رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m018.jpg

.ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! ياشلارغا نەسىھەت ناملىق ھەپتىلىك پروگراممىمىزدا بۈگۈن تەكەببۇرلۇقنىڭ زىيىنى ھەققىدە توختىلىمىز تەكەببۇرلۇق - ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى پسىخىكى كېسەللىك
بولۇپ، ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيىنى كىشىنىڭ ئۆزى بىلەنلا چەكلىنىپ
قالماستىن پۈتۈن جەمئىيەتنى ۋەيران ۋە پەرىشان قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئىسلام
مۇسۇلمانلارنى بۇ ناچار ئىللەتنى تاشلاپ جەمئىيەتنى ئۇنىڭ پالاكىتىدىن ساقلاپ قېلىشقا چاقىرغان. تۆۋەندە
ظوغۇل ـ قىز ياشلىرىمىزغا تەكەببۇرلۇقنىڭ قانچىلىك يامان نەرسە
ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمىز. ۈمىدىمىز يامن ئاقىۋەتكە ئۇچراپ، ھەسرەت ـ نادامەت چېكىشتىن ئاۋۋال ئۆزىمىزنى تۈزىۋېلىشىمىزغا سەۋەب بولۇپ قالغۇسى.تەكەببۇلۇق- پۈتكۈل يامان ئەخلاق ۋە ناچار قىلىقلارنىڭ ئەسلى بولۇپ، ئىبلىسنىڭ سۈپىتىدۇر. ئاللاھ تائالا ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىپ بارلىق پەرىشتىلەرنى ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغاندا، ئىبلىس گەدەنكەشلىكى يۈزىسىدىن ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلىشتىن باش تارتقان ئىدى. ئاللاھ تائالا بۇ
ھەقىقەتنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە »ئادەمگە سەجدە
قىلىڭلار« دېدۇق. ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلىدى. ئىبلىس سەجدە
قىلىشتىن باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى. ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى»
[سۈرە بەقەرە: 34-ئايەت]تەكەببۇرلۇق – جەمئىيەت ئىچىدە بۆلۈنۈش، ئىختىلاپ ـ نىزالار ۋە دۈشمەنلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بېشىدا كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىل قەۋمىنىڭ ئۆز ئارا بۆلۈنۈشىدىكى سەۋەبنىڭ
تەكەببۇرلۇق ظىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ھەر قاچان بىرەر
پەيغەمبەر كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىر نەرسە ئېلىپ كەلسە، تەكەببۇرلۇق قىلدىڭلار، بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدىڭلار، يەنە بىر قىىسم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار.» [سۈرە بەقەرە:87- ئايەتنىڭ بىر قىسمى] تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى ئۆزىنى ناھايىتى مۇكەممەل كۆرۈپ، ئۈستۈن تۇتىدۇ؛ باشقىلارغا كەمچىلىك نەزىرى بىلەن قاراپ كەمسىتىدۇ ۋە كۆزىگە ئىلمايدۇ. ھەر تۈرلۈك زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىكلەر مانا
مۇشۇ باشقىلارنى ئۆزىدىن تۆۋەن كۆرۈشتىن كېلىپ چىقىدۇ. تەكەببۇرلۇق
قىلغۇچى دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىبرەتلىك ۋەقەلەردىن ۋە ھادىسىلەردىن دەرس
ئالمايدۇ، ئۇنىڭغا نەسىھەت پايدا بەرمەيدۇ. ئاللاھ تائالا تەكەببۇرلۇق
قىلغۇچىلارنىڭ ئىبرەت ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «يەر
يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارغا مېنىڭ ئايەتلىرىمنى (يەنى قۇرئان
ئايەتلىرى ۋە باشقا كائىناتتىكى ئالامەتلەر) نى پەھىم قىلدۇرمايمەن (يەنى
چۈشىنىش ئىقتىدارى بەرمەيمەن)» [سۈرە ئەئراف: 146-ئايەتنىڭ بىر قىسمى] تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنىڭ جازاسى: تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنىڭ جازاسى كۆپىنچە مۇشۇ دۇنيادا بېرىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى
تەكەببۇرلۇقى يۈزىسىدىن خور كۆرگەن ئىنسانلارغا موھتاج قىلىش ئارقىلىق
جازالايدۇ. بۇ كۈنلۈك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچراپ تۇرىدىغان بىر ھادىسە.
كىشىلەر بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغىلى ئەيمىنىدىغان نى نى بايلار، ئەمەلدارلار،
بىر كۈن كېلىدۇ يېگىلى يوق، ئىچكىلى يوق، خار زەبۇن ھالەتتە، بىر زامانلار
سالام قىلغىلى ژىركىنىدىغان بىچارىلەرنىڭ ياردەم قولىنى ئۇزىتىشىغا موھتاج
بولۇپ قالىدۇ. بۇ دۇنيادا تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلار قىيامەت
كۈنى خەلقى ئالەمنىڭ ئاياغلىرى ئاستىدا يەنجىلىدۇ. ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دەيدۇ: »زالىملار بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلار قىيامەت كۈنى كىشىلەر ئاياغلىرى بىلەن دەسسەپ ماڭىدىغان زەررە شەكلىدە ھەشر قىلىدۇ.«ئىسلا باشقىلارنى كۆزگە ئىلمىگەنلىكتىن يۈزىنى قايرىپ مېڭىشنى ھارام قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ.» [سۈرە لوقمان 18ـ ئايەت] تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى جەننەتكە كىرمەيدۇ: تەكەببۇرلۇق قىلىپ باشقىلارنى ياراتماسلىق ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ناھايىتى يامان كۆرۈلىدىغان ئىش بولغاچقا، تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى جەننەتكە كىرمەيدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «قەلبىدە بىر تېرىقچىلىك تەكەببۇرلۇق بولغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ.« تەكەببۇرلۇق
قىلغۇچى ھەممىدىن ئاۋۋال ئۆزىگە زۇلۇم قىلىدۇ. چۈنكى تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى
باشقىلارنى ياراتماي كەمسىتىدۇ؛ كىشىلەرگە قوپال مۇئامىلە قىلىدۇ؛
زوراۋانلىق قىلىپ كىشىلەرنىڭ ھەققىنى بەرمەيدۇ. شۇڭلاشقا تەكەببۇرلۇق
قىلغۇچىلارنى ئىنسانلار يامان كۆرىدۇ؛ ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن
قاچىدۇ. نەتىجىدە تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى جەمئىيەتتە چەتكە قېقىلىپ، ئۆزى
يالغۇز قالىدۇ. تەكەببۇرلۇق مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى ئەمەس. مۇسۇلمان كىشىنىڭ
باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى كۆزگە ئىلمەسلىكى، ئۇلارنى كەمسىتىشى، ئۇلارغا زوراۋانلىق قىلىشى راۋا ئەمەس. ئەگەر بىر مۇسۇلمان تەكەببۇرلۇقنى تاشلىمايدىكەن، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى پىر ئەۋىن،
ھامان ۋە شۇلارغا ئوخشاش مۇتەكەببىر زالىملارنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن ئوخشاش
بولىدۇ. تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلار ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتىدۇ.
مۇتەكەببىر ئوقۇغۇچى بىلمىگەننى سورىمايدۇ ۋە بىلگەنلەرگە ھەسەت قىلىدۇ.
مۇتەكەببىر سودىگەر قوپاللىق قىلىپ خىرىدارنى قاچۇرىدۇ. مۇتەكەببىر باشلىق
قول ئاستىدىكىلەرگە زۇلۇم قىلىدۇ. مۇتەكەببىر بالا ئاتا ـ ئانىسىغا
بويۇنتاۋلىق قىلىپ، قارغىش قېپى بولىدۇ. مۇتەكەببىر ئالىم كىشىلەرگە ھەقنى ئۆگەتمەيدۇ.
ئەگەر ئۇ چالا موللا بولۇپ قالسا، بىلمىگەن مەسىلىلەرنى بىلمەيمەن دېيىشكە
بوينى بارماي خاتا پەتىۋا بېرىپ كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ. كاپىرلارنىڭ ئىسلام
دىنىنى قوبۇل قىلماسلىقتىكى ئامىللارنىڭ ئەڭ چوڭى ۋە بىرىنچىسى ئۇلارنىڭ
ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقىدۇر. مەككىنىڭ چولىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە كېلىپ سېنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭنى تونۇپ يەتتۇق، لېكىن ئىمان كەلتۈرۈپ مۇسۇلمان بولساق، ئاشۇ يالاڭتۆشلەر بىلەن بىللە ئولتۇرىدىكەنمىز. بىز شەرەپلىك كىشىلەر ئاۋۇ قۇللار ۋە نامرات يالاڭتۆشلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇشنى خالىمايمىز، شۇڭلاشقا سەن ئەگەر ئۇلارنى يېنىڭدىن يىراقلاشتۇرساڭ بىز ساڭا ئىمان كەلتۈرىمىز دېگەندە ئاللاھ تائالا مۇنۇ
ئايەتنى نازىل قىلغان: «ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى دەپ ئەتىگەندە، ئاخشامدا
پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنى يېنىڭدىن قوغلىۋەتمىگىن، ئۇلارنىڭ
ھېسابىدىن ساڭا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ. ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن.» [سۈرە ئەنئام:52ـ ئايەت]تەكەببۇرلق قىلغۇچىلار، تەكەببۇرلۇق قىلىشقا سەۋەب بولغان مال ـ مۈلۈك، مەنسەپ ـ ھوقۇق، ئىش، مەرتىۋە، ئېسىل نەسەپ، ھۆسنى جامال ۋە باشقا بارلىق ئالاھىدلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ
ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمىتى بولغانلىقىنى، ئاللاھ خالىغان چاغدا ئۇ
نېمەتلەرنى تارتىپ ئالىدىغانلىقىنى ئۇنتۇغان كىشىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن
ئاللاھ تەئال مۇتەكەببىرلەرنى قاتتىق ئازاپ بىلەن ئاگاھلاندۇرغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە دوزاخ ئەھلىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇلار مۇئامىلىسى قوپال ئادەملەر، ھاكاۋۇرلار ۋە مۇتەكەببىرلەردۇر.« يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق
دەيدۇ: «ئۈچ خىل كىشى بار، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا سۆز قىلمايدۇ،
ئۇلارنى(گۇناھىدىن) پاكلىمايدۇ ۋە ئۇلارغا (رەھمەت نەزىرى بىلەن)
قارىمايدۇ، ئۇلارغا قاتتىق ئازاب باردۇر. ئۇلار: زىناخور قېرى، يالغانچى
پادىشاھ ۋە مۇتەكەببىر نامراتتۇر.« ئىسلام تەكەببۇرلۇقنى مەنئى قىلىدۇ: ئىسلام
دىنى ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى، ئەقلىنى ۋە بەدەنلىرىنى مانا مۇشۇنداق ھەم
ئۆزىگە ھەم جەمئىيىتىگە زىيانلىق بولغان، ئىگىسىنى ھەم بۇ دۇنيادا ھەم
ئاخىرەتتە ئېغىر ئازابقا دۇچار قىلىدىغان يامان ئىللەت ۋە ناچار
قىلىقلاردىن پاكلاپ، گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل سۈپەتلەر بىلەن بىزەش ئۈچۈن
كەلگەندۇر. بۇ ھەقىقەتنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن« دېگەن سۆزى بىلەن ئوچۇق بايان قىلىدۇ.تەكەببۇرۇق دېگەن بۇ يامان ئىللەتتىن پاكلىنىشنىڭ يولى
كەمتەر بولۇشتۇر. كەمتەرلىك كىشىلەرگە مەھبۇب بىر خىسلەتتۇر. گۈزەل
ئەخلاقلىق ۋە كەمتەر بولغان كىشى ھەمراھلىرىنىڭ قەلبىدە يۇقىرى ھۆرمەتكە
سازاۋەر بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ ئۈچۈن كەمتەر بولغان كىشىنى ئاللاھ كۆتۈرىدۇ«دېگەن. تەكەببۇرلۇقتىن پاكلىنىشنىڭ يوللىرىدىن
يەنە بىرى ئىنسان ئۆز ئەسلىنى بىلىشتۇر. چۈنكى ئۆزىنىڭ ئەرزىمەس بىر سۇدىن
يارىتىلغانلىقىنى ئېسىگە ئالغان ئىنسان ئۆزىنىڭ باشقىلاردىن ئالاھىدە
پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ھېچ بىر خۇسۇسىيىتى يوقلىقىنى بىلىدۇ ۋە كۆڭلىدىكى
تەكەببۇرلۇق تۇيغۇسى ئاستا يوقىلىدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە كۆپلىگەن ئايەتتە
ئىنسانلارنىڭ باشلانغۇچىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى، ئاقىۋىتىنىڭ قانداق
بولىدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. «ئىنسان نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن. ئۇ
ئېتىلىپ چىققۇچى مەنىدىن يارىتىلدى. ئۇ مەنى ئومۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا
سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ.» [تارىق سۈرىسى:5-7ـ ئايەتلەر] شۇنىڭدەك قول،
پۇت، كۆز، قۇلاق ۋە باشقا ئەزالارنىڭ ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرى
بولغانلىقىنى ئويلىغان، ئاللاھ تەئالانىڭ قۇدرىتىنىڭ چەكسىزلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئاجىز ۋە قۇدرىتىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان
كىشىنىڭ قەلبىدە بۇ سانسىز نېمەتلەرنى بەرگەن ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش
تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا قارشى تەكەببۇرلۇق قىلىشنى تاشلاپ، ئاللاھنىڭ كەمتەر قۇللىرىدىن بىرى بولىدۇ. دېمەك،
تەكەببۇرلۇق، يوغانچىلىق ۋە گەردەنكەشلىك ئىنتايىن يامان ۋە ناچار ئىللەت
بولۇپ مۇسۇلمانغا قەتئىي راۋا كەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن بىلىشىمىز كېرەككى
تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى مۇسۇلمان خۇددى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەزرىتى ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا دېگىنىدەك
«جاھىلىيەت قىلىقىنى» تاشلىمىغان كاپىرلارنىڭ سۈپىتىنى كۆتۈرىۋالغان
كىشىدۇر. ئەگەر بىز ھەقىقىي مۇسۇلمان بولىدىكەنمىز بۇنداق يامان ئىللەتتىن
دەرھال ئۆزىمىزنى پاكلىشىمىز، ئاللاھ تەئالاغا تەۋبە قىلىپ بۇندىن كېيىنكى ھاياتىمىزنى تۈزىتىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈردۇر.ئى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى تەكەببۇرلۇق قىلىپ سېنىڭ ئەمرىڭگە، پەيغەمبىرىڭنىڭ تەلىماتلىرىغا خىلاپلىق قىلىشتىن، سېنىڭ بەندىلىرىڭنى كۆزگە ئىلمەي كەمسىتىشتىن پاكلىغىن. بىزگە يامان ئىللەت ۋە ناچار قىلىقلارنى تاشلاپ، سەن ۋە پەيغەمبىرىڭ ئۆگەتكەن گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن ئەخلاقلىنىشنى نەسىپ قىلغىن. ئى پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا سېغىنىپ گۇناھلىرىمىزنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمىز. بىزگە رەھمەت قىلىپ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن. بالىلىرىمىزغا ئىنساپ تەۋپىق ئاتا قىلغىن. ئامىي يا رەببەلالەمىين.