رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m007.jpg

ھەنىيفە گەپلىرىنى تۈگىتىپ، شۇنداق دەيدۇ،- قىياس بىلەن سېنىڭ بوۋاڭنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتىۋېتىشتىن ئاللاھتىن پاناھ تىلەيمەن! مۇھەممەد ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئەبۇ ھەنىيفىنى قۇچاقلاپ،مەڭزىگە سۆيىدۇ ۋە ئۇنىڭغا كاتتا ئىكراملارنى قىلىدۇ. ئەبۇ ھەنيفە يەنە ئەھلى بەيتتىن بولغان زەيد ئىبنى ئەلىدىن تەلىم ئالغان، ئۇ مۇھەممەد باقىرنىڭ ئىنىسى، ئىلىمدا توشقان، مۇپەسسەل ئۇستاز. ئۇ كۇفەدە شېھىد قىلىنغان، كىشىلەرگە زۇلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن بەنى ئۇمەييەلەر بىلەن ئۇرۇش قىلغان، ئۇنىڭغا قىرىق مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان بەيئەت قىلغان. ئۇ فىقھى ، ئەقىدە، قىرائەت ۋە ھەدىس ساھەسىدە ئەبۇ ھەنىيفىگە ئۇستاز بولغان.

ئەبۇ ھەنىيفە يەنە ئەھلى بەيتتىن، ئابدۇللا ئىبنى ھەسەندىن تەلىم ئالغان، بۇ زات ئەلىينىڭ نەۋرىسىنىڭ ئوغلى بولىدۇ. ئۇ بۈيۈك، ھۆرمەتلىك، كىشىلەر ئارىسىدا ئالاھىدە نوپۇزغا ئىگە ئالىم. بۇ ھەقتە مۇسئەب ئىبنى ئابدۇللا شۇنداق دېگەن: « مەن ئابدۇللا ئىبنى ھەسەن ئىبنى ھەسەندىنمۇ ئىززەتلىنىدىغان ئۆلىمانى كۆرۈپ باقمىدىم» ( باغدات تارىخى؛ 9 \ 432) . ئۇ راستچىل مۇھەددىس، ئۇ دادىسىدىن، ئانىسىدىن، بوۋىسىنىڭ تاغىسىدىن، ئەئرەجدىن ۋە ئىكرەمەدىن ئىلىم رىۋايەت قىلغان. ئۇنىڭدىن بولسا، مالىك، سۇفيان سەۋرى قاتارلىقلار تەلىم ئالغان. ئۇنىڭ ئەمەۋىيە سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر خەلىپىسى ئۆمەر ئىبنى ئەبدۇلئەزىزنىڭ ئالدىدا ھۆرمىتى زور بولغان، ئابباسىيلار سۇلالىسى قۇرۇلغاندا، ئەبۇلئابباس ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان، ئەبۇ جەئفەر مەنسۇر ئۇلارنىڭ ئورنىدىن قورقۇپ، ئۆز ئۆيىگە نەزەر بەند قىلىپ قويغان، تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى ھەسەننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھەرقانداق ئەركەككە شۇنداق قىلغان. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى ئەشۇنداق ئۆتكۈزگەن.

ئەبۇ ھەنىيفە يەنە ئەھلى بەيتتىن ئىمام جەئفەر سادىقتىن تەلىم ئالغان، شىيئەلەر ئۇنى ئالتىنچى ئىمام قىلىۋالىدۇ. ئۇ بۈيۈك فىقھىشۇناس، مۇھەددىس، ئۇ ئەھلى بەيت ۋە غەيرى ئەھلى بەيت مۇسۇلمان ئۆلىمالىرىدىن ئىلىم رىۋايەت قىلغان، ئۇنىڭدىن ئەتا، ئىكرەمە، ئۇبەيدۇللا، ئابدۇراھمان قاتارلىقلار ئىلىم رىۋايەت قىلغان . شىيئەلەرنىڭ بەزىسى ئەھلى بەيت رىۋايەت قىلمىغان ھەدىسلەرنى رەت قىلغان، بىراق ئىمام جەئفەر بولسا بارلىق مۇسۇلمان ئالىملىرىدىن ئىلىم رىۋايەت قىلغان . ئۇنىڭدىن يەنە سەۋرى ، ئىبنى ئۇيەينە، شۇئبە، مۇسلىم ئىبنى ھەججاج قاتارلىقلار تەلىم ئالغان. ئەبۇ ھەنىيفە ئۇنىڭ بىلەن ئابباسىيلار سۇلالىسىدا ئىلىم سورۇنىدا ئۇچراشقان، ئۇ ھەققىدە ئەبۇ ھەنىيفە مۇنداق دەيدۇ؛ «ئاللا بىلەن قەسەمكى، مەن ئىمام جەئفەر سادىقتىنمۇ فەقىھراق ئادەمنى كۆرمىدىم».

كۆرگىنىمىزدەك ئەبۇ ھەنىيفە ھەر خىل دەۋردە، ھەر خىل جايدا، ھەر خىل مەدرىسلەردە، ھەر خىل بۇلاقلاردا ئىلىم ئالغان، ئۇلاردىن كۇفەلىكلەر، ئىراقلىقلار، بەسرەلىكلەر بار، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى رەي ئەھلى. ئۇلاردىن يەنە مەككىلىكلەر، مەدىنىلىكلەر، ھىجازنىڭ باشقا يەرلىرىدىكىلىرىمۇ بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى فىقھىشۇناس، بەزىلىرى مۇھەددىس، بەزىسى لۇغەتكە ماھىر، بەزىسى شائىر، مانا بۇ ئۇلۇغ ئۇستازلار ئۇنى بۈيۈك فىقھىشۇناس قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققان.

ئەبۇ ھەنىيفە تاكى ھەمماد ۋاپات بولمىغىچىلىك، ئايرىم بىر ھەلقە قۇرمىغان، پەقەت ھەمماد ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان، بۇ ۋاقىتتا ئۇ قىرىق ياشلاردا بولۇپ، ئىلمىي ئىشلارنى يۈرگۈزۈشكە باپ كېلەتتى . شۇ دەۋرلەردە كۇفە ئىلىم كانى ئىدى، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ مەسجىدىدە نۇرغۇنلىغان فىقھى ھەلقىلەر بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا بولسا، ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ھەلقىسىگە ئادەملەر توشۇپ كەتكەنىدى. بۇ مەسجىدتە يەنە ئەئمەش سۇلايمان ئىبنى مېھراننىڭ ھەلقىسىمۇ بار ئىدى، ئۇ پاساھەت ۋە زاھىدلىقتا كامالەتكە يەتكەن، بۇ يەردە يەنە قۇرئاننى يادلىغانلىقتىن «مۇسھەف» دەپ نامى تارقالغان مۇسئىر ئىبنى كىدامنىڭمۇ ھەلقىسى بار ئىدى. ئىمام سۇفيان سەۋرىينىڭمۇ ھەلقىسى بار ئىدى. كېيىن ئۇنىڭ ھەلقىسى بەيتۇللاغا كۆچكەن. كۇفەنىڭ ھەلقىلىرىدە فىقھى بىلەن ھەدىسلا ئۆتۈلمەيتتى، قىرائەت دەرسىمۇ ئۆتۈلەتتى، ھەمزە ئىبنى ھەبىيب ئۇستا قارىي ئىدى، سۇفيان سەۋرى ئۇ توغرىسىدا :« ئۇ ئوقۇغان قۇرئاننىڭ ھەر بىر ھەرىپىمۇ كىشىگە تەسىر قىلىدۇ» دېگەن. ئۇ زەيتۇن يۆتكەپ ساتاتتى. شۇئبە ئىبنى ئىياس ئىبنى سالىم ئەزدىيمۇ ئۇستا قارىي بولۇپ، قۇرئان ئۆگىتەتتى، ئۇ مۇرەتتەپ قارىي بولۇپلا قالماي، تالىبۇلئىلىملەرگە فىقھىدىن دەرس بېرەتتى. مەشھۇر قىرائەت ئۇستىسى ئاسىم ئىبنى ئەبىننۇجۇد (ئىسلام دۇنياسىدىكى مەشھۇر قارى ئىمام ئاسىم شۇ) ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ قىرائەت ئۇستازى بولغان، ئەبۇ ھەنىيفە ئۇنىڭ يېنىغا يەتتە يىلغا يېقىن بارغان. بۇ ھەلقىلەرنىڭ ئىچىدە ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ھەلقىسى باشقا ھەلقىلەردىن ئىلمى پىكىرلەرنىڭ موللىقى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتى، بۇ ھەلقە تاكى ئەبۇ ھەنىيفە ھەج قىلىپ مەككىگە كەتكەنگە قەدەر كۇفە خەلقىگە مەنپەئەت بېرىپ كەلگەن، كېيىن نامى ھەرەمگىمۇ تارالغان ئەبۇ ھەنىيفە ئۆز ھەلقىسىنى مەسجىدىل ھەرامغا يۆتكىگەن، ئۇنىڭ ھەلقىسى ئۇ يەردە مۇقەددەس بىر باغچىدەك بولۇپ قالغان. ئۇ شۇ يەردە ئىمام مالىك بىلەن ئۇچراشقان، دىنىي ، فىقھىي مەسىلىلەردە ئۇزۇن-ئۇزۇن مۇنازىرە ئېلىپ بارغان، بەزى مەسىلىلەردە ئۇلار قارشى تەرەپنى قايىل قىلغاندىن كېيىن پىكرى بىرلىككە كېلەلىگەن. ئۇ ئۆز ھەلقىسى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز جان كۆيدۈرگەن. ئىلىملىرىنى ئايىمىغان. ھەقىقەتتە ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ھەلقىسى ئۆز زامانىسىدا كامالەتكە يەتكەنىدى، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار، ئۇستازلار يېتىشىپ چىققان. ئۇلار كېچە -كۈندۈز مۇزاكىرە، مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ بارغان. ئۇ شاگىرىتلىرىغا ئەدەب بىلەن دەرس ئاڭلاشنى، ئەدەب بىلەن ، دەلىل بىلەن مۇنازىرە قىلىشنى ئۆگەتكەن . ئۇ ئۆزى ئىنتايىن سەۋرچان، ئېغىر بېسىق زات ئىدى. ئۇنىڭ ئاغزىدىن تۆكۈلگەن دۇردانىلەرنى ئاڭلىغان شاگىرىتلىرى ئۇنى يېزىۋېلىشقا ئالدىرايتتى. شاگىرىت زۇفەر مۇنداق دەيدۇ: « ئەبۇ يۇسۇف، مۇھەممەد ھەسەن شەيبانىي ئۈچىمىز ئۇنىڭ سۆزلىرىنى يېزىۋالاتتۇق، بىر كۈنى ئەبۇ ھەنىيفە ئەبۇ يۇسۇفقا شۇنداق دېدى: ‹ئەي يەئقۇب! مەندىن ئاڭلىغانلىكى سۆزۈڭنىڭ ھەممىسىنى يازما! مەن بۈگۈن بىر مەسىلىنى توغرا دەپ قارىسام، ئەتىسى ئۇنداق دەپ قارىمەيمەن؛ ئەتىسى توغرا دېگىنىمنى ، ئۇنىڭ ئەتىسى ئۇنداق دەپ قارىمايمەن›»( باغداد تارىخى13\402)

ئەبۇ ھەنىيفە دىن ئۆگىتىشكە ھېچقانداق دۇنياۋىي مەقسەد ئارىلاشتۇرمىغان. ئۇ روناق تاپقان تىجارەتچى بولۇپ ( گەزمال سودىگىرى) ئەڭ ئاۋۋال ئېھتىياجلىق ئوقۇغۇچىلىرىغا، ئاندىن باللىرىغا، ئاندىن باشقا ئوقۇغۇچىلىرىغا نەپىقە قىلاتتى. ئۇلارغا لازىملىق نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بېرەتتى. ئۇلارغا دىنارلارنى ئەكىلىپ بېرىپ شۇنداق دەيتتى: « بۇ پۇللارنى ھاجىتىڭلارغا ئىشلىتىڭلار، پەقەت ھەممىدىن سېخىي بولغان ئاللاھنىلا مەدىھىيىلەڭلار! بۇنداق ئىشنى زامانىمىزدىكى ئۇنىۋېرسىتىتلار ئەمدى قىلىۋاتىدۇ، ھالبۇكى، ئەبۇ ھەنىيفە ئون ئۈچ ئەسىر بۇرۇنلا ئوقۇغۇچىلارغا مەلۇم دەرىجىدە نەپىقە پۇلى بېرىشنى ئوتتۇرىغا چىقارغانىدى. بۇ ئىشنى ئەبۇ ھەنىيفنىڭ ئۇستازى ھەمماد، ئۇستازى ئىبراھىم نەخەئىيدىن مىراس ھالدا داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنىدى. ئەبۇ يوسۇف شۇنداق دەيدۇ: « ئەبۇ ھەنىيفە ماڭا ۋە ئائىلەمگە يىگىرمە يىلدەك قارىدى، مەن ئۇنىڭغا:‹ سەندىمۇ سېخى بىرىنى ئۇچراتمىدىم !!!› دېگەنىدىم، ئۇ :‹ كاشكى ھەممادنى كۆرگەن بولساڭ ئىدىڭ...› دېدى». ئۇ شاگىرىتلىرىغا كۆيۈنەتتى، شاگىرتى ئەبۇ يوسۇف ئايرىم ھەلقە قۇرغاندىمۇ، ئۇنىڭغا دائىم يېتەكچىلىق قىلىپ تۇراتتى. مانا شۇنداق يۈكسەك تەلەپ بىلەن ئەبۇ يوسۇف بۈيۈك قازى – قۇززات بولالىغان، ھارۇن رەشىد ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ، ئۇنى قازىلارنىڭ قازىسى قىلغان، ئۇ مىليۇنلىغان دىنارلارنى باشقۇرغان. ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ئۆزىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەرتىۋېلىك قىلغانلىقىغا ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن كۆپ دۇئا قىلىپ تۇرغان. باشقا شاگىرىتلىرىمۇ شۇنداق قىلاتتى. ئەبۇ ھەنىيفىمۇ دۇئا قىلسىلا ئۇستازلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايتتى. ئەبۇ يۇسۇفمۇ سورىغانلارغا: « مەن ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان نەرسىنىڭ يېرىمىنى بەرسەممۇ، ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ مەجلىسىنى (قايتا) كۆرەلىگەن بولسام، كاشكى»دەپ ھەسرەتلىنەتتى. ئەبۇ ھەنىيفە شاگىرىتلىرىغا كۆپ نەسىھەتلەرنى قىلاتتى. ئەبۇ يۇسۇفقا سۇلتانلاردىن نېرى بولۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان . ئۇ ئۆز شاگىرىتلىرىنىڭ پىتنە – پاساتقا، يامان ئىشلارغا چېپىلىپ قېلىشىدىن توسىغان .شۇنداقلا ئۇ ھېچقاندان تەپەككۇر قىلمايلا، تىرىشمايلا، كۈچ چىقارمايلا ئۆزى يازغان كىتابلارغا يۆلىنىۋېلىشتىن توسىغان. بۇ ھەقتە جاھىزنىڭ تۆۋەندىكى گەپلىرى بۇنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ بەرسە كېرەك: « بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار قۇرئان تەئۋىلىنى ۋە بىلىملەرنى ئۆگەنمەكچى بولىدۇ، فىقھى ئۆلىمالىرىنىڭ يېنىدا ئەللىك يىل ئولتۇرۇپ فەقىھمۇ ، قازىمۇ بولالمايدۇ، ئەمما ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ياكى ئوخشاشلىرىنىڭ كىتابلىرىغا بىر قاراپلا، بىر ئىككى يىل كىتابلارنى يادلاپلا ياكى ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىدىن بىر ئۆتۈپلا، ئۆزلىرىنى ئىش ئىگىلىرىدەك ھېس قىلىشىدۇ، كېيىن شەھەر ياكى ناھىيىلەرگە ھاكىم بولىشىدۇ» (جاھىز، « ھايۋانات»، 1\87) ئەنە شۇنداق قاتتىق تەلەپلەردىن كېيىن، دۇنيانىڭ ئاسمىنىدا ئۇنىڭ شاگىرىتلىرىدىن ئۈچى-ئەبۇ يۇسۇف، زۇفەر، مۇھەممەد ھەسەن شەيبانىي- بىراقلا پارلاپ چىقتى.

ئىمام ئەبۇ ھەنىيفىدە ئىنسانىي پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىدى: سۈرلۈك ئىدى؛ نۇرلۇق ئىدى؛ تەقۋا، كەڭ قورساق ئىدى؛ مېھرىبان، ۋاپادار ئىدى؛ مۇلايىم، كەمتەر ئىدى؛ ئىلىملىك ۋە پەزىلەتلىك ئىدى؛ پاك ۋە ئوچۇق ئىدى؛ سېخى ۋە مەرد ئىدى؛ ئۆتكۈر ۋە پاراسەتلىك ئىدى؛ بۇلاردىن سىرىت ئۇ ھەم ئالىم، ھەم ئامىل ( ئۆگەنگەنگە ئەمەل قىلغۇچى) مۇئەللىم ئىدى؛ ھەم راستچىل، ئىشەنچلىك سودىگەر ئىدى. ئۇ مانا مۇشۇنداق ئاللاھقا بولغان تائەت، ناماز- زاكات، ئىبادەت- قىيام ، گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن يەتمىش يىل ياشىدى. ئۇنىڭ ئىلمىگە، پىكرىگە زامانىسىدىكى ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك قايىل بولغان. ئىبنى مۇبارەك:« فىقھى ساھەسىدە ئۇنى مىسلىنى كۆرۈپ باقمىدىم» دېگەن. بۇ گەپنى دېگەندە ئۇ پۈتكۈل خۇراساننىڭ فىقھى ئالىمى ئىدى. ئۇ ئەبۇ ھەنىيفىگە ئاتاپ قەسىدىمۇ يازغان. ئىبنى ئىياز ئۇنىڭ ئىلمى توغرىسىدا شۇنداق دېگەن: « ئەبۇ ھەنىيفە فىقھىنى بەك بىلىدىغان، بەك تەقۋا، قولى كەڭ، سۇلتاننىڭ ھەدىيەسىدىن قاچىدىغان، سۆزنى ئاز قىلىدىغان، كېچە-كۈندۈز سەۋىرچانلىق بىلەن ئىلىم ئۆگىتىدىغان ئالىم» ( باغداد تارىخى 13\339). سۇفيان سەۋرى ( ئۇ نەقلى ھۆكۈم قىلاتتى، ئەبۇ ھەنىيفە بولسا قىياسمۇ قىلاتتى) ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ يېنىدىن كەلگەن بىر ئادەمگە شۇنداق دېگەن: «سەن زېمىندىكى ئەڭ ئالىم ئادەمنىڭ يېنىدىن كەپسەن». مۇلەيھ ئىبنى ۋەكىيئ شۇنداق دەيدۇ:«مەن دادامدىن شۇنداق دەپ ئاڭلىدىم:‹ مەن ئەبۇ ھەنىيفىدىنمۇ ئالىم ، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ناماز ئوقۇيدىغان ئادەمنى كۆرمىدىم›». ئەبۇ جەئفەر رازى شۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەبۇ ھەنىيفىدىنمۇ بىلىملىك بىرىنى كۆرمىدىم. » ئابدۇراھمان مۇقرىي ئەبۇ ھەنىيفە توغرىسىدا سۆز ئاچسا:« بىزگە (ئىلىم مەملىكىتىدىكى) شاھىنشاھ، يەنى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى مۇنداق سۆزلەپ بەردى» دەيتتى. ئابدۇللا ئىبنى داۋۇد شۇنداق دېگەن:« مۇسۇلمانلار ئاللاغا ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ئۆز نامازلىرىدىكى سۈننەتلەرنى ۋە فىقھى ئىلمىنى ساقلاپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلىشلىرى كېرەك!» مانا بۇلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شۇ دەۋردە ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ئىلىم ساھەسىدە ئورنى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىدى.

ئۇ ناھايىتى تەقۋا ئىدى، كىشىلەر ئەڭ تەقۋا كىشىنى سورىسا ئۇنى كۆرسىتپ قوياتتى، ئۇ قىرىق يىلدەك خۇپتەننىڭ تاھارىتىدە بامداتنى ئوقۇغان. پۈتۈن كېچە قۇرئان ئوقۇغان دەملىرى كۆپ بولغان، ئۇنىڭ يىغلىغان ئاۋازلىرى قوشنىلىرىغا ئاڭلىنىپ تۇرغان، ئۇ قۇرئاننى ۋاپات بولغىچىلىك يەتتە مىڭ قېتىم خەتمە قىلغان (باغداد تارىخى 13\354). ئۇ قۇرئاننى خەتمە قىلىشتا ئوسمان ئىبنى ئەففانغا ئوخشاپ قالغانىدى.

ئەبۇ ھەنىيفە بىلىملىك ، يۈزلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەۋىيلەر ئۇنى كۇفەگە قازى قىلماقچى بولغاندا، ئۇ ئادىل بولالماسلىقىدىن قورقۇپ رەت قىلغان، شۇ سەۋەبتىن ئەمەۋىيلەر تەرەپتىن يۈز قامچا جازا يېگەن. شۇنىڭدەك ئۇ باشقا شەكىلدىكى ئەمەللەرنى رەت قىلغان.

ئەبۇ ھەنىيفە ئۆزى چىرايلىق، چىرايىلىق كىيىنىپ يۈرىدىغان، ئاللانىڭ نېمەتلىرى ۋۇجۇدىدا نامايان بولۇپ تۇرىدىغان شەخس ئىدى. ئەتىرنى كۆپ ئىشلىتەتتى، چىرايىلىق كىيىنەتتى، ئۇ ھەم ئىلىملىك، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم گۈزەل بولالىغان ئىدى. ئۇ بەكمۇ ئاق ئەمەس، بەكمۇ قارىمۇ ئەمەس ئىدى؛ بەك ئېگىزمۇ ئەمەس، بەك پاكارمۇ ئەمەس ئىدى. تاشقى قىياپىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ناھايىتى پاكىز يۈرەتتى.

ئەبۇ ھەنىيفە يەنە راستچىل، ئىشەنچىلىك سودىگەر ئىدى، ئۇ كۇفە كوچلىرىدا گەزمالچىلىق قىلغان. نۇرغۇن ئادەملەر ئىلىم بىلەن تىجارەتنى بىر يەرگە ئەكىلەلمەيدۇ، بىراق ئاز ساندىكى ئادەملەر شۇنداق قىلالىغان، مەسىلەن، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئەبۇ ھەنىيفىلەر... تىجارەتنىڭ ئىلىمگە توقۇنىشىدىغان ھېچقانداق يېرى يوق، ئۇ ئاللا ھالال قىلغان ھالال كەسىپ، بۇ كەسىپتىن پايدىلىنىپ ئەبۇ ھەنىيفە ئۆزىنىڭ ئىلىم ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرغان. ئەبۇ ھەنىيفە يىلىغا قىرىق مىڭ دىرھەمدىن ئارتۇق خىراجەت قىلمىغان، بۇ ئىشىنى قىرىق يىل شۇنداق داۋاملاشتۇرغان، ئارتۇقىنى ئۇدۇللۇق باشقىلارغا خىراجەت قىلىپ تۇرغان. ئەنە شۇ قىرىق مىڭ دىرھەممۇ ئۇستازلارنى، شاگىرىتلارنى ئىززەتلەش ۋە ئائىلە – بالا چاقىلىرىنى بېقىشقا سەرىپ قىلىناتتى. ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ سېخىلىقى گوياكى دەريادەك ئىدى.

تارىختا ئالىملارغا، شائىرلارغا، ئەدىبلەرگە، مەدىھىيىچىلەرگە پادىشاھلارنىڭ ،سۇلتانلارنىڭ ھەدىيە بېرىدىغان ئىشلىرى بولۇپ تۇرغان. بەزى ئۆلىمالار بۇنى قوبۇل قىلاتتى. ئەبۇ ھەنىيفە ئەمەللەرنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇ خىل تۈردىكى سوۋغىلارنى داۋاملىق ئەۋەتىپ تۇرغان. ئەمما ئەبۇ ھەنىيفە ھەر خىل سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، ئىزچىل بۇ خىل ھەدىيە ۋە سوۋغاتلارنى رەت قىلغان. ئۇ ۋالىي ئاتىلىشتىن، ئالىم ئاتىلىشنى لايىق كۆرگەن. ئۇ ئۇمەييەلەرنىڭ ھۆكۈمدارلىرىنىڭ سوۋغاتلىرىنى رەت قىلىپلا قالماستىن، ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ھەدىيەلىرىنىمۇ رەت قىلغان. ئىمام مالىك رەت قىلمىغان، سۇلتانلارنىڭ ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئىمام شافىئىي باغداتتا مۇھەممەد ھەسەن شەيبانىي بىلەن ئۇچراشقاندا، ھارۇن رەشىدنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەن. ھارۇن ئۇنىڭغا ئەللىك مىڭ دىنار ھەدىيە قىلغان. ياش، موھتاج، كەمبەغەل ئىمام شافىئىي ئەللىك مىڭ دىنار( تىللا) نى ئالسۇنمۇ ياكى بوينىغا چۈشىدىغان قىلىچنى كۈتسۈنمۇ؟ ئۇ ھارۇن رەشىدنىڭ ئالدىدا ئۇنى قوبۇل قىلغان بولۇپ ئېلىپ، قەسىردىن چىققاندىن كېيىن موھتاجلىقىغا قارىماي كىشىلەرگە ئۈلەشتۈرىۋەتكەن.

ئەبۇ ھەنىيفە فىقھى ئىلمىدە ھۆججەت؛ ئۇ فىقھى ئىلمىنىڭ بەرپاچىسى؛ پەتىۋاشۇناس، ئۇ يەنە كەلگۈسىدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جاۋاب بەرگۈچى. ئۇ توغرىسىدا ئىمام شافىئىي شۇنداق دېگەن: « كىشىلەرنىڭ فىقھى ساھەسىدىكى ئىلملىرى ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ئىلملىرىنىڭ بىر قىسمى». فىقھىشۇناسلار ئىككى خىل يول تۇتقان: بىرى، رىۋايەت ۋە ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئىش- ئىزلىرىنى ئاساس قىلىدىغانلار، ئىمام مالىك باشچىلىقىدىكى ئالىملار شۇنداق قىلغان، ئۇلار، قۇرئاننى، ھەدىسنى، ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىنى، مەدىنە ئەھلىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ پەتىۋا چىقرىدۇ؛ ئىكككىنچى تۈردىكىلەر، ئەبۇ ھەنىيفە باشچىلىقىدىكى رەي ئەھلى بولۇپ، ئۇلارمۇ ھۆكۈم چىقىرىشتا قۇرئاننى ، ھەدىسنى، ساھابىلەرنىڭ سۆز- ھەرىكەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلاردىن تېپىلمىغان مەسىلىلەردە ئەقلى قابىلىيىتىنى ئىشقا سېلىپ ، ئىجتىھاد قىلىشىدۇ. ھەنەفىيە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ پەتىۋا چىقىرىش ئۇسلۇبى شۇنداق: بىرىنچى، كىتابۇللا-قۇرئا، ئىككىنچىسى، سۈننىتى رەسۇلۇللا-ھەدىس ئۈچىنچىسى، ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرى-پەتىۋالرى، تۆتىنچى، ئالىملارنىڭ ئىجماسى، بەشىنچىسى، قىياس، ئالتىنچىسى، ئىستىھسان، يەتتىنچىسى، ئۆرپ .

ئەبۇ ھەنىيفە مەرىپەتكە تولغان ھاياتىدا ھەم كىتاب يېزىش ئۈچۈنمۇ قەلەم تەۋرەتكەن، ئۇ يازغان كىتابلار: «فىقھۇل ئەكبەر»، «ئالىم ۋە مۇتەئەللىم»، « ئوسمان بەتتاغا يېزىلغان خەت»، «قەدەرىيەلەرگە رەددىيە»، « ئىلىم: شەرقتە ۋە غەربتە؛ يىراقتا ۋە يېقىندا»( ئىبنى نەديم: «مۇندەرىجىلەر»،285-بەت) ئۇنىڭ «فىقھۇل ئەكبەر» ناملىق كىتابى ئاتمىش مىڭ مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ فىقھى ساھەسىدىكى مول مېۋە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ يەنە ئىمام شافىئىي ۋە ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەللەر ئۆز كىتابلىرىدا تىلغا ئالغان ھەدىس توغرىسىدا «مۇسنەد» ناملىق كىتابى بولغان، بۇ كىتاب فىقھى ئۇسلۇبىدا تۈزۈلگەن. شۇنىڭدەك ئەبۇ يۇسۇف ۋە مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي يازغان «ئاسار» ( ئىزلار) ناملىق كىتابلار( بۇ شاگىرىتلار شۇ ناملىق ئىككى كىتاب تۈزگەن) ئەبۇ ھەنىيفىگە تەئەللۇق ، ئالىملار، شاگىرىتلار ئۇنى رەتلەپ تۈپلىگەن، دەپ قارايدۇ. مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي يازغان «مەبسۇت» ناملىق كىتابمۇ مۇھەممەدكە نىسبەت قىلىنسىمۇ، كۆز قاراشلىرى ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ كىتابلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ. ئەبۇ ھەنىيفە ھاياتى ئارقىلىق ئەينى دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ئىسلاھاتلىرىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.

بەزى كىتابلاردا ئۇنىڭ شاگىرىتلىرى توغرىسىدا شۇنداق دېيىلىدۇ: ئۇنىڭ شاگىرىتلىرى ئوتتۇز ئالتە، ئۇلارنىڭ يىگىرمە سەككىزى قازىلىققا يارايدۇ، ئالتىسى پەتىۋاغا ، ئىككىسى قازىلارنىڭ يېتەكچىسى، ئۇلار بولسىمۇ ئەبۇ يۇسۇف بىلەن زۇفەر، ئەبۇ ھەنىيفنىڭ ئوغلى ھەمماد بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: « دادامنىڭ شاگىرىتى ئون: ئەبۇ يۇسۇف، زۇفەر، ئەسەد ئىبنى ئۆمەر، بەجەلى، ئافىيە ئەۋدى، داۋۇد تائىي، قاسىم ئىبنى مەئىن مەسئۇدىي، ئەلى ئىبنى مۇسھىر، يەھيا ئىبنى زەكەرىيا ئىبنى ئەبى زائىدە ، ھەببان ۋە مىندەل،ئەمما بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەبۇ يۇسۇف بىلەن زۇفەرنىڭ مىسلى بولمىغان»( باغداد تارىخى 14\246). شۈبھىسىزكى ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ئەڭ داڭلىق شاگىرىتلىرى ئەبۇ يۇسۇف، مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ۋە زۇفەرلەر ئىدى.

ئەبۇ يۇسۇف: ئۇ يەئقۇب ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ھەبىيب ئەنسارىي بولۇپ، ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ئەڭ مەشھۇر شاگىرتى. زامانىسىنىڭ ئەڭ چوڭ قازىسى، ھادى، مەھدى ۋە ھارۇن رەشىد قاتارلىق ئۈچ خەلىپە ئۇنى قازى قىلغان. ھارۇن رەشىد ئۇنى ۋەزىر ئورنىدا ئىشلەتكەن. ئەبۇ ھەنىيفە ئۇنىڭغا جىق ئەقىدە قىلغان، نۇرغۇن ئىلىملەرنى بەرگەن. ئۇ ۋاپادار شەخس ئىدى. ئۇنىڭغا ئەبۇ ھەنىيفە ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن نۇرغۇن ۋەسىيەتلەرنى قىلغان. ئەبۇ يۇسۇف ھەقىقەت ئۈچۈن خەلىپىگە قارىشى ھۆكۈم چىقىرالايتتى. ئۇمۇ ئۆز ئالدىغا نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ جاۋاب بەرگەن ھەم نۇرغۇن كىتابلارنى تۈزگەن، مەسىلەن: «ناماز توغرىسىدا»،« زاكات توغرىسىدا»، «روزا توغرىسىدا»،«مىراس توغرىسىدا»، «سودا-سېتىق توغرىسىدا»،« شەرىئەت جازالىرى توغرىسىدا»، « ۋاكالەتچىلىك توغرىسىدا»، « ۋەسىيەت توغرىسىدا»، « ئوۋ ۋە بوغۇزلانغان ماللار توغرىسىدا»،« مالىك ئىبنى ئەنەسكە رەددىيە»،« توپلاملار»، « خىراج»، « ئاسار»، «ئەبۇ ھەنىيفە بىلەن ئىبنى ئەبى لەيلا ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلار»، « ئىبنى ئەبى لەيلاغا رەددىيە».... قاتارلىقلار بولۇپ، « خىراج» ناملىق كىتابى ئەڭ مەشھۇر؛

مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي: ئۇ ۋاسىتتا تۇغۇلغان، كۇفەدە ئۆسۈپ يېتىلگەن. كېيىن ئەبۇ ھەنىيفىدىن تەلىم ئالغان ۋە داڭلىق شاگىرتى بولۇپ قالغان، ئۇ ھەم ئالىم، ھەم زور نوبۇز ئىگىسى. ئىمام شافىئىي بىلەن دوست بولغان ، ھارۇن رەشىدنىڭ مەجلىسلىرىدە مۇشاۋىر بولغان. ئۇ نەزەر دائىرىسى كەڭرى، پاساھەت ئىگىسى ئىدى. شافىئىي ئۇنىڭ پاساھەتلىك بايانىنى دائىم ماختايتتى. شافىئىي شۇنداق دەيدۇ: « مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي بىرەر مەسىلىگە ئايەت كەلتۈرسە، خۇددى قۇرئان ئۇنىڭغىلا نازىل قىلىنغاندەك دەل كەلتۈرەتتى». ئۇ ئەخلاقلىق، مېھرىبان ئادەم ئىدى. ئۇ ھاياتىدا كۆپلىگەن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرى بۇ ساھەدىكى مۇھىم مەنبەلەر ھېسابلىنىدۇ، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل نۇرغۇن ئىنچىكە مەسىلىلەرنى ئۇنىڭ كىتابلىرىنى نەقىل قىلىپ ئالغان ۋە پىكىر يۈرگۈزگەن. بەسرە ئەھلى ئۆز ئالىملىرىنىڭ تۆت كىتابىدىن پەخىرلىنىدۇ: بىرى، جاھىزنىڭ «باياننامە» ۋە «ھايۋانات» ناملىق كىتابلىرى؛ يەنە بىرى، سىيبىۋەينىڭ كىتابى؛ يەنە بىرى، خەلىل ئىبنى ئەھمەدنىڭ «كىتابۇل ئەين» ناملىق كىتابى؛ تۆتىنچىسى بولسا، دەل مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىينىڭ ھالال- ھارام توغرىسىدىكى 27مىڭ مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابىدۇر. ئۇ يازغان كىتابلار: «مەبسۇت»،«قوشۇمچىلار»،« جامىئۇسسەغىير»، «ئەسىيەرۇس سەغىير»،« جامىئۇل كەبىير»، «ئەسسىيەرۇل كەبىير»، «ئاسار»،« مەدىنە ئەھلىگە رەددىيە»، «ئۇسلۇبلار»... قاتارلىق كىتابلار، بۇلار ئىشەنچىلىك ھالدا ئۇ يازغان كىتابلار، دەپ قارىلىدۇ، ئۇنى يازغان دەپ پەرەز قىلىنىدىغان كىتابلار: « كەيسانىيات»،«ھارۇنىيات»،« جۇرجانىيات»، « رەققىيات»، «قوشۇمچىلارغا قوشۇمچىلار» قاتارلىقلار. مۇھەممەد ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرمىگەن بولۇپ، 58 يېشىدا ۋاپات بولغان؛

زۇفەر ئىبنى ھۇزەيل: ئۇ ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ئەڭ دەسلەپتىكى شاگىرىتلىرىنىڭ بىرى، قازىلىقنى كۆپ قېتىپ رەت قىلغان. ئۇ شاگىرىتلارنىڭ ئارىسىدا قىياس قىلىشقا ئەڭ ماھىرى ئىدى. ئىلىمگە تولىمۇ ھېرىسمەن ئىدى، ئەبۇ يۇسۇفتىن بۇرۇن ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ھەلقىسىگە ئورۇنباسار بولغان. ئۇ 48 يېشىدىلا ۋاپات بولۇپ كەتكەن. ئۇمۇ ئەبۇ ھەنىيفە شاگىرىتلىرىنىڭ ئىچىدىكى فىقھى ئىلمىدە كامالەتكە يەتكەنلەرنىڭ بىرى؛

ھەسەن ئىبنى زىياد: بۇ كىشىمۇ ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ مەشھۇر شاگىرىتى، قۇلىقى يۇمشاق، ئەدەبلىك، تىرىشچان، خۇددى ئەبۇ يۇسۇفتەكلا كىچىك ۋاقتىدا جاپا- مۇشەققەتتە ئۆسۈپ يېتىلىپ، كېيىن بېيىپ كەتكەن. ئۇ ھىجرىيە 194- يلى كۇفەنىڭ قازىسى بولۇپ، ھەفسى ئىبنى غىياسنىڭ ئورنىغا چىققان. بىراق ئۇ قازىلىق ئورنىدا ئۇزۇن ئولتۇرمىغان. ئۇ ھەم نۇرغۇن داڭلىق شاگىرىت يېتىشتۈرۈپ چىققان، ئۇ تۈزگەن كىتابلار: «كىتابۇل مۇجەررىد»،«قازىلارنىڭ ئەدەب- ئەخلاقى»، « كىتابۇل خىراج»، « مەئانىل ئىيمان»،... قاتارلىقلار. مانا بۇلار ئەبۇ ھەنيفىنىڭ مەشھۇر شاگىرىتلىرىدۇر.

ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ مەزھىپىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق كىتابلار مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي تۈزگەن «ئۇسلۇبلار» ناملىق كىتاب، ئۇ تۈزگەن دەپ قارىلىدىغان « نەۋادىر» ناملىق كىتاب ۋە كېيىن يېزىلغان «ۋەقەلەر ۋە پەتىۋالار» ناملىق كىتابلاردۇر.

شۇنچىلىك زور تىرىشچانلىق ۋە ئىلمى ئەمگەكلەردىن كېيىن، ئەبۇ ھەنىيفە ھىجرىيە 150-يىلى رەجەب ئېيىدا باغداتتا ۋاپات بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۆلىمىگە پۈتكۈل باغداد، پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى تەۋرەپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ جىنازىسىغا ئەللىك مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقانلىقتىن، قىستاڭچىلىق يۈز بېرىپ، ئالتە قېتىم ناماز ئوقۇلىدۇ. ئەڭ ئاخىرقىسىنى ئوغلى ھەمماد ئوقۇيدۇ. ئاللا ئەبۇ ھەنىيفىگە كۆپلىگەن رەھمەتلەرنى قىلسۇن! ئەمدى بىز ئەبۇ ھەنىيفىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ، ئۇنىڭ تۆۋەندىكى مەشھۇر سۆزى بىلەن بۇ ماقالىنى ئاخىرلاشتۇرىمىز: « مانا بۇ بىزنىڭ پىكرىمىز! ئۇ بولسا بىز قادىر بولغان پىكىرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى! كىمىكى ئۇنىڭدىن ياخشى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن، ئۇنى قوبۇل قىلىمىز!» ( ئاساسلىق پايدىلانغان مەنبەلەر: دوكتور مۇستەفا شەكئەنىڭ «تۆت ئىمام» ناملىق كىتابى؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زۆھرەنىڭ « ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە: ھاياتى ۋە دەۋرى؛ كۆز قاراشلىرى ۋە ئىلمى» ناملىق كىتابى).

2010-يىل ، 28- دېكابىر، خوتەن.

 

مەنبەسى :ئىزدىنىش مۇنبىرى http://bbs.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=46798

مەزكور ماقالە «جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى »ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان