رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىماتلىرى

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رەۋھادا([1]) ئاتلىق ئادەملەرگە ئۇچرىشىپ: «سىلەر كىم بولىسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: بىز مۇسۇلمانلار، دەپ جاۋاب بەردى. ئۇلار: سەن كىم؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «اللھ نىڭ ئەلچىسى» دېدى. بىر ئايال بىر كىچىك بالىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ھەج قىلسا بولامدۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شۇنداق، ۋە سىزگىمۇ ئۇنىڭ ئەجرى بولىدۇ» دېدى. [مۇسلىمدىن]

ئەبۇمۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »بۇيرۇقنى جايىدا ئورۇنلايدىغان، بېرىشكە تېگىشلىكنى كۆڭۈل ئازادىلىك بىلەن (قىلچىلىكمۇ ھەسەت قىلماستىن) تولۇق بېرىدىغان، كىمگە بېرىشكە بۇيرۇلسا شۇنىڭغا بېرىدىغان ئىشەنچىلىك مۇسۇلمان ئامبارچى (بەرگەن نەرسە ئۆزىنىڭ بولمىسىمۇ) سەدىقە بەرگۈچىلەرنىڭ بىرىدۇر«- دېگەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]

اللە تائاللا مۇنداق دەيدۇ:« ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر،سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار قىيامەت كۈنى تۇلۇق بېرىلىدۇ. كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەنىكەن، ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان مالدىنلا ئىبارەتتۇر(يەنى ئالدايدىغان نەرسە بولۇپ،ئازغىنا بەھرىمان بولغاندىن كېيىن

تۈگەيدۇ.» -قۇرئان كەرىم سۈرە ئال ئىمران 185-سۈرە

اللە تائاللا يەنە مۇنداق دېگەن:« ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.» -قۇرئان كەرىم سۈرە لوقمان 34-ئايەتنىڭ بىر قىسمى

ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:« ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ۋەسىيەت قالدۇرغۇدەك بىر نەرسىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەسىيەت قالدۇرماي ئىككى كېچىنى ئۆتكۈزۋېتىشى توغرا بولمايدۇ» -بۇخارى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئىبن ئۇمەر مۇنداق دەيتتى:« كەچقۇرۇنلىقى ئەتىگەنلىكىڭنى كۈتمىگىن،ئەتىگەنلىكى كەچقۇرۇنلىقىڭنى كۈتمىگىن.ساق ۋاقتىڭنى غەنىمەت بىلىپ، كېسەل ۋاقتىڭدا قىلالمايدىغان ئىشلىرىڭنى قىلىۋال، ھاياتلىقىڭنى غەنىمەت بىلىپ، ئۆلگەندىن كېيىن قىلالمايدىغان ئىشلىرىڭنى قىلىۋال.» -بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇركى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام تۆت چاسا كاتەكچە سىزىپ ئۇ كاتەكچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر مۇنچە ئۇششاق سىزىقلارنى سىزدى.شۇنىڭ بىلەن يەنە كاتەكچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا يەنە بىر مۇنچە ئۇششاق سىزىقچىلارنى سىزدى ۋە:« بۇ ئوتتۇرىدىكى سىزىق ئىنسان، ئۇنى ئوراپ تۇرغۇچى بۇ كاتەكچە بولسا ئۇنىڭ ئەجىلى، كاتەكچىدىن چىقىپ تۇرغىنى بولسا، ئۇنىڭ ئارزۇسى. بۇ كىچىك سىزىقلار بولسا دۇنيادىكى دۇنيادىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر. ئەگەر كىشى بىر كىچىك سىزىقتىن قۇتۇلسا، يەنە بىر كىچىك سىزىق چىرمىۋالىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىنمۇ قۇتۇلسا، يەنە بىر كىچىك سىزىق چىرمىۋالىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:« بېشىڭلارغا مۇنداق يەتتە تۈرلۈك ئىش كەلگۈچە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار. سىلەرنى كۈتۈپ تۇرىدىغىنى :ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرغۇچى نامراتلىق، يولدىن چىقارغۇچى بايلىق، بەدەننى كاردىن چىقارغۇچى كېسەللىك، ئەقىلنى ئاجىزلاتقۇچى قېرىلىق، تېز كەلگۈچى ئۆلۈم، يولدىن چىقارغۇچى، ئازدۇرغۇچى دەججال ياكى سىلەرنى كۈتۈپ تۇرغۇچى قىيامەتتۇر، قىيامەت بولسا ئەڭ قاتتىق ۋە دەھشەتلىكتۇر.» - تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.

ئۇبەي ئىبن كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇركى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتسە، ئورنىدىن تۇرۇپ:« ئى ئىنسانلار! اللە نى كۆپ ياد ئېتىڭلار! بىرىنچى سۈر چېلىنىدىغان ۋاقت يېتىپ كېلىپ قالدى. ئۇنىڭغا ئىككىنچى سۈر ئەگىشىدۇ،ئۆلۈم دەھشەت بىلەن كېلىدۇ.» دەيتتى. مەن :«ئى اللە نىڭ ئەلچىسى! مەن ساڭا كۆپ دۇرۇد ئېيتاي دەيمەن، دۇئايىمنىڭ قانچىلىكىنى ساڭا دۇرۇد ئېيتىشقا قاراتسام بولار؟ » دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام :«خالىغىنىڭچە» دېدى. مەن:« تۆتتىن بىرى بولارمۇ؟» دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام :«خالىغىنىڭچە» دېدى .

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :ئاللاھ سېنى نامازغا قوپقىنىڭدا كۆرۈپ تۇرىدۇ،ناماز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى (سەجدىگە بارغانلىق،رۇكۇغا تۇرغانلىق ۋە قىيامدا تۇرغانلىق ) ھەركىتىڭنى كۆرۈپ تۇرىدۇ..   سۈرە شۇئارا 218- 219 ئايەت

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : سىلەر قەيەردە بولماڭلار،ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگە،ئاللاھ قىلۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرۋاتىدۇ.  ; سۈرە ھەدىد 4-ئايەت

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ : شۈبھىسىزكى ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھ تائالاغا مەخپى ئەمەس .   ئال ئىمران 5- ئايەت

2- ئەبۇ ھۈرەيرە  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈندەشلىك قىلىدۇ ، ئاللاھنىڭ كۈندەشلىكى ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىنى قىلغان كىشىگە بولىدۇ .    بۇخاري ۋە مۇسلىم

3- ئەبۇ يەئلا شەدداد ئىبنى ئەۋس  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:ئەقىللىق كىشى ئۆزىدىن ھېساپ ئېلىپ تۇرىدۇ  ۋە ئاخرەتلىكى ئۈچۈن ياخشى ئەمەل قىلىدۇ. نادان كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسىگە ئەگىشىدۇ ۋە ئاللاھتىن ئەپۇ ئۈمىد قىلىدۇ >  تېرمىزىي رىۋايەت قىلغان