رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

3/305 - ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »ئاللاھ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مۆمىن بولالمايدۇ، ئاللاھ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مۆمىن بولالمايدۇ، ئاللاھ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى مۆمىن بولالمايدۇ« دېدى، كىم ئى ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرى؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: »ئۇنىڭ يامان قىلىقلىرىدىن قوشنىلىرى خاتىرجەم بولالمىغان كىشى« دېدى. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]

مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: »يامان قىلىقلىرىدىن قوشنىلىرى خاتىرجەم بولالمىغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ «دېيىلگەن.