رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ھەج قىلغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىق نەسىھەتلەر

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.


مۇسۇلمان كىشى ھەج- ئۆمرىنى نىيەت قىلىپ سەپەرگە چىقىشنى مەقسەت قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرى ۋە يېقىنلىرىغا: ئاللاھغا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىپ ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تولۇق ئورۇنلاش ۋە چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنىش ھەققىدە نەسىھەت قىلىشى كېرەك.


كىشىلەر بىلەن بولغان  مۇئامىلە ئېلىش-بېرىش ئىشلىرىنى گۇۋاھچىلارنى تەييار قىلىپ تولۇق يېزىشى، بارلىق گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار» (نۇر سۈرىسى31 - ئايەت).


ھەقىقى تەۋبە دېگەن: گۇناھتىن يېنىش، گۇناھىغا پۇشايمان قىلىش، شۇ گۇناھنى قايتا قىلماسلىققا بەل باغلاشتىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر گۇناھ بەندىنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولسا، زۇلۇم قىلغان بولسا ئەپۇ قىلىشنى تەلەپ قىلىش، مالنىڭ ئوخشىشى بولسا ئىگىسىگە قايتۇرۇشى، مۇمكىن بولسا سەپەرگە چىقىشتىن ئىلگىرى بۇنىڭ ھەممىسىدىن خالاس بولىشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە:« كىمىكى ئۆز قېرىندىشىنىڭ ئابرويىنى تۆكۈش ئارقىلىق ياكى بىرەر نەرسىنى ئېلىۋېلىش ئارقىلىق زۇلۇم قىلغان بولسا، ئۇ قېرىندىشىنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرەي دېسە مال-دۇنيا يوق، قىلغان زۇلىمىغا چۇشلۇق ياخشى ئەمىلى بولسا، ياخشى ئەمىلىدىن ئىلىپ بېرىلىدىغانلىقى، ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ گۇناھلىرى ئېلىنىپ زالىمنىڭ گەدىنىگە ئارتىپ قويۇلىدىغان قىيامەت كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىۋالسۇن» (بۇخارىيدىن).


ھەج- ئۆمرىنى ھالال- پاكىز مال-دۇنيا بىلەن قىلىشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: « ئاللاھ ناھايىتى پاكدۇر، پاك نەرسىنى قوبۇل قىلىدۇ» يەنە بىر  ھەدىستە« مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ پاك ھالال مېلىنى سەرپ قىلىپ ھەج- ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ئاتلىنىپ چىقىپ: لەببەيكە ئاللاھۇممە لەببەيكە دېگەندە، ئاسمان: لەببەيكە ۋە سەئدەيكە، تاپقان مېلىڭ ھالالدىن، ماڭغان يولۇڭ ھالال يول، قىلغان ھەججىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا قوبۇل بولدى دەپ جاۋاپ كېلىدۇ، كىمىكى ھەج- ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ھالال بولمىغان مال سەرپ قىلىپ چىقىپ: لەببەيكە ئاللاھۇممە لەببەيكە دېگەندە، ئاسمان: لا لەببەيكە ۋە لا سەئدەيكە، تاپقان مېلىڭ ھالال ئەمەس، ماڭغان يولۇڭ ھالال ئەمەس، قىلغان ھەججىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا قوبۇل ئەمەس دەپ جاۋاپ كېلىدۇ» دېيىلگەن.


ھەج- ئۆمرىنى مەقسەت قىلغۇچى كىشىلەر تاماخورلۇقتىن ۋە باشقىلاردىن بىر نەرسە سوراشتىن ساقلىنىشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە:«كىمىكى ئىپپەتلىك بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى ئىپپەتلىك قىلىدۇ،  كىمىكى كىشىلەردىن بىھاجەت بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى بىھاجەت قىلىدۇ»، يەنە بىر ھەدىستە:« دائىم كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىغان كىشى  قىيامەت كۈنىدە يۈزى داق سۆڭەك كېلىدۇ» دېيىلگەن.


ھەج-ئۆمرە قىلغۇچىلار، قىلغان ئەمەللىرى بىلەن ئاللاھ رىزالىقى ۋە ئاخىرەتنى مەقسەت قىلىپ بۇ پائالىيەت ئىلىپ بېرىلىدىغان مۇقەددەس ئورۇنلاردا ئاللاھ رازى بولىدىغان سۆز ۋە ئىش- ھەرىكەتلەرنى قىلىشى، ئۆزىنىڭ ھەججى بىلەن ئەرزىمەس دۇنيانى مەقسەت قىلىپ، رىياخورلۇق، كۆز-كۆزچىلىك ۋە پەخىرلىنىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، بۇنداق ناچار مەقسەت بىلەن قىلىنغان ئەمەللەر بىكار كېتىدۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل قىلىنمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:« قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن پەقەت ھاياتى دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇ- زىننىتىنى(يەنى دۇنيانىڭ نېمەتلىرىنى) كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىمىز، دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ، بۇنداق كىشىلەرگە ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا نەرسە يوقتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ، قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ» (ھۇد سۈرىسى 15-16- ئايەت)، يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېگەن: «بىز دۇنيانى كۆزلىگەنلەر ئىچىدىن خالىغان ئادەمگە(ئۇنىڭ خالىغىنىنى ئەمەس) بىزنىڭ خالىغىنىمىزنى بېرىمىز، ئاندىن ئۇنى( ئاخىرەتتە) جەھەننەم بىلەن جازالايمىز، جەھەننەمگە ئۇ خارلانغان، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) قوغلانغان ھالدا كېرىدۇ، كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن ۋە مۆمىن بولۇپ ئاخىرەتكە لايىق ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، مۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغان ئەمىلى( ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) قوبۇل بولىدۇ»(ئىسرا سۈرىسى 18-20- ئايەت).


پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان ئاللاھ تائالا بايان قىلغان سەھىھ ھەدىستە:« مەن شېرىكلىكتىن بىھاجەتتۇرمەن، كىمىكى قىلغان ئىشىدا بىرسىنى ماڭا شېرىك قىلىدىكەن، مەن ئۇ كىشىنى  شېرىكى بىلەن تاشلاپ قويىمەن».


ھەج-ئۆمرە قىلغۇچىلار سەپەرگە دىننى چۈشىنىدىغان، تەقۋادار، تائەت- ئىبادەت بىلەن بولىدىغان ياخشى كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە چىقىشى، پاسىق، ناچار كىشىلەر بىلەن بىرگە بولۇشتىن ھەزەر قىلىشى كېرەك.


ھەج-ئۆمرە قىلغۇچىلار  سەپەرگە چىقىشتىن ئىلگىرى قىلىدىغان پائالىيەتلىرىنى بىر قۇر ئۆگۈنىشى، ئىبادەتنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن بىلەلمىگەن مەسىلىلەرنى سورىشى كېرەك، ئۇلاغقا مىنگەندە ياكى ماشىنا، ئايرۇپىلان ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرغاندا ئاللاھنى پاكلاپ، ماختاپ ۋە ئۈچ قېتىم تەكبىر ئېيتىپ«بىزگە بۇنى بوي سۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكدۇر، بىز ئۇنىڭغا مىنىشكە قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز. ئى ئاللاھ! سەندىن مۇشۇ سەپىرىمىزدە ياخشىلىق ۋە تەقۋالىق سورايمىز ۋە سەن رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلالىشىمىزنى سورايمىز. ئى ئاللاھ! بىزنىڭ بۇ سەپىرىمىزنى ئاسان قىلغايسەن ۋە ئۇنىڭ يىراقلىقىنى يېقىن قىلغايسەن. ئى ئاللاھ! بۇ سەپىرىمىزنىڭ ئىگىسى ۋە ئەھلىمىزنىڭ ساقلىغۇچىسى سەندۇرسەن. ئى ئاللاھ! سېنىڭ نامىڭ بىلەن سەپىرىمىزنىڭ مۇشەققىتى ۋە يامان كۆرۈنۈشتىن ۋە سەپەردىن قايتقاندا، مال ئەھلى ۋە بالىلىرىمىزنىڭ يامان ئەھۋالىنىڭ ئۈستىگە قايتىشتىن پاناھ تىلەيمەن». بۇ ھەدىسنى مۇسلىم ئىبنى ئۆمەردىن كەلتۈرگەن.


سەپەر جەريانىدا  ئاللاھقا ئىستىغپار، زىكىر ئېيتىش، تۆۋەنچىلىك بىلەن كۆپ دۇئا قىلىش، قۇرئان ئوقۇپ مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىش، نامازنى جامائەت بىلەن ۋاقتىدا ئوقۇش، پايدىسىز، قۇرۇق گەپ-سۆزلەردىن ساقلىنىش، قالايمىقان چاقچاق ۋە مەسخىرىلەردىن ھەزەر قىلىش، تىلىنى يالغان سۆز، غەيۋەت- شىكايەتلەردىن ساقلاش ۋە باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك.


ئۆز ھەمراھلىرىغا قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىش، ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن ھەزەر قىلىش، ئۇلارنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ھېكمەت بىلەن ۋەز- نەسىھەت قىلىپ ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن چەكلىشى كېرەك.


شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى بازنىڭ پەتىۋالار توپلىمى16-توم 32،37- بەتلەرگە قارالسۇن.