رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

باشقىلارنىڭ ئېيتقانلىرى

‏‏ئەرەپچىدىن مەزمۇنىنى ساقلاپ قالغان ئاساستانەسرى شەكىلدە ئۆزلەشتۈرۈلدى.

‏ئەسلى ئەرەپچە ئىسمى: ( من ھو محمد )

‏‏سىنى ئەسلەيمز، يا رەسۇلىللاھ.

‏ئاللاھ ئىنسانىيەتنى شەرەپلىك قىلىشىدىكى سەۋەپكار زاتسەن. يا رەسۇلىللاھ !

ئىسلامدا ئوتتۇراھاللىق

 ھەر نەرسىنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ. قۇياشنىڭمۇ چۈش ۋاقتىدا ئاسماننىڭ دەل ئوتتۇرىغا كەلگەن ۋاقتى ئۇنىڭ كامالىغا يەتكەن ۋاقتى بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كۈن پېتىش تەرەپكە ئېگىلىشكە باشلايدۇ.  ئادەمنىڭمۇ ئوتتۇرا ياش ۋاقتى قىرانىغا يەتكەن ـ كامالىغا يەتكەن ۋاقتى بولىدۇ.

ئىسلامدىكى ئوتتۇراھاللىقنىڭ تەرىپى:

ئوتتۇراھاللىق سۆزى ئەرپچىدە «الوسطية (ئەلۋەسەتىيە)» بولۇپ، «ۋەسەت» سۆزىدىن تۆرىلىپ چىققان.

m040.jpg

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر . بىز ئۇ ئاللاھنى مەدھىيىلەيمىز، ئۇنىڭدىن ياردەم، ھىدايەت ۋە مەغپىرەت تىلەيمىز. ۋە نەپسىمىزنىڭ يامان ئەمەللىرىمىزنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمىز. ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا ئۇ توغرا يول تاپقان بولىدۇ، ئاللاھ  ئازدۇرغانلارنىڭ توغرا يولغا باشلىغۇچىسى بولمايدۇ. بىر ئاللاھدىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلۇقىغا، ئۇنىڭ شېرىكسىز ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بىرىمەن.

m037.jpg

ئۈمىدىمىز پەقەت ئاللاھدىن:

دۈشمەنلىرىمىزنىڭ پەن تېخنىكا ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن يۇقىرى سەۋىيىگە يىتىشى، بۇ جەھەتتىن بىزنىڭ ئۇلارغا يىتىشىۋېلىشىمىزنى قىيىنلاشتۇرماقتا. ئەينى ۋاقىتتا بىز دۈچ كېلىۋاتقان يەنە بىر ھەقىقەت بىزنىڭ ئۇلارغا يىتىشۋېلىشىشىمىزغا يول قويماسىلىقىدۇر. ئۇنداقتا، قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتىمىز؟ ھالبۇكى بىزنىڭ  ھەرىكەت دائىرىمىز ناھايىتى چەكلىك تۇرسا.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى (1)

 1-ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوتتا كۆيمىگەنلىك مۆجىزىسى_____ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كىچىكىدىن باشلاپ قەۋمنىڭ بۇتقا چۇقۇنغانلىقىغا ئىنكار قىلاتتى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم (كۇففارلار چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارنى مەنسىتمەي) ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار نېمە؟ (يەنى نېمە ئۈچۈن بۇ بۇتلارغا چوقۇنىسىلەر؟)» دېدى. ئۇلار: «ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۇلارغا ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز (يەنى ئۇلارغا ئاتا - بوۋىلىرىمىزغا تەقلىد قىلىپ چوقۇنىمىز)» دېدى.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى (2)

2- ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلۈكلەرنىڭ قانداق تىرىلىدىغانلىقىنى كۆرگەنلىك مۆجىزىسى __ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم! ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا كۆرسەتكىن» دېدى. ئاللاھ: «(ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمغا) ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈم (تېخىمۇ) قارار تاپسۇن ئۈچۈن (كۆرۈشنى تىلەيمەن)» دېدى.

m009.jpg

دوكتۇر ھەسسان شەمسى باشا:
بىزنىڭ ھەممىمىز غەلىبە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن بەزىلەر غەلبىگە ئېرىشىشنى مۇمكىن بولمايدىغان قىيىن بىر ئىش دەپ گۇمان قىلىپ ئۈمىدسىزلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز غەلبىگە ئېرىشتۈرىدىغان سەۋەپلەرگە سەل قاراپ، بىز مەڭگۈ غەلىبە قىلالمايمىز دېگەن ئاڭ بىلەن خورلۇققا كۆنۈپ كەتكەن.

m008.jpg

دوكتۇر ھەسسان شەمسى باشا:

10- ۋەسىيەت: دۈشمىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلساڭ، قارا نىيەتلىك قىلما. ئەگەر ئۇنىڭغا بېرەر مۇسىبەت يىتىپ قالسا، دۇئا ئارقىلىق بولسىمۇ ئۇنىڭ مۇسىبىتىگە ئىشتىراك قىل. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كىمىكى ئەزىيەتكە سەۋر قىلسا، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالمىسا، بۇ ئەلۋەتتە مەرغۇپ ئىشلاردىندۇر. (سۈرە شۇرا 43- ئايەت. )
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قېرىندىشىڭغا كەلگەن كېلىشمەسلىكتىن خۇشاللىنىپ كەتمىگىن، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلىپ سېنى كېلىشمەسلىككە يولۇقتۇرۇپ قويمىسۇن. تىرمىزى رىۋايىتى.

image.jpg

دوكتۇر ھەسسان شەمسى باشا:
20- ۋەسىيەت، سىز قىيىنچىلىققا دۈچ كەلگەن، بېشىڭىزغا كۈن چۈشۈپ ئامەت سىزدىن قېچىپ، ئىشلىرىڭىز ئوڭدىن كەلمەي پېلىشىپ يۈرگەن ۋە ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرمۇ سىزدىن يۈز ئۆرۈپ يالغۇز قالغان ۋاقىتلاردا سىزنىڭ يېنىڭىزدا تۇرۇپ سىزگە ياردەم قولىنى ئۇزاتقانلارنى ھەرگىز ئۇنتۇماڭ. مەن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىپ قىلغان ياخشىلىقلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ بولدۇمغۇ دەپ ئولتۇرماي تەكرار- تەكرار رەھمەت ئېيتىڭ ۋە قولىڭىزدىن كېلىشچە سىزگە قىلغان ياخشىلىقىنى ئاشۇرۇپ قايتۇرۇشقا تىرىشىڭ.

ھارغىنلىقتىن ساقلىنىشتىكى تۆت ئادەت

ئامېرىكىدىكى«ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەر ئىنىستتوتى»نىڭ قۇرغۇچىسى دېئىل كارنىك ئىشتىكى ھارغىنلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۆت ئادەتنى تەۋسىيە قىلىدۇ:

بىرىنچىسى، ئىش ئۈستىلىڭىزنى رەتلىك تۇتۇڭ. چۈنكى كېرەكلىك ۋە كېرەكسىز قەغەزلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن ئۈستەلنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئىشلىگەن ئادەم تىز چارچاپ قالىدۇ. شۇڭا ئۈستەلدىكى شۇ كۈنىلا ئىشلىتىدىغان قەغەز ۋە باشقا نەرسىلەرنىلا ئۈستەل ئۈستىدە قويۇپ، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى باشقا جايغا ئېلىپ ساقلاش ئەڭ ياخشى چارىدۇر. بۇ ھارغىنلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن باشقا يەنە ئىشتا غەلىبە قىلىشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىدۇر.