىغان، ئۇنىڭ ساداسىغا قولاق سالمايدىغان ۋە ئۇنىڭ قىممىتىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان خۇراپاتچىلاردىن يىراق ھالدا، ئوتتۇراھاللىق يولىنى تۇتىدۇ. ئاشۇرىۋېتىپ ئەقىلغا چوقۇنمىغاندەك، ئۇنىڭ رولىنىمۇ ئىنكار قىلىپ خۇراپاتقا چوقۇنمايدۇ.

 

ئىسلامنىڭ ئىبادەتلەرگە بۇيرۇشتىكى ئوتتۇراھاللىقى

ئىسلام دىنى كىشىلەرنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىبادەتلەرگە تەكلىپ قىلمايدۇ. شۇڭا ئىسلام تەكلىپلىرى ئىنساننىڭ تاقىتى ۋە قۇدرىتىگە قاراپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، قايسىبىر سەۋەبلەر بىلەن بۇ تەكلىپلەرنى ئورۇنداشتىن ئاجىز قالغانلارغا رۇخسەت، يېنىكلىتىش ۋە كېچىكتۈرۈش دېگەنگە ئوخشىغان كەڭچىلىكلەرمۇ بەلگىلەنگەن. مەسىلەن: سەپەردە نامازلارنى قەسر قىلىش، سۇ تېپىلمىغاندا تاھارەتنىڭ ئورنىغا تەيەممۇم قىلىش، قىينىلىپ قالىدىغانلار ئۈچۈن رامىزان روزىسىنى كېچىكتۈرۈش دېگەنگە ئوخشىغان كەڭچىلىك تۈرلىرى بۇنىڭ مىسالى. ئاللاھ تائالانىڭ ]كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىڭلار[دېگەن سۆزى بۇ ماۋزۇدا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئاساسلىق پىرىنسىپتۇر.

ئىسلامدا يەنە تەركىيدۇنيالىق رەت قىلىنىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بۇيرۇغان ئەمەس. سۇپىزمنىڭ تەننى قىيناشنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنىڭ ۋەسىلىسى قىلىۋېلىشتىن ئىبارەت خۇراپاتلىرى، خىرىستىيانلارنىڭ ئۆيلىنىشتىن مەنئى قىلىدىغان راھىبلىق تۈزۈمى ۋە بەزى باتىل دىنلاردىكى ئۆزىنى قىيناش ۋە يۇيۇنماستىن پاسكىنىلىق ئىچىدە كۈن، ئايلارنى ئۆتكۈزۈشنى ئىبادەت دەپ ساناش سەپسەتىسى قاتارلىقلارنى كۆرگىنىمىزدە، ئىسلام دىنىنىڭ نەقەدەر ئىلغار، نەقەدەر ئەۋزەل دىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىمىز. ئىبادەت ھەققىدە بىر نەچچە ئايەتنى مىسال قىلىپ ئۆتەيلى. سەدىقە قىلىش ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋالمىغىن (يەنى بېخىللىق قىلمىغىن)، قولۇڭنى پۈتۈنلەي ئېچىۋەتمىگىن (يەنى ھەممە نەرسەڭنى بېرىۋەتمە)، ئۇنداق قىلساڭ پۇلسىز قېلىپ مالامەتكە، پۇشايمانغا قالىسەن.»[7]

يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) خىراجات قىلغاندا، ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ. ئوتتۇراھال خىراجەت قىلىدۇ.»[8]

ناماز ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «نامىزىڭدا قىرائەتنى بەك يۇقىرى ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، بەك پەس ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرا يول تۇتقىن.»[9]

دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك ھەر ئىككىسىنى قولدىن بەرمەسلىك ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ساڭا بەرگەن مال ـ مۈلك بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تەلەپ قىلغىن، دۇنيادىكى نەسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن.»[10]

يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىمان ئېيتقان زاتلار! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا، ئاللاھنى ياد ئېتىشكە (يەنى جۈمە نامىزىغا) ئالدىراپ بېرىڭلار، ئېلىم ـسېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىنغا تارىلىپ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار (يەنى رىزقىڭلارنى تېپىش ئۈچۈن ئىشىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار.)»[11]

قانۇن ـ تۈزۈم ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىمان ئېيتقان زاتلار! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى (تەركى دۇنيا بولۇش يۈزىسىدىن ئۆزەڭلارغا) ھارام قىلىۋالماڭلار. ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن چەكتىن ئاشماڭلار (يەنى ھارامنى ھالا قىلماڭلار)، ئاللاھ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ.»[12]

بىزگە ھەم دۇنيالىقىمىزنى ھەم ئاخىرىتىمىزنى تىلەپ دۇئا قىلىشىمىزنى ئۆگىتىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەي رەببىمىز! بىزگە دۇنيادىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.»[13]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىدىن بىرەرسىنىڭ ئىسلامنىڭ بىرەر تەرىپىگىلا بېرىلىپ كەتكەنلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرەتتى. بىر كۈنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كېچىلىرى ئوخلىماي ناماز ئوقۇپ، كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇشقا ئادەتلىنىۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئۇنىڭغا: «ئى ئابدۇللاھ! كۆزۈڭنىڭ ۋە بەدىنىڭنىڭ ئارام ئېلىش ھەققى بار، ئائىلەڭنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدە ھەققى بار، ئايالىڭنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدە ھەققى بار، بۇلاردىن ھەربىرىنىڭ ھەققىنى بەرگىن»([14])دېگەن.

بىر كۈنى ساھابىلەردىن ئۈچ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن ئۇنىڭ ئىبادىتى توغرۇلۇق سورىشىدۇ. ئاياللار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادەتلىرىنى ئاز، دەپ ھېس قىلغانلىقلىرىدىن «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارىغاندا نەدە؟ ئاللاھ ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى پۈتۈن كەمچىلىكلىرىنى كەچۈرىۋەتكەن تۇرسا دېيىشىدۇ» يەنى ئونداق بولغان ئىكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئازلا ئىبادەت قىلسىمۇ يېتەرلىك، ئەمما بىز ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك دېگەن چۈشەنجىگە كېلىدۇ ـ دە، ئۇلاردىن بىرى «مەن يىل بويى كۈندە روزا تۇتىمەن» دەيدۇ. يەنە بىرى «مەن ئايالدىن يىراق تۇرىمەن، ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمەيمەن» دەيدۇ، ئۈچىنچىسى «مەن كېچە ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىمەن» دەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئۇلارغا: «سىلەر ئۇنى، بۇنى دېيىشىسىلەر، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ ئېيتالايمەنكى، ئاراڭلاردا مەن سىلەرنىڭ ئاللاھتىن ئەڭ قورقىدىغان، ئەڭ تەقۋا كىشىڭلارمەن. لېكىن مەن كېچىلىرىنىڭ بەزى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئوقۇيمەن، بەزى ۋاقىتلىرىدا بولسا ئۇخلايمەن، (رامىزاندىن باشقا كۈنلەردە) گاھىدا روزا تۇتىمەن، گاھىدا تۇتمايمەن. مەن ئۆيلىنىمەن. كىمكى مېنىڭ بۇ يولۇمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن ئۇ مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئەمەس» دەيدۇ ([15]).

 

ئىسلامنىڭ ۋەزىپىلەرنى بەلگىلەشتىكى ئوتتۇراھاللىقى

ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى ئىبادەتلەرگە تەكلىپ قىلىشتا، ئۇلارنىڭ يارىتىلىشتىكى ئۆزگىچىلىكىنى كۆزدە تۇتقاندەك، ئەر بىلەن ئايال ئىككى جىنسنىڭ ئۆزگىچىلىكىگە ۋە خۇسۇسىيەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئەرلەرنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى كۈچى ۋە ئەقىل بىلەن ھېسسىيات ئوتتۇرىسىدا مۇھاكىمە قىلىشتىكى سوغۇققانلىقى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھاياتنىڭ يۈكلىرىدىن ئېغىرراقىنىڭ يۈكلىنىشىگە، ئاياللارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقى ۋە ھېسسىياتچانلىقى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يېنىكرەك يۈكلەرنىڭ يۈكلىنىشىگە تۈرتكە بولغانلىقى ئېنىق.

 

دىننى قىيىنلاشتۇرماقچى بولغانلار چوڭ خاتالىقلارغا چۈشۈپ قالىدۇ

دىن ئىنسانلار ئۈچۈن رەھمەت بولۇپ كەلگەن ئىكەن، ئۇنىڭ رەھمىتىدىن كىشىلەرنىڭ نېسىۋە ئېلىشى تەقەززا قىلىنىدۇ. ھەتتا ئىبادەتلەردىمۇ بۇ رەھمەتنىڭ نامايان قىلىشى كۈتۈلىدۇ. بۇ ماۋزۇنىڭ دەلىلى « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى ئىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا تاللاشقا توغرا كەلسە، گۇناھلا بولمايدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئەڭ ئوڭاي بولغىنىنى تاللايتتى»[16] دېگەن ھەدىستۇر. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ شۇنىڭغا تەشەببۇس قىلىپ:« ئوڭايلاشتۇرۇڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار، خۇش خەۋەر بېرىڭلار، قاچۇرۇپ قويماڭلار»[17] دەپ بۇيرۇغان.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: "بۇ دىن ئاسانلىق دىنىدۇر. كىمكى بۇ دىننى چىڭىتىۋالىدىكەن، مەغلۇب بولىدۇ..."[18]

يەنە مۇنداق دەيدۇ: "دىندا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىڭلار. سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرنى دىندا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ھالاك قىلغان."[19]

بىز دىنغا قانچىلىك ئىخلاسمەن بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئېشىپ كېتەلمەيمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ دىننىڭ رەھبىرى، ئۇنى تۇنجى تەبلىغ قىلغان ۋە ھاياتلىقتا تەتبىق قىلغان زات بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىسلام ئۈممىتىگە ھەربىر ئىشتا ئۈلگىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بەختسىزلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇرىۋېتىش ۋە كېمەيتىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ خاتالىق يۈزىسىدىن كەلگەن دېسەك مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز. چۈنكى، خۇددى تۇزى ئۆتۈپ كەتكەن تاماق لەززىتىنى يوقاتقاندەك، تۇزسىز تاماقمۇ تېتىمايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ نورماللىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ. بەزى قېرىنداشلار دىننى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ قىيىن تەرەپلىرىنى تۇتۇش كېرەك، دەپ ئويلايدۇ. نەتىجىدە، بۇ ھەركىمگە ئوڭاي ۋە ھەممىگە رەھمەت بولۇپ كەلگەن بۇ دىننى كىشىلەرگە قىيىنلاشتۇرۇپ قويىدۇ، ھەتتا ئۇنى كىشىلەرنىڭ خىيالىدا، جەمئىيەتتە ياشىتىش مۇمكىن بولمايدىغان، ھېچكىم ئۇنىڭ تەلەپلىرى بويىچە ھايات كەچۈرەلمەيدىغان غايىۋىي بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر دىندىن يىراق ياشاشنى تاللايدىغان بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇلار قانچە قىلىپمۇ دىننىڭ تەلەپ قىلغىنى بويىچە ياشىيالمايدىغانلىقىنى ئويلايدۇ.

دىننى قىيىنلاشتۇرماقچى بولغانلار بىلىپ-بىلمەي ئىسلام دەۋىتىنىڭ يولىنى توسىۋالىدۇ، دىننى كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن يىراقلاشتۇرۇپ قويىدۇ. چۈنكى مۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «  ئوڭايلاشتۇرۇڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار، خۇش خەۋەر بېرىڭلار، قاچۇرۇپ قويماڭلار» دېگەن تەۋسىيەسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دىننى ئۆزى بىلگەنچە ۋە ئۆز ئەقلىچە دەۋەت قىلماقچى بولغانلاردۇر. مۇنداقلاغا ئىسلامدا ئورۇن يوق. چۈنكى  بۇ دىننىڭ دەۋەت قىلىش ئۇسۇلى ۋە پىرىنسىپى بار. ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلماقچى بولغان شىركەتلەر تاۋارلىرىغا خېرىدار تېپىش يولىدا، قانداق يول تۇتۇشقا ۋە خالىغانچە ئۇسۇللارنى ئىجاد قىلىپ چىقىشقا ھەقلىقتۇر. چۈنكى شىركەت ئاشۇلارنىڭدۇر. ئەمما دىننى دەۋەت قىلغۇچىلار ۋە دىن نامىدىن سۆزلىگۈچىلەر مۇنداق قىلالمايدۇ. چۈنكى بۇ دىن ئاللاھ تائالانىڭ دىنىدۇر. ئۇنى پەقەت ئاللاھ تائالا ئۆزى بەلگىلەپ كۆرسەتكەن ئۇسۇل ۋە پىرىنسىپ ئىچىدىلا دەۋەت قىلالايدۇ. ئۇنىڭدا بولمىغاننى ئېيتالمايدۇ ۋە ئۇنىڭدا بولغاننى قالدۇرۇپ قويالمايدۇ.

ئىسلامدا ئوتتۇراھاللىقنى تەشەببۇس قىلىشتىن غايىمىز:

1-      دىنىمىزنى ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىدە كەلگەن بويىچە ئىفرات (چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش) ۋە تەفرىت (سەل قاراپ كەمچىلىك قىلىش) تىن تازىلاپ ساپ سۈزۈك ھالى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

2-      ئىسلامنىڭ ھەر قانداق زامان ۋە ھەر قانداق يەردە ئادا قىلغىلى بولىدىغان ئاسانلىق دىنى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش.

3-      ئىسلامدا ئىنساننىڭ بەدىنىگە ياكى مال ـ مۈلكىگە ياكى جېنىغا كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ تاشلاش.

تەييارلىغۇچىلار: مۇھەممەد يۇسۇف قارىم. ئابدۇل ئەھەد ھاپىز.

 

 

 

--------------------------------------------------------------------------------

[1] سۈرە ھۇد: 112- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[2] سۈرە فاتىھە: 6- ئايەت.

[3] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

[4] سۈرە بەقەرە: 143- ئايەت.

[5] سۈرە ئالى ئىمران: 110- ئايەت.

[6] ئىمام بۇخارى "ئەدەبۇل مۇفرەد" دە رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس.

[7] سۈرەم ئىسرا: 29- ئايەت.

[8] سۈرە فۇرقان: 67- ئايەت.

[9] سۈرە ئىسرا: 110- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[10] سۈرە قەسەس: 77- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

[11] سۈرە جۈمئە: 9-10- ئايەتلەر.

[12] سۈرە مائىدە: 87- ئايەت.

[13] سۈرە: بەقەرە: 201- ئايەت.

([14]) بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

([15])  بۇخارى رىۋايىتى.

[16] بۇخارى رىۋايىتى.

[17] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[18] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

[19] ئىمام ئەھمەد ۋە نەسائى رىۋايەت قىلغان، ئەلبانى سەھىھ دەپ باھا بەرگەن.