رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

اللە تائاللا مۇنداق دەيدۇ:« ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر،سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار قىيامەت كۈنى تۇلۇق بېرىلىدۇ. كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەنىكەن، ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان مالدىنلا ئىبارەتتۇر(يەنى ئالدايدىغان نەرسە بولۇپ،ئازغىنا بەھرىمان بولغاندىن كېيىن

تۈگەيدۇ.» -قۇرئان كەرىم سۈرە ئال ئىمران 185-سۈرە

اللە تائاللا يەنە مۇنداق دېگەن:« ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.» -قۇرئان كەرىم سۈرە لوقمان 34-ئايەتنىڭ بىر قىسمى

اللە تائالا يەنە مۇنداق دېگەن :« ئۇلارنىڭ (ھالاك بولۇش) ۋاقتى كەلگەندە، قىلچە ۋاقتىمۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. (ۋاقىت

كەلمىسە) قىلچە ۋاقتىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ.» - قۇرئان كەرىم نەھل 61- ئايەتنىڭ بىر قىسمى

اللە تائاللا مۇنداق دەيدۇ: « ئى مۆئمېنلەر! ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى اللە نىڭ زىكرىدىن غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىملەركى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر، بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ :« پەرۋەردىگارىم، نېمىشقا مېنى (يەنى ئەجىلىمنى) بىر ئاز كېچىكتۈرمىدىڭ،سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دېيىشتىن بۇرۇن ، ئۆزۈڭلارغا رىزىق قىلىپ بېرىلگەن نەرسىلەرنى سەدىقە قىلىڭلار، اللە ھېچ ئادەمنى ئەجىلى كەلگەندە ھەرگىز كېچىكتۈرمەيدۇ، اللە قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن تۇلۇق خەۋەرداردۇر.» قۇئان كەرىم سۈرە مۇنافىقۇن 11- ئايەت

 اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئۇلارنىڭ (يەنى كۇففارلارنىڭ ) بىرىگە ئۆلۈم كەلسە، ئېيتىدۇركى: «پەرۋەردىگارىم، مېنى (دۇنياغا ) قايتۇرغىن، مەن قويۇپ كەلگەن مال-مۈلكۈم بىلەن ياخشىلىق قىلىشىم مۇمكىن.» (ئۇلارنىڭ دۇنياغا قايتىشى )مۇمكىن ئەمەس، ئۇ چوقۇم شۇ سۆزنى قىلغۇچىدۇر. ئۇلار قەبرىلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنى دۇنياغا قايتىشتىن توسىغان) بىر توسما بولىدۇ. سۈر چېلىنغان كۈندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تۇغقاندارچىلىق مەۋجۈت بولماي قالىدۇ، بىر -بىرىنىڭ (ئەھۋالىنىمۇ )سوراشمايدۇ.» دېگەن ئايەتتىن «ئى ئىنسانلار! بىزنى سىلەر ئۆزۈڭلارنى بىكار ياراتتى(يەنى سىلەر بىزنى ھايۋانلارنى ياراتقىنىمىزدەك بىز ھېچقانداق ساۋابمۇ بەرمەيدىغان، جازامۇ بەرمەيدىغان قىلىپ ياراتتى) ئۆزۈڭلارنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايمىز ،دەپ ئويلامسىلەر؟» - قۇرئان كەرىم سۈرە مۆئمېنۇن 99-115-ئايەتلەر

اللە تائاللا مۇنداق دەيدۇ:« مۆئمېنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى اللە نىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە( يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقىت يەتمىدىمۇ؟ ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ) دەك بولمىسۇن، (ئۇلار بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئارىلىقىدىكى) زاماننىڭ ئۇزۇرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى اللە نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.» -قۇرئان كەرىم سۈرە ھەدىد 16-ئايەت.