رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :ئاللاھ سېنى نامازغا قوپقىنىڭدا كۆرۈپ تۇرىدۇ،ناماز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى (سەجدىگە بارغانلىق،رۇكۇغا تۇرغانلىق ۋە قىيامدا تۇرغانلىق ) ھەركىتىڭنى كۆرۈپ تۇرىدۇ..   سۈرە شۇئارا 218- 219 ئايەت

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : سىلەر قەيەردە بولماڭلار،ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگە،ئاللاھ قىلۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرۋاتىدۇ.  ; سۈرە ھەدىد 4-ئايەت

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ : شۈبھىسىزكى ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھ تائالاغا مەخپى ئەمەس .   ئال ئىمران 5- ئايەت

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ : پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرنى ئەلۋەتتە كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر .   سۈرە فەجر 14- ئايەت

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ : ئاللاھ تائالا كۆزلەرنىڭ خىيانىتىنى ۋە دىللاردىكى يۇشۇرۇن نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ .  غافىر  19-ئايەت

1-ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى : ئۇ مۇنداق دېدى : سىلەر شۇنداق بىر ئىشنى قىلىدىكەنسىلەركى سىلەرنىڭ قارىشىڭلارچە ئۇ ئىشلار ناھايىتى كىچىك ئىشلار ھېساپلىنىدىكەن،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدا بىز ئۇ ئىشلارنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارغۇچى ئىشلار دەپ قارايتتۇق .  بۇخاري رىۋايەت قىلغان