رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

17/111- ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ھەدىس قۇددىسىدا «اللھ مۇنداق دېگەن، دېدى: ئى بەندىلىرىم! مەن ئۆزەمگە زۇلۇمنى ھارام قىلدىم. سىلەرگىمۇ ئۆز ئارا زۇلۇم قىلىشىڭلارنى ھارام قىلدىم. زۇلۇم قىلىشماڭلار. ئى بەندىلىرىم! مەن ھىدايەت قىلغان كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار ئازغۇچىدۇر. مەندىن ھىدايەت تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى ھىدايەت قىلىمەن. ئى بەندىلىرىم! مەن تائام بەرگەن كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار ئاچ قالغۇچىدۇر، مەندىن تائام تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرگە تائام بېرىمەن. ئى بەندىلىرىم! مەن كىيىم بەرگەن كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار يالىڭاچ قالغۇچىدۇر، مەندىن كىيىم تەلەپ قىلىڭلار سىلەرگە كىيىم بېرىمەن. ئى بەندىلىرىم! سىلەر كېچە- كۈندۈز خاتالىشىسىلەر، مەن پۈتۈن گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمەن. مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى مەغپىرەت قىلىمەن. ئى بەندىلىرىم! سىلەر ماڭا زىيان يەتكۈزمەكچى بولساڭلار، ماڭا ھەرگىز زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پايدا يەتكۈزمەكچى بولساڭلارمۇ ھەرگىز پايدا يەتكۈزەلمەيسىلەر. ئى بەندىلىرىم! ئەگەر ۋە كېيىن ئۆتكەن پۈتۈن ئىنسانلار ۋە جىنلار يىغىلىپ بىر تەقۋادار كىشىنىڭ قەلبىگە ئوخشاش بولۇپ كەتسەڭلارمۇ، مېنىڭ ئىلكىمدىكى كىچىككىنە نەرسىنىمۇ زىيادە قىلالمايسىلەر، ئى بەندىلىرىم! ئەگەر ئىلگىرىكى ۋە كېيىن ئۆتكەن پۈتۈن ئىنسانلار ۋە جىنلار يىغىلىپ بىر بۇزۇق ئادەمنىڭ قەلبىگە ئوخشاش بولۇپ كەتسەڭلارمۇ، مېنىڭ ئىلكىمدىكى ھېچ نەرسىنى كېمەيتەلمەيسىلەر. ئى بەندىلىرىم! ئەگەر سىلەر ئىلگىرى ۋە كېيىن ئۆتكەن پۈتۈن ئىنسانلار ۋە جىنلار ھەممىسى بىر تۈزلەڭلىككە يىغىلىپ، مەندىن تىلىكىنى سورسا، مەن ھەر بىر ئىنسانغا مەندىن سورىغىنىنى بەرسەم، دېڭىزغا سېلىپ چىقىرىلغان يىڭنىگە يۇققان سۇ دېڭىز سۈيىدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتەلمىگەندەك مەندىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتەلمەيدۇ. ئى بەندىلىرىم ! مەن ھەقىقەتەن ئەمەللىرىڭلارنى سىلەر ئۈچۈن ساقلاپ قويىمەن. ئاندىن ئۇنى سىلەرگە تولۇق قايتۇرۇپ بېرىمەن. كىمكى ياخشىلىققا ئېرىشسە، اللھ غا شۈكرى قىلسۇن، كىمكى ئۇنىڭدىن باشقىغا ئېرىشىپ قالسا، پەقەت ئۆزىدىن كۆرسۇن». [مۇسلىمدىن]