رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

پەيغەمبەرلىكىگە دەلىللەر

ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە بەرگەن گۇۋاھلىقى
قۇرئان ۋە ھەدىس تىكىستلىرى ئىلگىركىلەرنىڭ كىتابلىرىدا مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامنڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا نۇرغۇن بىشارەتلەرنىڭ
بارلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجاز زېمىنىدىن ۋولقان كۆتۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىن خەۋەر بەرگەنلىكى
پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنىڭ يەمەندىن كېلىدىغان ئۇۋەيس ئەلقەرەنىي (رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇ) نىڭ ھەققىدەبەرگەن خەۋىرىمۇ ئاللاھ تائالا مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامنڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئۇ زاتقا ئالدىن
بىلدۈرگەن غەيبىي خەۋەرلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلىشى
شەكسىزكى، پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئىلگىرىكىلەرنى ۋە
كېيىنكىلەرنى ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز قالدۇرغان ئاللاھ تائالانىڭ
كىتابى قۇرئان كەرىمدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دېگەن: "ھەر قانداق
بىر پەيغەمبەرگە ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگۈدەك مۆجىزە بېرىلدى،
ماڭا بېرىلگەن مۆجىزە بولسا ئاللاھ تائالا ماڭا نازىل قىلغان قۇرئان بولدى،
شۇڭا مەن قىيامەت كۈنى ئەگەشكۈچىلىرى ئەڭ كۆپ پەيغەمبەر بولۇشۇمنى ئۈمىد
قىلىمەن".
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ھىمايە قىلغانلىقى (1)
ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ھىمايە قىلغانلىقى، ئۇلاردىن
خالىغانلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قوتۇلدۇرغانلىقى پەيغەمبەرلىك
دەلىللىرىنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. نۇھ ئەلەيھىسسالام كاپىر قەۋمىگە دۇئېل ئېلان قىلىپ: «ئى قەۋمىم! ئەگەر
سىلەرگە مېنىڭ ئىچڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە سىلەرنى  ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن
قورقۇتۇشۇم ئېغىر كەلگەن بولسا، مەن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلدىم (يەنى
ئاللاھقا يۆلەندىم، سىلەرگە پەرۋا قىلمايمەن).
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ھىمايە قىلغانلىقى (2)
قۇرەيشلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھىجرەت قىلىشتىن ئىلگىرى بىر قانچە
قېتىم ئولتۇرۈشكە ئورۇنغان لېكىن ئاللاھ ئۇنى ھىمايە قىلىپ ئۇلاردىن
قۇتۇلدۇرۇپ قالغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىن ھىجرەت قىلىسشنى
ئىرادە قىلغان ۋاقتتىمۇ ئۇلار ئۇنىڭ ئىشىكىنى مارىلاپ ياتقان لېكىن ئاللاھ
ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى پەچەتلىۋەتكەنلىكتىن ئۇ ئىشىكتىن چىققاندا ئۇلار ئۇنى
كۆرەلمىگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۈپرىكى بىلەن كېسەللەرنىڭ شىپا تاپقانلىقى
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن
ۋاقىتىدا ئۇ زاتنى بەنى ئىسرائىلغا ھۆججەت قىلىپ كۆرسەتكۈدەك تۇغما كورنى،
بەرەس كېسىلىنى ساقايتىش قاتارلىق نۇرغۇن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتكەنىدى.
  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەينى زاماندا مېنىڭ ئىزنىم بىلەن لايدىن
قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايتتىڭ - دە، ئۇنى پۈۋلىسەڭ ئىزدىن بىلەن
ئۇچىدىغان قۇش
ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغانلىقى (1)
ئاللاھ
تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغانلىقى
پەيغەمبەرلىكنى پارلاق دەلىللىرىنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ
تائالا پەيغەمبىرى دۇئاغا قول كۆتۈرگەن ھامان ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ
كەلدى. دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىنىڭ تەكرارلىنىشى پەيغەمبەرنىڭ
راستچىللىقىغا دەلىلدۇر. چۈنكى ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ
ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئادەمنى ئاللاھ تائالا قوللاپ، قۇۋۋەتلىمەيدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغانلىقى (2)

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ يېتۈك ئالىمى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمانى ئابدۇللاھ
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا بېرىلگەن ئىلىم ۋە ھېكمەت ئاللاھنىڭ
پەزلى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان دۇئاسىنى
ئىجابەت قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ئۇ كىچىك ۋاقىتدا پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ تاھارەت سۈيىنى تەييارلاپ بەرگەن بولۇپ، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ: "ئى ئاللاھ، ئۇنى دىندا فەقىھ
قىلغىن" دەپ دۇئا قىلغانىدى. [مۇسلىم رىۋايىتى].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان پىتنىلەردىن ئالدىن خەۋەر بەرگەنلىكى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان غەيبىي
خەۋەرلىرىنىڭ جۈملىسىدىن ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ساھابىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز
بېرىدىغان پىتنىلەر ھەققىدە ئالدىن بەرگەن خەۋەرلىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى مەدىنە تاملىرىدىن بىر تامنىڭ ئۈستىگە
چىقىپ، ساھابىلىرىگە: "مەن كۆرگەننى سىلەرمۇ كۆرىۋاتامسىلەر" دېگەندە،
ئۇلار: ياق، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئۇ: "شەكسىزكى مەن، پىتنىلەرنىڭ
ئۆيلىرىڭلارنىڭ ئۈستىگە يامغۇر چۈشكەندەك، چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن"
دەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن روياپقا چىققان غەيىبلەردىن ئالدىن خەۋەر بەرگەنلىكى

يۇقىرىدىكى بابتا زىكرى قىلىنغان غەيبىي خەۋەرلەر مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامنڭ پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلغانىكەن ئۇنداقتا، ئالدىمىزدا
ئۇنىڭدىنمۇ كاتتا غەيبىي خەۋەرلەر بار. تۆۋەندە بىز پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا خەۋەر بېرىپ، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن روياپقا
چىققان بەزى غەيبىي خەۋەرلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.