رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

كۈندە بىر ھەدىس (1)

ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەرنى مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ [18] سۈرە لوقمان] ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە: كىبىرلىك ۋە ئۇلۇغلۇق مېنىڭ خاس سۈپەتلىرىم بولۇپ، كىمكى ئۇنىڭدىن بىرىنى مەندىن تالىشىدىكەن، ئۇنى دوزاخقا تاشلايمەن،-دېدى. [ئەبۇ داۋۇد: 4090] ئەلبانى (3446): سەھىھ،-دېگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئود رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« قەلبىدە زەررىچىلىك تەكەببۇرلۇقى بار ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېدى. بىر ئادەم: كىشى ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ كىيىمى ۋە ئايىغىنىڭ چىرايلىق بولىشىنى ياخشى كۆرىدۇ؟ دېدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئاللاھ گۈزەلدۇر. گۈزەللىكنى ياقتۇرىدۇ، تەكەببۇرلۇق دېگەن ھەقنى ئىنكار قىلىش ۋە كىشىلەرنى تۆۋەن كۆرۈشتۇر » دېدى.  [مۇسلىم:91]  ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« مۇتەكەببىرلەر قىيامەت كۈنى ئادەم سۈرىتىدە ئەمما زەررىچىلىك ھەجىمدە بولىدۇ، ئۇلارنى ھەممە تەرەپتىن خارلىق قاپلاپ، دوزاختىكى بۇلەس دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈرمىگە ھەيدىلىدۇ. ئۇلارنى دەھشەت ئۇلغايغان ئوت كۆيدۈرىدۇ، ئۇلار دوزاخ ئەھلىنىڭ تىينەتۇل خابال دەپ ئاتىلىدىغان يىرىڭلىرى بىلەن سۇغۇرىلىدۇ» [تىرمىزى: 2492] ئەلبانى (2025): ھەسەن،-دېگەن. ئىياز ئىبنى ھىمار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن  رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئاللاھ تائالا ماڭا:" كەمتەر بولۇڭلار! ھېچكىم ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمىسۇن، ھېچكىم ھېچكىمنىڭ ئالدىدا چوڭچىلىق قىلمىسۇن" دەپ ۋەھىي قىلدى» [ئەبۇ داۋۇد: 4895] ئەلبانى (4093): سەھىھ،-دېگەن.