ھەنىيفە گەپلىرىنى تۈگىتىپ، شۇنداق دەيدۇ،- قىياس بىلەن سېنىڭ بوۋاڭنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتىۋېتىشتى
ئەبۇ ھەنىيفە يەنە ئەھلى بەيتتىن، ئابدۇللا ئىبنى ھەسەندىن تەلىم ئالغان، بۇ زات ئەلىينىڭ نەۋرىسىنىڭ ئوغلى بولىدۇ. ئۇ بۈيۈك، ھۆرمەتلىك، كىشىلەر ئارىسىدا ئالاھىدە نوپۇزغا ئىگە ئالىم. بۇ ھەقتە مۇسئەب ئىبنى ئابدۇللا شۇنداق دېگەن: « مەن ئابدۇللا ئىبنى ھەسەن ئىبنى ھەسەندىنمۇ ئىززەتلىنىدىغان
ئەبۇ ھەنىيفە يەنە ئەھلى بەيتتىن ئىمام جەئفەر سادىقتىن تەلىم ئالغان، شىيئەلەر ئۇنى ئالتىنچى ئىمام قىلىۋالىدۇ. ئۇ بۈيۈك فىقھىشۇناس، مۇھەددىس، ئۇ ئەھلى بەيت ۋە غەيرى ئەھلى بەيت مۇسۇلمان ئۆلىمالىرىدىن ئىلىم رىۋايەت قىلغان، ئۇنىڭدىن ئەتا، ئىكرەمە، ئۇبەيدۇللا، ئابدۇراھمان قاتارلىقلار ئىلىم رىۋايەت قىلغان . شىيئەلەرنىڭ بەزىسى ئەھلى بەيت رىۋايەت قىلمىغان ھەدىسلەرنى رەت قىلغان، بىراق ئىمام جەئفەر بولسا بارلىق مۇسۇلمان ئالىملىرىدىن ئىلىم رىۋايەت قىلغان . ئۇنىڭدىن يەنە سەۋرى ، ئىبنى ئۇيەينە، شۇئبە، مۇسلىم ئىبنى ھەججاج قاتارلىقلار تەلىم ئالغان. ئەبۇ ھەنىيفە ئۇنىڭ بىلەن ئابباسىيلار سۇلالىسىدا ئىلىم سورۇنىدا ئۇچراشقان، ئۇ ھەققىدە ئەبۇ ھەنىيفە مۇنداق دەيدۇ؛ «ئاللا بىلەن قەسەمكى، مەن ئىمام جەئفەر سادىقتىنمۇ فەقىھراق ئادەمنى كۆرمىدىم».
كۆرگىنىمىزدەك ئەبۇ ھەنىيفە ھەر خىل دەۋردە، ھەر خىل جايدا، ھەر خىل مەدرىسلەردە، ھەر خىل بۇلاقلاردا ئىلىم ئالغان، ئۇلاردىن كۇفەلىكلەر، ئىراقلىقلار، بەسرەلىكلەر بار، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى رەي ئەھلى. ئۇلاردىن يەنە مەككىلىكلەر، مەدىنىلىكلەر، ھىجازنىڭ باشقا يەرلىرىدىكىلىرى
ئەبۇ ھەنىيفە تاكى ھەمماد ۋاپات بولمىغىچىلىك، ئايرىم بىر ھەلقە قۇرمىغان، پەقەت ھەمماد ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان، بۇ ۋاقىتتا ئۇ قىرىق ياشلاردا بولۇپ، ئىلمىي ئىشلارنى يۈرگۈزۈشكە باپ كېلەتتى . شۇ دەۋرلەردە كۇفە ئىلىم كانى ئىدى، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ مەسجىدىدە نۇرغۇنلىغان فىقھى ھەلقىلەر بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا بولسا، ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ھەلقىسىگە ئادەملەر توشۇپ كەتكەنىدى. بۇ مەسجىدتە يەنە ئەئمەش سۇلايمان ئىبنى مېھراننىڭ ھەلقىسىمۇ بار ئىدى، ئۇ پاساھەت ۋە زاھىدلىقتا كامالەتكە يەتكەن، بۇ يەردە يەنە قۇرئاننى يادلىغانلىقتىن «مۇسھەف» دەپ نامى تارقالغان مۇسئىر ئىبنى كىدامنىڭمۇ ھەلقىسى بار ئىدى. ئىمام سۇفيان سەۋرىينىڭمۇ ھەلقىسى بار ئىدى. كېيىن ئۇنىڭ ھەلقىسى بەيتۇللاغا كۆچكەن. كۇفەنىڭ ھەلقىلىرىدە فىقھى بىلەن ھەدىسلا ئۆتۈلمەيتتى، قىرائەت دەرسىمۇ ئۆتۈلەتتى، ھەمزە ئىبنى ھەبىيب ئۇستا قارىي ئىدى، سۇفيان سەۋرى ئۇ توغرىسىدا :« ئۇ ئوقۇغان قۇرئاننىڭ ھەر بىر ھەرىپىمۇ كىشىگە تەسىر قىلىدۇ» دېگەن. ئۇ زەيتۇن يۆتكەپ ساتاتتى. شۇئبە ئىبنى ئىياس ئىبنى سالىم ئەزدىيمۇ ئۇستا قارىي بولۇپ، قۇرئان ئۆگىتەتتى، ئۇ مۇرەتتەپ قارىي بولۇپلا قالماي، تالىبۇلئىلىملەر
ئەبۇ ھەنىيفە دىن ئۆگىتىشكە ھېچقانداق دۇنياۋىي مەقسەد ئارىلاشتۇرمىغان
ئىمام ئەبۇ ھەنىيفىدە ئىنسانىي پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىدى: سۈرلۈك ئىدى؛ نۇرلۇق ئىدى؛ تەقۋا، كەڭ قورساق ئىدى؛ مېھرىبان، ۋاپادار ئىدى؛ مۇلايىم، كەمتەر ئىدى؛ ئىلىملىك ۋە پەزىلەتلىك ئىدى؛ پاك ۋە ئوچۇق ئىدى؛ سېخى ۋە مەرد ئىدى؛ ئۆتكۈر ۋە پاراسەتلىك ئىدى؛ بۇلاردىن سىرىت ئۇ ھەم ئالىم، ھەم ئامىل ( ئۆگەنگەنگە ئەمەل قىلغۇچى) مۇئەللىم ئىدى؛ ھەم راستچىل، ئىشەنچلىك سودىگەر ئىدى. ئۇ مانا مۇشۇنداق ئاللاھقا بولغان تائەت، ناماز- زاكات، ئىبادەت- قىيام ، گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن يەتمىش يىل ياشىدى. ئۇنىڭ ئىلمىگە، پىكرىگە زامانىسىدىكى ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك قايىل بولغان. ئىبنى مۇبارەك:« فىقھى ساھەسىدە ئۇنى مىسلىنى كۆرۈپ باقمىدىم» دېگەن. بۇ گەپنى دېگەندە ئۇ پۈتكۈل خۇراساننىڭ فىقھى ئالىمى ئىدى. ئۇ ئەبۇ ھەنىيفىگە ئاتاپ قەسىدىمۇ يازغان. ئىبنى ئىياز ئۇنىڭ ئىلمى توغرىسىدا شۇنداق دېگەن: « ئەبۇ ھەنىيفە فىقھىنى بەك بىلىدىغان، بەك تەقۋا، قولى كەڭ، سۇلتاننىڭ ھەدىيەسىدىن قاچىدىغان، سۆزنى ئاز قىلىدىغان، كېچە-كۈندۈز سەۋىرچانلىق بىلەن ئىلىم ئۆگىتىدىغان ئالىم» ( باغداد تارىخى 13\339). سۇفيان سەۋرى ( ئۇ نەقلى ھۆكۈم قىلاتتى، ئەبۇ ھەنىيفە بولسا قىياسمۇ قىلاتتى) ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ يېنىدىن كەلگەن بىر ئادەمگە شۇنداق دېگەن: «سەن زېمىندىكى ئەڭ ئالىم ئادەمنىڭ يېنىدىن كەپسەن». مۇلەيھ ئىبنى ۋەكىيئ شۇنداق دەيدۇ:«مەن دادامدىن شۇنداق دەپ ئاڭلىدىم:‹ مەن ئەبۇ ھەنىيفىدىنمۇ ئالىم ، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ناماز ئوقۇيدىغان ئادەمنى كۆرمىدىم›». ئەبۇ جەئفەر رازى شۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەبۇ ھەنىيفىدىنمۇ بىلىملىك بىرىنى كۆرمىدىم. » ئابدۇراھمان مۇقرىي ئەبۇ ھەنىيفە توغرىسىدا سۆز ئاچسا:« بىزگە (ئىلىم مەملىكىتىدىكى) شاھىنشاھ، يەنى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى مۇنداق سۆزلەپ بەردى» دەيتتى. ئابدۇللا ئىبنى داۋۇد شۇنداق دېگەن:« مۇسۇلمانلار ئاللاغا ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ئۆز نامازلىرىدىكى سۈننەتلەرنى ۋە فىقھى ئىلمىنى ساقلاپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلىشلىرى كېرەك!» مانا بۇلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شۇ دەۋردە ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ئىلىم ساھەسىدە ئورنى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىدى.
ئۇ ناھايىتى تەقۋا ئىدى، كىشىلەر ئەڭ تەقۋا كىشىنى سورىسا ئۇنى كۆرسىتپ قوياتتى، ئۇ قىرىق يىلدەك خۇپتەننىڭ تاھارىتىدە بامداتنى ئوقۇغان. پۈتۈن كېچە قۇرئان ئوقۇغان دەملىرى كۆپ بولغان، ئۇنىڭ يىغلىغان ئاۋازلىرى قوشنىلىرىغا ئاڭلىنىپ تۇرغان، ئۇ قۇرئاننى ۋاپات بولغىچىلىك يەتتە مىڭ قېتىم خەتمە قىلغان (باغداد تارىخى 13\354). ئۇ قۇرئاننى خەتمە قىلىشتا ئوسمان ئىبنى ئەففانغا ئوخشاپ قالغانىدى.
ئەبۇ ھەنىيفە بىلىملىك ، يۈزلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەۋىيلەر ئۇنى كۇفەگە قازى قىلماقچى بولغاندا، ئۇ ئادىل بولالماسلىقىدىن
ئەبۇ ھەنىيفە ئۆزى چىرايلىق، چىرايىلىق كىيىنىپ يۈرىدىغان، ئاللانىڭ نېمەتلىرى ۋۇجۇدىدا نامايان بولۇپ تۇرىدىغان شەخس ئىدى. ئەتىرنى كۆپ ئىشلىتەتتى، چىرايىلىق كىيىنەتتى، ئۇ ھەم ئىلىملىك، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم گۈزەل بولالىغان ئىدى. ئۇ بەكمۇ ئاق ئەمەس، بەكمۇ قارىمۇ ئەمەس ئىدى؛ بەك ئېگىزمۇ ئەمەس، بەك پاكارمۇ ئەمەس ئىدى. تاشقى قىياپىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ناھايىتى پاكىز يۈرەتتى.
ئەبۇ ھەنىيفە يەنە راستچىل، ئىشەنچىلىك سودىگەر ئىدى، ئۇ كۇفە كوچلىرىدا گەزمالچىلىق قىلغان. نۇرغۇن ئادەملەر ئىلىم بىلەن تىجارەتنى بىر يەرگە ئەكىلەلمەيدۇ، بىراق ئاز ساندىكى ئادەملەر شۇنداق قىلالىغان، مەسىلەن، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئەبۇ ھەنىيفىلەر... تىجارەتنىڭ ئىلىمگە توقۇنىشىدىغان ھېچقانداق يېرى يوق، ئۇ ئاللا ھالال قىلغان ھالال كەسىپ، بۇ كەسىپتىن پايدىلىنىپ ئەبۇ ھەنىيفە ئۆزىنىڭ ئىلىم ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرغان. ئەبۇ ھەنىيفە يىلىغا قىرىق مىڭ دىرھەمدىن ئارتۇق خىراجەت قىلمىغان، بۇ ئىشىنى قىرىق يىل شۇنداق داۋاملاشتۇرغان،
تارىختا ئالىملارغا، شائىرلارغا، ئەدىبلەرگە، مەدىھىيىچىلەرگە
ئەبۇ ھەنىيفە فىقھى ئىلمىدە ھۆججەت؛ ئۇ فىقھى ئىلمىنىڭ بەرپاچىسى؛ پەتىۋاشۇناس، ئۇ يەنە كەلگۈسىدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جاۋاب بەرگۈچى. ئۇ توغرىسىدا ئىمام شافىئىي شۇنداق دېگەن: « كىشىلەرنىڭ فىقھى ساھەسىدىكى ئىلملىرى ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ئىلملىرىنىڭ بىر قىسمى». فىقھىشۇناسلار ئىككى خىل يول تۇتقان: بىرى، رىۋايەت ۋە ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئىش- ئىزلىرىنى ئاساس قىلىدىغانلار، ئىمام مالىك باشچىلىقىدىكى ئالىملار شۇنداق قىلغان، ئۇلار، قۇرئاننى، ھەدىسنى، ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىنى، مەدىنە ئەھلىنىڭ ئىش-پائالىيەتلى
ئەبۇ ھەنىيفە مەرىپەتكە تولغان ھاياتىدا ھەم كىتاب يېزىش ئۈچۈنمۇ قەلەم تەۋرەتكەن، ئۇ يازغان كىتابلار: «فىقھۇل ئەكبەر»، «ئالىم ۋە مۇتەئەللىم»، « ئوسمان بەتتاغا يېزىلغان خەت»، «قەدەرىيەلەرگە رەددىيە»، « ئىلىم: شەرقتە ۋە غەربتە؛ يىراقتا ۋە يېقىندا»( ئىبنى نەديم: «مۇندەرىجىلەر»،
بەزى كىتابلاردا ئۇنىڭ شاگىرىتلىرى توغرىسىدا شۇنداق دېيىلىدۇ: ئۇنىڭ شاگىرىتلىرى ئوتتۇز ئالتە، ئۇلارنىڭ يىگىرمە سەككىزى قازىلىققا يارايدۇ، ئالتىسى پەتىۋاغا ، ئىككىسى قازىلارنىڭ يېتەكچىسى، ئۇلار بولسىمۇ ئەبۇ يۇسۇف بىلەن زۇفەر، ئەبۇ ھەنىيفنىڭ ئوغلى ھەمماد بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: « دادامنىڭ شاگىرىتى ئون: ئەبۇ يۇسۇف، زۇفەر، ئەسەد ئىبنى ئۆمەر، بەجەلى، ئافىيە ئەۋدى، داۋۇد تائىي، قاسىم ئىبنى مەئىن مەسئۇدىي، ئەلى ئىبنى مۇسھىر، يەھيا ئىبنى زەكەرىيا ئىبنى ئەبى زائىدە ، ھەببان ۋە مىندەل،ئەمما بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەبۇ يۇسۇف بىلەن زۇفەرنىڭ مىسلى بولمىغان»( باغداد تارىخى 14\246). شۈبھىسىزكى ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ئەڭ داڭلىق شاگىرىتلىرى ئەبۇ يۇسۇف، مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ۋە زۇفەرلەر ئىدى.
ئەبۇ يۇسۇف: ئۇ يەئقۇب ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ھەبىيب ئەنسارىي بولۇپ، ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ئەڭ مەشھۇر شاگىرتى. زامانىسىنىڭ ئەڭ چوڭ قازىسى، ھادى، مەھدى ۋە ھارۇن رەشىد قاتارلىق ئۈچ خەلىپە ئۇنى قازى قىلغان. ھارۇن رەشىد ئۇنى ۋەزىر ئورنىدا ئىشلەتكەن. ئەبۇ ھەنىيفە ئۇنىڭغا جىق ئەقىدە قىلغان، نۇرغۇن ئىلىملەرنى بەرگەن. ئۇ ۋاپادار شەخس ئىدى. ئۇنىڭغا ئەبۇ ھەنىيفە ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن نۇرغۇن ۋەسىيەتلەرنى قىلغان. ئەبۇ يۇسۇف ھەقىقەت ئۈچۈن خەلىپىگە قارىشى ھۆكۈم چىقىرالايتتى. ئۇمۇ ئۆز ئالدىغا نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ جاۋاب بەرگەن ھەم نۇرغۇن كىتابلارنى تۈزگەن، مەسىلەن: «ناماز توغرىسىدا»،« زاكات توغرىسىدا»، «روزا توغرىسىدا»،«مىر
مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي: ئۇ ۋاسىتتا تۇغۇلغان، كۇفەدە ئۆسۈپ يېتىلگەن. كېيىن ئەبۇ ھەنىيفىدىن تەلىم ئالغان ۋە داڭلىق شاگىرتى بولۇپ قالغان، ئۇ ھەم ئالىم، ھەم زور نوبۇز ئىگىسى. ئىمام شافىئىي بىلەن دوست بولغان ، ھارۇن رەشىدنىڭ مەجلىسلىرىدە مۇشاۋىر بولغان. ئۇ نەزەر دائىرىسى كەڭرى، پاساھەت ئىگىسى ئىدى. شافىئىي ئۇنىڭ پاساھەتلىك بايانىنى دائىم ماختايتتى. شافىئىي شۇنداق دەيدۇ: « مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي بىرەر مەسىلىگە ئايەت كەلتۈرسە، خۇددى قۇرئان ئۇنىڭغىلا نازىل قىلىنغاندەك دەل كەلتۈرەتتى». ئۇ ئەخلاقلىق، مېھرىبان ئادەم ئىدى. ئۇ ھاياتىدا كۆپلىگەن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرى بۇ ساھەدىكى مۇھىم مەنبەلەر ھېسابلىنىدۇ، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل نۇرغۇن ئىنچىكە مەسىلىلەرنى ئۇنىڭ كىتابلىرىنى نەقىل قىلىپ ئالغان ۋە پىكىر يۈرگۈزگەن. بەسرە ئەھلى ئۆز ئالىملىرىنىڭ تۆت كىتابىدىن پەخىرلىنىدۇ: بىرى، جاھىزنىڭ «باياننامە» ۋە «ھايۋانات» ناملىق كىتابلىرى؛ يەنە بىرى، سىيبىۋەينىڭ كىتابى؛ يەنە بىرى، خەلىل ئىبنى ئەھمەدنىڭ «كىتابۇل ئەين» ناملىق كىتابى؛ تۆتىنچىسى بولسا، دەل مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىينىڭ ھالال- ھارام توغرىسىدىكى 27مىڭ مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابىدۇر. ئۇ يازغان كىتابلار: «مەبسۇت»،«قوشۇم
زۇفەر ئىبنى ھۇزەيل: ئۇ ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ئەڭ دەسلەپتىكى شاگىرىتلىرىنىڭ بىرى، قازىلىقنى كۆپ قېتىپ رەت قىلغان. ئۇ شاگىرىتلارنىڭ ئارىسىدا قىياس قىلىشقا ئەڭ ماھىرى ئىدى. ئىلىمگە تولىمۇ ھېرىسمەن ئىدى، ئەبۇ يۇسۇفتىن بۇرۇن ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ ھەلقىسىگە ئورۇنباسار بولغان. ئۇ 48 يېشىدىلا ۋاپات بولۇپ كەتكەن. ئۇمۇ ئەبۇ ھەنىيفە شاگىرىتلىرىنىڭ ئىچىدىكى فىقھى ئىلمىدە كامالەتكە يەتكەنلەرنىڭ بىرى؛
ھەسەن ئىبنى زىياد: بۇ كىشىمۇ ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ مەشھۇر شاگىرىتى، قۇلىقى يۇمشاق، ئەدەبلىك، تىرىشچان، خۇددى ئەبۇ يۇسۇفتەكلا كىچىك ۋاقتىدا جاپا- مۇشەققەتتە ئۆسۈپ يېتىلىپ، كېيىن بېيىپ كەتكەن. ئۇ ھىجرىيە 194- يلى كۇفەنىڭ قازىسى بولۇپ، ھەفسى ئىبنى غىياسنىڭ ئورنىغا چىققان. بىراق ئۇ قازىلىق ئورنىدا ئۇزۇن ئولتۇرمىغان. ئۇ ھەم نۇرغۇن داڭلىق شاگىرىت يېتىشتۈرۈپ چىققان، ئۇ تۈزگەن كىتابلار: «كىتابۇل مۇجەررىد»،«قازى
ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ مەزھىپىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق كىتابلار مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي تۈزگەن «ئۇسلۇبلار» ناملىق كىتاب، ئۇ تۈزگەن دەپ قارىلىدىغان « نەۋادىر» ناملىق كىتاب ۋە كېيىن يېزىلغان «ۋەقەلەر ۋە پەتىۋالار» ناملىق كىتابلاردۇر.
شۇنچىلىك زور تىرىشچانلىق ۋە ئىلمى ئەمگەكلەردىن كېيىن، ئەبۇ ھەنىيفە ھىجرىيە 150-يىلى رەجەب ئېيىدا باغداتتا ۋاپات بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۆلىمىگە پۈتكۈل باغداد، پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى تەۋرەپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ جىنازىسىغا ئەللىك مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقانلىقتىن
2010-يىل ، 28- دېكابىر، خوتەن.
مەنبەسى :ئىزدىنىش مۇنبىرى http://bbs.izdinix.com/ShowPos
مەزكور ماقالە «جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى »ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان