رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m019.jpg

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:{شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغانلار بىزگە مەخپىي قالمايدۇ، قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ ياكى قىيامەت كۈنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئەمىن بولغان ھالدا كېلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. شۈبھىسىزكى، قۇرئان كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغانلار (قاتتىق جازاغا ئۇچرايدۇ)، شۈبھىسىزكى، قۇرئان غالىب كىتابتۇر. ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىل يۈزلەنمەيدۇ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيىگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر}. سۈرە فۇسسىلەت 40-، 41-، 42- ئايەتلەر.

بۇ يەردە قۇرئان كەرىم نى قوغداشنىڭ بارلىق ساغلام ھەدىس شەرىپ لەرنىمۇ قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مۇھىم بىر مەسىلىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈش ئىنتايىن زۆرۈر. چۈنكى ھەدىس شەرىپ لەر قۇرئان كەرىم نىڭ تەپسىرى ۋە شەرھىسى ھېسابلىنىدۇ.

شەرھىلەنگۈچىنى قوغداش شەرھىلىگۈچىنى قوغداشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالاغا كۆپ ھەمدۇ سانالەر ئېيتىمىزكى، قۇرئان كەرىم قوغدالغاندەك، ھەدىس شەرىپ لەرمۇ قوغدىلىپ كەلدى. ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى - مەرھەمىتى بىلەن ھەر دەۋردە نۇرغۇن ھەدىسشۇناسلار يېتىشىپ چىقىپ، دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئويدۇرۇلۇپ چىقىرىلغان ئاتالمىش ھەدىسلەردىن ئىسلام ئۈممىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى. شۇنىڭدەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سابىت بولغانلىقى روشەن دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق مەلۇم بولغان ھەدىس لەرگە تىل ئۇزاتقانلارغا دەل ۋاقتىدا رەددىيە بېرىپ تۇردى. قىسقىسى، ھەدىس ئىلمى ئۈستىدە كېچە-كۈندۈز تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەدىسشۇناس ئالىملارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئىسلام ئۈممتىنىڭ بۇ ساھەدىكى بارلىق ئېھتىياجى تولۇق قامدالدى.

قۇرئان كەرىم نىڭ قوغدىلىشى، ئۇنىڭ مەڭگۈ داۋام قىلىشى ھەقلىقدۇر. چۈنكى ئۇ، ئاسماندىن زېمىن ئەھلىگە چۈشكەن ئاخىرقى سۆزلەردۇر. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئارقىلىق ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى، ساۋاتسىز ئەرەب مىللىتىنى ئىسلاھ قىلدى. شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلغان ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئىشلىرىنى ئىسلاھ بولىدۇ، ئۇنىڭدىن غاپىل بولغان ھەر قانداق مىللەت مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بولسىمۇ زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.