دۇئانىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى - ئەرەب تىلىدىكى «دۇئا» سۆزى لۇغەت ئېتىبارى بىلەن چاقىرىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما دۇئا سۆزىنىڭ شەرىئەت ئىستىلاھىدىكى مەنىسى، ئەڭ كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ھاجەتلىرىنى سوراش دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن»([1]) دېگەن سۆزى بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. قۇرئان كەرىمدىمۇ دۇئا سۆزى مۇشۇ مەنىدە بىر قانچە ئايەتلەردە تەكرارلىنىپ كەلگەن، مەسىلەن: «سەن پەرۋەردىگارىڭنى
دۇئانىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى
دۇئا خالىس ئىبادەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: {الدُّعَاءُ هُوَ الْعِبَادَةُ}يە
مەلۇمكى، ئىبادەتلەر ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش ۋە ئۇنىڭغا بولغان ھاجەتمەنلىكنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن بۇيرۇلغان بولۇپ، بۇ مەقسەت دۇئادا ئەڭ ئوبرازلىق ھالدا ئىبادىسىنى تاپىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان ئادەم ئۇنىڭ ياردىمىگە بولغان زور ئېھتىياجىنى ھېس قىلغان ھالدا، تولۇق ئىخلاسى بىلەن ئۇنىڭغا يالۋۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن ھاجەتلىرىنى سورايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى، ئاللاھ تائالاغا ھەمىشە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى تولۇقى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. مانا بۇ، ئەڭ كۆرۈنەرلىك خالىس ئىبادەت. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە دۇئانىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە بەندىلىرىنى ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشقا بۇيرىغان ھالدا: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن. مېنىڭ ئىبادىتىمدىن باش تارتقۇچىلار خورلانغان ھالدا دۇزاخقا كىرىدۇ»([5]) دەپ كۆرسەتكەن.
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، بەندىلىرىنى ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ ھاجەتلىرىنى سوراشقا بۇيرۇش بىلەن بىرگە، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ھاجەتلىرىنى سوراش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ تائالاغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلمايدىغانلارن
يۇقىرىقى ئايەت بىلەن ھەدىس شەرىپتىن مەلۇمكى، دۇئانى خالىساق قىلىپ، خالىساق ئۇنىڭدىن بىھاجەت بولىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئىبادەتتۇر. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئىدى، يۇقىرىقى ئايەت بىلەن ھەدىستە، دۇئانى تەرك ئەتكۈچىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئىبادىتىدىن باش تارتقۇچىلار ۋە ئاللاھ تائالانىڭ غەزىبىگە ئۇچرايدىغانلار دەپ سۈپەتلەنمىگەن بولاتتى.
دۇئانىڭ پەزىلىتى ۋە پايدىسى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ئاللاھ تائالاغا دۇئادىن يېقىملىق بىر نەرسە يوق»([7]) دەپ كۆرسەتكەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە: «دۇئادىن باشقىسى بالايىقازالارنى
دۇئا شۇنداق پەزىلەتلىك ۋە پايدىلىق بىر ئىبادەتكى، مۇسۇلمان كىشى ئاللاھ تائالادىن ھاجەتلىرىنى سوراش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا دۇئا قىلغىنىدا ئۈچ تەرەپتىن پايدىغا ئېرىشىدۇ: بىرىنچىدىن، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ ئۇنى سۆيۈندۈرگەنلىكى
ئادەتتە، دىنىي ئالىملار ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر قاتارىدا، دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولىۋاتقانلىقىن
پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بارغان كۈنىدىن بىرى ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتى مەككىنىڭ فەتھى بولۇشىنى سورىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ دۇئاسى دەرھال ئىجابەت بولماستىن، ئىسلام دىنى كۈچەيگەن ۋە مۇسۇلمانلار قۇدرەت تاپقان مۇناسىپ بىر ۋاقىتتا يەنى مەدىنىگە ھىجرەت قىلغىنىدىن 8 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىجابەت بولۇپ، مەككە فەتھى بولغان.
([1]) &
([2]) &
([3]) &
([4]) &
([5]) &
([6]) &
([7]) &
([8]) &
([9]) &