رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرى

m038.jpg

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئاللا جەننەتنى ياراتقان چاغدا، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامغا:« بېرىپ، قاراپ باققىن!»دېدى. ئۇ بېرىپ قاراپ كېلىپ:« ئى رەببىم! ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، بۇنى ئاڭلىغان ھەممە ئادەم ئۇ يەرگە كىرىدۇ» دېدى. ئاندىن ئاللا ئۇنىڭ ئەتراپىنى جاپالىق ئىشلار بىلەن ئوراپ:« ئى جىبرىئىل! ئەمدى بېرىپ قاراپ باققىن!» دېدى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بېرىپ قاراپ كەلدى ۋە:« ئى رەببىم! ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، ھېچكىم ئۇ يەرگە كىرەلمەسمىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدىم» دېدى. ئاللا جەھەننەمنى ياراتقان چاغدىمۇ:« ئى جىبرىئىل!

m037.jpg

قەلەمنى يارىتىش--[نۇن.قەلەم بىلەن ۋە ئۇلار يازغان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى [1] سۈرە قەلەم]

ئۇبادەت ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئاللاتائالا تۈنجى بولۇپ ياراتقان نەرسە
قەلەمدۇر، ئاللاتائالا قەلەمگە: ياز، دېدى. قەلەم:نېمىنى يازىمەن؟ دېدى.
ئاللاتائالا (بۇنىڭدىن كېيىن) بولماقچى بولغان بارلىق نەرسىلەرنى يازغىن،
دېدى. شۇنىڭ بىلەن قەلەم تاكى قىيامەتكىچە بولماقچى بولغان نەرسىلەر ۋە
ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يازدى» [تىرمىزى ۋە ئەبۇ داۋۇد سەھىھ]

m006.jpg

[ئېيتقىنكى: ئاللا تەرەپكە قېچىڭلار [50] سۈرە زارىيات]  ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى ئابدۇللا، ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:« مېنىڭدىن كېيىن ئىختىلاپ ياكى چوڭ ئىشلار يۈز بېرىدۇ. ئەگەر سەن تېنىچلىق ئورنىتىشقا قادىر بولالىساڭ، شۇنداق قىلغىن»   مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئىسلام تاكى قىيامەتكىچىلىك دەۋر سۈرىدىغان بىر دىندۇر. سىلەر قۇرئان نەگە باشلىسا، شۇ يەردە تۇرۇڭلار.

m005.jpg

قىيامەت يېقىنلاشتى [57] سۈرە نەجم][كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىنىدىغان ۋاقىت (يەنى قىيامەت) يېقىنلاشتى، ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەت توغرۇلۇق ئويلىنىشتىن) يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر [1]سۈرە ئەنبىيا] [(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى قويۇۋەت، يەپ- ئىچىپ، ئويناپ- كۈلۈپ يۈرسۇن، ئۇلار بىھۇدە ئارزۇلار بىلەن بولىۋەرسۇن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى) بىلىدۇ [3] سۈرە ھىجر]  ئەبۇ جۇبەيرەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« مەن قىيامەت شامىلىنىڭ ئەۋۋىلىدە ئەۋەتىلدىم» [ئەھمەد ۋە تەبرانى ۋە ئەبۇ ي

m003.jpg

1.نامازغا تاھارەت ئېلىشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا

134. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:«سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا.كىم تاھارەتسىز ناماز ئوقۇيدىكەن، اللە ئۇنى تاھارەت ئالمىغۇچە قۇبۇل قىلمايدۇ.» ــ ئىمام بۇخارى ، ئىمام مۇسلىم توپلىغان

m003.jpg

1.ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۇپۇنچە « لا ۋە مۇقەللىبەلقۇلۇبى» يەنى قەلىبلەرنى خالىغانچە چۆرۈپ، يۆتكەپ تۇرغۇچى زات، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى دەپ قەسەم قىلاتتى، (مۇھەممەدنىڭ جېنى قول ئىلكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەم دەپمۇ قەسەم قىلاتتى). ئەھمەد، بۇخارى، تىرمىزى، نەسەئى توپلىغان، سەھىھ.

m001.jpg

ـ ھەدىس، ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: "مەن، سىلەرنى توسقان نەرسىدىن ساقلىنىڭلار، مەن بۇيرۇغان ئىشلارنى كۈچۈڭلار يەتكەن مىقدارى ئەمەلگە كەلتۈرۈڭلار، (مەن گەپ قىلمىغان نەرسىلەر توغرىسىدا سوئال بەھس، مۇنازىرە، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار). چۈنكى، سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەر ئۆز پەيغەمبىرىدىن تولا سوئال سوراپ ۋە پەيغەمبەرلىرى كۆرسەتكەن ئىشلارنى شەرتسىز قوبۇل قىلماي ئىختىلاپ ۋە قارمۇ ـ قارشى سۆز ۋە ھەرىكەتلەردە بولغىنى ئۈچۈن ئۇلار ئۆزىنى ھالاكەتكە ئۇچراتتى".

ھەدىس شەرىپكە ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر بېرىش مۆجىزىسى

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىكنىڭ
دەلىل - ئىسپاتلىرى سۈپىتىدە پەيغەمبىرىنى ئۇممىتى ئىچىدە بۇنىڭدىن كېيىن يۈز
بېرىدىغان بەزى ئىشلاردىن ئالدىن خەۋەردار قىلغان بولۇپ، كېيىن بۇ ئىشلار خەۋەر
بېرىلگىنىدەك روياپقا چىققانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
"سىلەرنىڭ بىرىڭلار كارىۋىتى ئۈستىدە ئولتۇرغاندا، مېنىڭ ھەدىسلىرىم يىتىپ كەلسە:
ئاللاھنىڭ كىتابى كۇپايە، ئاللاھنىڭ كىتابىدا ھالال تاپقانلىرىمىزنى ھالال، ھارام
تاپقانلىرىمىزن ھارام، دەپ بىلىمىز، دەيدىغانلىقى يەقىندۇر". [تىرمىزى
رىۋايىتى].

غۇسلىدىكى مۆجىزە

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر!سىلەر مەس بولساڭلار*، نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى بىلگىنىڭلارغىچە، جۇنۇب بولساڭلار، ـ يول ئۈستىدە بولغانلار (بۇنىڭدىن) مۇستەسنا، ـ غۇسلى قىلمىغۇچە نامازغا يېقىنلاشماڭلار، ئەگەر كېسەل (يەنى كېسەلگە سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا) ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار، ياكى ھاجەت قىلساڭلار، ياكى ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسەڭلار، (مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقنى يۈزۇڭلارغا، قولۇڭلارغا سۈرتۈپ تەيەممۇم قىلىڭلار, ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەرەج بولماسلىقى ئۈچۈن، ئىبادەتنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈچىدۇر)

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىدالىشىش نۇتىقى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9-كۈنى ئەرەپاتقا چىقتى ۋە بۇيەردە ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ يىلتىزى ۋە شاخچىلىرى بايان قىلىنغان ئۇلۇغ نۇتقىنى سۆزلىدى.ھەممە مەدھىيە ئاللاغا خاس، ئاللانى مەدھىيلەيمىز، ئاللادىن كەچۈرۈم سۇرايمىز، ئاللاغا تەۋبە قىلىمىز. ئاللاغا سېغىنىپ نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋە يامان ئىشلاردىن پانا تىلەيمىز.ئاللا ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ. ئاللا ئازدۇرغان ئادەمنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ.شۇنىغا گۇۋاھلىق بىرىمەنكى يالغۇز بىر ئاللادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق،ئاللانىڭ شىرىكى يوق.