رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن ؛ راسىت سۇز كىشىنى ياخشىلىققا يىتەكلەيدۇ ،ياخشىلىق كىشىنى جەننەتكە ئېلىپ بارىدۇ ،كىشى ھەقىقەتەن راسىت سۇزلەۋەرسە ،بارا-بارا راسىتچىللار قاتارىغا ئۇتىدۇ .يالغانچىلىق كىشىنى گۇناھقا يىتەكلەيدۇ ،گۇناھ كىشىنى دوزاخقە ئېلىپ بارىدۇ ،كىشى ھەقىقەتەن يالغان سۇزلەۋەرسە ئاللانىڭ دەرگاھىدا كەززاپ دەپ يېزىلىدۇ .ئاللاھتائالا مۇنداق دىگەن ؛« ئى مۇمىنلەر ،ئاللادىن قورقۇڭلار ۋە راسىتچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار » ( بۇخارى رىۋايىتى )

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن ؛ئاڭلىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسىنى سۇزلەپ يۇرۇشنىڭ ئۇزى كىشى ئۇچۇن يېتەرلىك يالغانچىلىقتۇر .( مۇسلىم رىۋايىتى )

ئابدۇللا ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن ؛ مۇشۇنداق تۇت خىسلەت كىمدە بار بولىدىكەن ئۇلارنى تەرك ئەتمىگىچە ئۇ مۇناپىق ھېساپلىنىدۇ .كىمدە مۇشۇ تۇت خىسلەتتىن بىرى تېپىلىدىكەن ئۇنى تەرك ئەتمىگىچە ئۇنىڭدا مۇناپىقلىقتىن بىر خىسلەت بولغان بولىدۇ .بۇ تۇت خىسلەت ،يالغان سۇزلىمەك ،ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلماق ،تۇزۇشكەن توختامنى بۇزماق ۋە جېدەللەشكەندە ئاغزىنى بۇزماقتىن ئىبارەت .( بۇخارى رىۋايىتى )