قىيامەت يېقىنلاشتى [57] سۈرە نەجم][كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىنىدىغان ۋاقىت (يەنى قىيامەت) يېقىنلاشتى، ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەت توغرۇلۇق ئويلىنىشتىن) يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر [1]سۈرە ئەنبىيا] [(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى قويۇۋەت، يەپ- ئىچىپ، ئويناپ- كۈلۈپ يۈرسۇن، ئۇلار بىھۇدە ئارزۇلار بىلەن بولىۋەرسۇن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى) بىلىدۇ [3] سۈرە ھىجر] ئەبۇ جۇبەيرەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« مەن قىيامەت شامىلىنىڭ ئەۋۋىلىدە ئەۋەتىلدىم» [ئەھمەد ۋە تەبرانى ۋە ئەبۇ يەئلا سەھىھ]
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :« ئاللاتائالاغا ھېچقانداق شېرىك كەلتۇرۇلمەي ئىبادەت قىلىنىشى ئۈچۈن قىيامەت بولۇشنىڭ ئالدىدا قېلىچ بىلەن ئەۋەتىلدىم. »[ئەھمەد ۋە تەبرانى ۋە ئەبۇ يەئلا سەھىھ]
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قىيامەت مۇشۇ ئىككى بارمىقىمچىلىك قالغاندا مەيدانغا كەلدىم» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]
ئىمام ئەھمەد، ۋەھب سەۋائىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن ئاللا پۈتۈن دۇنيانى (يەنى بۇ دۇنيانىڭ ۋاقتىنى ئازلا قىلغاندۇ) بۇ دۇنيادىن پەقەت ئازلا قالدى، ئۇ خۇددى تاغنىڭ ئۈستىدىكى سۇ يىغىلىپ قالىدىغان كۆلچەكنىڭ سۈزۈك سۈيى ئېقىپ تۈگەپ، لاي سۈيى قالغاندەكلا ئىشتۇر»[ھاكىم ھەسەن]
قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى سەندىن سورايدۇ
[(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ھۈزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ۋەز ئېيتىپ، قىيامەت قايىم بولۇشتىن ئىلگىرى يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]
ئاينىڭ يېرىلغانلىقى توغرسىدا
[قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى [1] (كۇففارلار) بىرەر مۆجىزىنى كۆرسىلا (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈپ، بۇ «داۋاملاشقۇچى سېھىردۇر» دېيىشىدۇ [2] سۈرە قەمەر]
ئىمام بۇخارى، ئەنەس ئىبنى مالىكنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ئەھلى مەككە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدى
ھافىز ئەبۇ بەكرى بەيھەقى، ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئاللاتائالانىڭ:
ئىمام ئەھمەد، ئىبنى مەسئودنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ئاي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ئىمام ئەھمەد، جۇباير ئىبنى مۇتئىمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :« ھەقىقەتەن قىيامەت قايىم بولۇش ئالدىدا 30 دەججال، كاززاپ بار»[ ئەھمەد سەھىھ]
جابىر ئىبنى سۇمرەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :« ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن كاززاپلار چىقىدۇ»[ ئەھمەد ۋە مۇسلىم سەھىھ]
ئەۋف ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن تەبۇك غازىتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئىنسانلارنىڭ مەسجىد (سېلىش ۋە بېزەش) بىلەن ئۆزئارا ماختىنىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىند
ئەبۇداۋۇد ئىبنى ئابباستىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« كىشىلەر مەسجىدنىڭ ئۇ تەرىپىدىن بۇ تەرىپىگە مېڭىپ يۈرىدۇ- يۇ، ئەمما ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇمايدۇ، تونۇغان كىشىگىلا سالام بېرىپ، باشقىلارغا سالام قىلماسلىقى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىند
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قىيامەت يېقىنلاشقانسېرى
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قىيامەت يېقىنلاشقانسىرى
پەيرۇز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قىيامەت يېقىنلاشقانسېرى
ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئىسلامنىڭ شەرئى ئەھكاملىرى، (تۇتقىلىرى) بىر تۇتقىسىدىن، (بىر ھۆكۈمدىن) بىر – بىرلەپ بۇزۇلۇپ تۈگەيدۇ، ھەر قاچان بىر تۇتقىسى بۇزۇلسا، بىر ھۆكمى تۈگىسە، كىشىلەر ئۇنىڭغا يېقىن بولغان يەنە بىر تۇتقىسىغا ئېىسىلىدۇ، ئىسلام دىنىنىڭ تۇنجى بولۇپ يوقايدىغان تۇتقىسى ھۆكۈمدۇر، (ھاكىمىيىتىدۇر) ئەڭ ئاخىرىدا يوقايدىغان تۇتقىسى نامازدۇر»[ ئەھمەد ۋە ئىبنى ھەببان ۋە ھاكىم سەھىھ]
ئەبۇ ئۇمەييە تولجۇمەھى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :« ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرسى، ئىلىم ياشلاردىن ئېلىنىدۇ» [تەبرانى سەھىھ]
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قىيامەتنىڭ ئالدىن بولىدىغان ئالامەتلىرىدىن خەۋەر بېرەي، دېدەك ئۆز خوجايىنىنى تۇغقان چاغدا، پادىچىلار چوڭ ئىمارەتلەرنى سېلىش بىلەن پەخىرلەنگەن چاغدا قىيامەت يېقىنلاشقان بولىدۇ» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«دېدەك ئۆز خوجايىنىنى تۇغقان چاغدا، پادىچىلار چوڭ ئىمارەتلەرنى سېلىش بىلەن پەخىرلەنگەن چاغدا، تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەرنىڭ باشلىق بولۇپ قېلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدۇر»
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« (قىيامەت قاچان بولىدۇ دېگەن بىر سورىغۇچىغا)ئىشە
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« يەر ئۆزىنىڭ باغرىدىكى ئالتۇن- كۈمۈشلەرنى قۇسۇپ، ئۈستىگە چىقىرىۋېتىدۇ. قاتىل كېلىپ:« مەن مۇشۇنى دەپ ئادەم ئۆلتۈرگەنىدىم» دەيدۇ. سىلەر- رەھىمنى ئۈزگەن كىشى:« مەن مۇشۇنى دەپ سىلە- رەھىمنى ئۈزگەنىدىم» دەيدۇ. ئوغرى كېلىپ:« مۇشۇنىڭ سەۋەبىدىن قولۇم كېسىلگەنىدى» دەيدۇ. كېيىن ئۇلار ئۇنى تاشلاپ، ھېچ نەرسە ئالماستىن كېتىپ قالىدۇ» [مۇسلىم]
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئاينىڭ (مۇددىتىدىن) بۇرۇن كۆرۈلۈشى ۋە:« بۇ ئىككى كۈنلۈك (ئاي)» دېيىلىشى، مەسجىدلەرنىڭ ئۆتەر يولغا ئايلىنىپ كېتىشى. تۇيۇقسىز ئۆلۈملەرنىڭ كۆپ كۆرۈلۈشى قاتارلىقلار قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقى
ئىبنى مەسئود رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« يېڭى ئاينىڭ چوڭىيىپ كېتىشى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدۇر»
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« پاھىشىۋازلىق، ئېغىزى بەزەپلىك، سىلە- رەھىمنى ئۈزۈۋېتىش، ئىشەنچىلىك كىشى خائىن، خائىن بولسا ئىشەنچىلىك سانىلىپ(ئامانەت قويۇشلار) قىيامەتنىڭ ئالامىتىدۇر» [تەبرانى سەھىھ]
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، جاھالەتنىڭ يىلتىز تارتىشى، ھاراق ئىچىشنىڭ ئەۋج ئېلىشى، زىنانىڭ تارىلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدۇر»
ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قىيامەت قايىم بولۇشتىن ئىلگىرىكى بىر مەزگىلدە ئىلىم كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، نادانلىق، بىلىمسىزلىك ئەۋجگە چىقىدۇ، پاراكەندىچىلىك كۆپىيىپ كېتىدۇ. پاراكەندىچىلىك- ئۆلتۈرۈش، قىرغىن قىلىشتۇر» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ۋاقىتنىڭ قىسقىراپ كېتىشى، ساۋابلىق ئىشلارنىڭ ئازىيىپ كېتىشى، كىشىلەرنىڭ بېخىللىشىشى، بالايىئاپەتنىڭ جۇش ئۇرۇشى، پاراكەندىچىلىكن
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، جاھالەتنىڭ يىلتىز تارتىشى، ھاراق ئىچىشنىڭ ئەۋج ئېلىشى، زىنانىڭ تارىلىشى ، ئاياللارنىڭ سانى كۆپىيىشى، ئەرلەرنىڭ ئازىيىشى ھەتتا ئەللىك ئايالنىڭ بىر ئەر كىشىگە قاراشلىق بولۇشى قىيامەتنىڭ ئالدىن بولىدىغان ئالامەتلىرىدۇر»
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قىيامەت يېقىنلاشقاندا سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىكى بايلىق كۆپىيىپ، شۇ دەرىجىگە يېتىدۇكى، سەدىقىسىنى ئالغىلى ئادەم تاپالمىغانلىق سەۋەبىدىن مال ئىگىسىنى غەم باسىدۇ، ھەتتا ئۇ بىراۋغا سوۋغا بەرسە، ئۇ ئادەم: مەن بۇنىڭغا مۇھتاج ئەمەس، دەيدۇ» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]
ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، كىشى قولىدىكى ئالتۇنلارنى سەدىقە قىلىش ئۈچۈن ئايلىنىپ يۈرىدۇ، لېكىن بۇ ئالتۇنلارنى ئالىدىغان ئادەم تاپالمايدۇ. ئەنە شۇ زامانلاردا ئەرلەرنىڭ ئازلىقى ۋە ئاياللارنىڭ كۆپلىكىدىن 40 ئايال بىر ئەرنىڭ پاناھىغا سېغىنىپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىدۇ» [بۇخارى]
خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :« قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن ئۆلتۈرۈلۈش، چوڭ قىرغىنچىلىق، جەڭنىڭ كۈنلىرى باردۇر»[ ئەھمەد ۋە تەبرانى سەھىھ]
ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« (قىيامەت قايىم بولۇش ئۈچۈن) كىشىلەرنىڭ تۇنجى قېتىم ھالاك بولىدىغانلىرى قۇرەيىشتۇر، قۇرەيىشلەردىن تۇنجى بولۇپ ھالاك بولىدىغىنى مېنىڭ ئەھلى بەيتىمدۇر»[ تەبرانى سەھىھ]
ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ھەقىقەتەن قىيامەت قايىم بولۇش ئالدىدا زور قىرغىنچىلىق يۈز بېرىدۇ. ئۇ كۇففارلارنىڭ قىرغىنچىلىقى ئەمەس. لېكىن، ئۇ مۇشۇ ئۈممەتنىڭ بەزىسى- بەزىسىنى ئۆلتۈرۈشى، ھەتتا، بىر كىشىگە ئۇنىڭ قېرىندىشى ئۇچرىسىمۇ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېرىدۇ. شۇ زاماننىڭ ئەھلىنىڭ ئەقىللىرى تارتىلىپ كېتىپ كىشىلەرنىڭ شاللاق نادانلىرى خەلىپە قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنى بىز توغرا يولدا دەپ دەۋا قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار توغرا يول ئۈستىدە ئەمەس» [ئەھمەد ۋە تىرمىزى ۋەئىبنى ماجە ۋە بۇخارى ۋە مۇسلىم سەھىھ]
بەقىيرەتۇلىھلال
ئابدۇللا ئىبنى ھاۋالە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئى ئىبنى ھاۋالە! خەلىپىلىكنىڭ بەيتۇل مۇقەددەس تەرەپكە يۆتكەلگەنلىكىنى
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« بەيتۇل مۇقەددەس ئاۋاتلىشىپ، يەسرىب (مەدىنە) خارابلىشىپ كېتىدۇ. يەسرىبنىڭ خارابلىشىپ كېتىشى، كاتتا ئۇرۇشنىڭ چىقىشى دېمەكتۇر. كاتتا ئۇرۇشنىڭ چىقىشى، قۇنسىتانتىنپولن
پايدىلانغان كىتابلار: قۇرئان كەرىم، بۇخارى، مۇسلىم سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى، جەمئۇلفەۋائىد ، ياخشىلار باغچىسى