رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىماتلىرى

ئەبۇھۇرەيرەرەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن : << ئاللاھ بىلەن قەسەمكى : مەن كىشىلەرگە بۇيرۇپ ئۇتۇن يىغدۇرسام،ئاندىن كىشىلەرنى نامازغا چاقىرسام،ئاندىن بىر كىشىنى ئىمام قىلىپ سايلاپ قۇيۇپ، شۇجامائەت نامىزىغا كەلمىگەنلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قۇيۇۋەتسەم،دەيمەن. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ،شۇجامائەت نامىشىنى تەرىك قىلغۇچىلار ، جامائەت نامىزىغا قاتناشقۇچىلارغا بىر پارچە لۇق گۆش ياكى ئىككى تال پۇتۇن قوۋۇرغا بىرىلىدۇ، دىگەن گەپنى ئاڭلىغانبۇلسا ،ئۇلار چۇقۇم خۇپتەن نامىزىغا جامائەتكە كېلەتتى.>> ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم توپلىغان.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق د ەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن : << مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر كىلىدىغىنى  بامدات نامىزى بىلەن خۇپتەن نامىزى ،ئەگەر ئۇلار بۇ ئىككى نامازنىڭ خاسىيىتىنى بىلگەن بۇلسا ئىدى . چۇقۇم ئۆمىلەپ بۇلسىمۇ كەلگەن بۇلار ئىدى،  مەن بىر كىشىنى ئەزان ئېيتىشقا بۇيرۇپ ، يەنەبىر كىشىنى ئىمام قىلىپ قۇيۇپ،ئاندىن ئۆزۈم قۇلۇمغا ئوتۇن ئېلىپ ،ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلاپمۇ جامائەت نامىزىغا كەلمىگەنلەرنىڭ  ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۋەتسەم، دەيمەن>>. ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم توپلىغان.  

ئىتبان ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:مەن رەسۇلۇللاھننى ئىزدەپ كىلىپ :ئى، رەسۇلۇللاھ ،مىنىڭ كۆزۈم يىقىندىن بۇيان يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بۇلۇپ قالدى ، داۋاملىق جامائەت نامىزىنى ئوقۇپ بىرىمەن .بەزىدە قاتتىق يامغۇر ياققان چاغلار دا مىنىڭ ئۆيۇم بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيى ئۇتتۇرىسىدا يامغۇر سۈيى ئىقىپ ئېرىق شەكىللىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن جامائەت نامىزىغا كىلەلمەي قالىمەن، ئى ، رەسۇلۇللاھ، مەن سېنىڭ مىنىڭ ئۆ يۇمگە كىلىپ ،ئۆيۇمنى مەسجىد قىلىپ جامائەت نامىزى ئۇقۇشىڭنى ئۈمۇد قىلاتتتىم ،دىدى.رەسۇلۇللا:<<ئەزان ئېيىت>>دىدى.

1713. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن : << ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ بەندەم مېنى ئۆزىگە قارىتا قانداق ئويلىسا، مەن ئۇنىڭغا شۇنداق بولىمەن . ئۇ مېنى مەخپى ئەسلىسە ، مەن ئۇنى مەخپى ئەسلەيمەن ، ئۇ مېنى جامائەت بار يەردە تىلغا ئالسا ، مەن ئۇنى ئۇ جامائەتتىنمۇ ياخشى جامائەت بار يەردە تىلغا ئالىمەن . ئەگەر ئۇ ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا ، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن . ئۇ ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا ، مەن ئۇنىڭغا بىر غولاچ يېقىنلىشىمەن .

شەدا ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ،رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دىگەن:ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن بەندىللىرىمدىن بىر موئمىن بەندىنى كىسەل ۋە باشقا بالار بىلەن سىنىسام،بەندەم ماڭا ھەمدۇ ئىيتپ،مىنىڭ سىناقلىرىمغا سەۋىر قىلسا،ھەقىقەتەن ئۇ كىسەل ئورنىدىن خۇددى ئانىسى تۇققان كۈندىكىدەك خاتالىقلاردىن ،گۇناھلىرىدىن پاك -پاكىز بۇلۇپ قوپۇدۇ،ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ،ئى كىرامەن كاتىبىنلەر!مۇھاىزەتچى پەرىشتلەر،ھەقىقەتەن مەن بۇ بەندەمنى ئۆزۈم كىشەنلەپ،ئەمەللىرىدىن تۇسۇپ قۇيغان،سىلەر ئۇنىڭغا،ئۇ ساق سالامەت ۋاقتىدا بىرلىدىغان ئەجىر ،ساۋابلارنى بىرۋىتىڭلار،ئۇ ساق چاغدىكى ئەمەللەرنىڭ

ئەبۇ سەلىمەنىڭ قىزى زەينەپ رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ ؛ جەھىشنىڭ قىزى زەينەپنىڭ قېرىندىىشى ئۇلۇپ كەتكەن چاغدا ،ئۇنىڭ يېنىغا كىرگەنىدىم ،زەينەپ خۇش پۇراقنى ئەكەلدۇرۇپ ئىشلەتتى ،ئاندىن مۇنداق دېدى ؛ ئاللا بىلەن قەسەم قىلىمەنكى ،مېنىڭ خۇشپۇراققا ھاجىتىم يۇق ئىدى ،لېكىن رەسۇلۇللانىڭ مۇنبەردە تۇرۇپ ،ئاللاغا ۋە ئاخىرەت كۇنىگە ئىمان ئېيىتقان ئايالنىڭ ئۇچ كېچە كۇندۇزدىن ئارتۇق ھازا تۇتۇشى دۇرۇس ئەمەس ،ئەمما ئېرىل ئۇلگەن بولسا ،ئۇنىڭغا 4ئاي 10 كۇن ھازا تۇتسا بۇلىدۇ ،دىگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم . ( بۇخارى رىۋايەت قىلغان )

ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن ؛ راسىت سۇز كىشىنى ياخشىلىققا يىتەكلەيدۇ ،ياخشىلىق كىشىنى جەننەتكە ئېلىپ بارىدۇ ،كىشى ھەقىقەتەن راسىت سۇزلەۋەرسە ،بارا-بارا راسىتچىللار قاتارىغا ئۇتىدۇ .يالغانچىلىق كىشىنى گۇناھقا يىتەكلەيدۇ ،گۇناھ كىشىنى دوزاخقە ئېلىپ بارىدۇ ،كىشى ھەقىقەتەن يالغان سۇزلەۋەرسە ئاللانىڭ دەرگاھىدا كەززاپ دەپ يېزىلىدۇ .ئاللاھتائالا مۇنداق دىگەن ؛« ئى مۇمىنلەر ،ئاللادىن قورقۇڭلار ۋە راسىتچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار » ( بۇخارى رىۋايىتى )

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ( ئاللاھ غا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا- ئاناڭلارغا، خىش- ئەقرىبا لىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن- يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل- چۆرىلەرگە ياخشلىق قىلىڭلار).

1/303- ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »جىبرىئىل ماڭا قوشنىلارنىمۇ مىراسخور قىلىپ قويارمىكىن، دېگەن گۇمانغا كېلىپ قالغىدەك دەرىجىدە قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلاتتى«. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]

2/304- ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: »ئى ئەبۇزەر! ئەگەر سەن شورپا قايناتساڭ، ئۇنىڭ سۈيىنى كۆپرەك قىل ۋە قوشنىلىرىڭغا يەتكۈزگىن«. [مۇسلىمدىن]

يەنە بىر رىۋايەتتە: مېنىڭ دوستۇم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ماڭا تەۋسىيە قىلىپ: »ئەگەر شورپا قايناتساڭ، ئۇنىڭ سۈيىنى كۆپرەك قىلغىن، ئاندىن قوشنىلىرىڭنىڭ ئۆيىگە قارا، ئۇلارغىمۇ ئۇ شورپىدىن يەتكۈزگىن« دېيىلگەن.

3/305 - ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »ئاللاھ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مۆمىن بولالمايدۇ، ئاللاھ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مۆمىن بولالمايدۇ، ئاللاھ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى مۆمىن بولالمايدۇ« دېدى، كىم ئى ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرى؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: »ئۇنىڭ يامان قىلىقلىرىدىن قوشنىلىرى خاتىرجەم بولالمىغان كىشى« دېدى. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]

مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: »يامان قىلىقلىرىدىن قوشنىلىرى خاتىرجەم بولالمىغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ «دېيىلگەن.