1- مۆمىنلەرنىڭ خەلىفىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دىگەنلىكى رىۋايەت قىلىندۇ ،مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:<< بارلىق ئەمەللەر ھەقىقەتەن نىيەتكە باغلىقتۇر،شۇنداقلار ھەر قانداق كىشى ئۆزى نىيەت قىلغان نەرسىگە ئېرىشىدۇ،كىمكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان بولسا ،ئۇ ھىجرىتىدىن شۇنى تاپىدۇ ،كىمكى بۇ دۇنيادا پۇل-مالغا ئېرىشىش ياكى بىرەر خۇتۇن ئېلىش ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان بولسا ،ئۇنىڭ ھىجرىتى نىيەت قىلغان نەرسە ئۈچۈن بولىدۇ>> بۇخاري ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.