ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ھەرقانداق بىر ئىبادەتنى تەرك قىلىش گۇناھ بولغىنىدەك، دۇئانى تەرك ئېتىشمۇ گۇناھتۇر. چۈنكى دۇئا- ئىبادەتتۇر. مۇپەسسىرلەر ئاللاھ تائالانىڭ «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن. مېنىڭ ئىبادىتىمدىن باش تارتقۇچىلار خورلانغان ھالدا دۇزاخقا كىرىدۇ»([1]) دېگەن سۆزىنى، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشتىن ئۆزلىرىنى بىھاجەت سانىغانلار بولۇپ، ئۇلار خورلانغان ھالدا دوزاخقا ھەيدىلىدۇ، دەپ تەپسىر قىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتتىكى ئىبادەت سۆزىدىن دۇئا مەقسەت قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشتىن باش تارتقان ئادەم ئۆزىنىڭ بەندىچىلىكىنى، ئاجىزلىقىنى ۋە ئاللاھ تائالاغا ھەمىشە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىشتىن باش تارتقانلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇنداقلارنىڭ گۇناھى ھەقىقەتەن ئېغىر بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشتىن باش تارتقان ئادەم تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئادەمنىڭ بىرىدۇر: بىرىنچىسى، ئۆزىگىلا ئىشەنگەنلىكتىن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشتىن ئۆزىنى بېھاجەت ساناپ دۇئانى تەرك ئەتكەن ئادەم. مۇنداق ئادەم ھەددىنى بىلمىگەن مۇتەكەببىرلەردى
خەلقىمىزدىمۇ: «ئۈمىدسىز- شەيتان» دېگەن ھېكمەت بار.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن ھاجەتلىرىنى سورىمىغان ئادەمگە غەزەپ قىلىدۇ»([3]) دەپ كۆرسەتكەن.
([1]) &
([2]) &
([3]) &