ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! ئالدى بىلەن روزىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى ئىمان ئېيتىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئەجر ئۈمىت قىلىپ روزا تۇتقان كىشىنىڭ ساۋابى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەيلى.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى}. (سۈرە ئەھزاب 35- ئايەت).
{(ئۇلارغا) «ئۆتكەنكى كۈنلەردە (يەنى دۇنيادىكى چاغلاردا) ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇشال - خۇرام يەڭلار، ئىچىڭلار» دېيىلىدۇ}. (سۈرە ھاققە 24- ئايەت).
ۋەكى قاتارلىق مۇپەسسىرلەر بۇ ئايەت كەرىمنىڭ تەپسىرىدە "ئۆتكەنكى كۈنلەر" دىن روزا تۇتقان كۈنلەر مەقسەت قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ كۈنلەردە ئاللاھ تائالانىڭ رىزاسى ئۈچۈن روزا تۇتۇپ يېمەك - ئىچمەكنى تەرك ئەتكەن دەپ قارىغان.
سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى}. (سۈرە بەقەرە 183- ئايەت).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ئەبۇ سەئىد خۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئايەت - ھەدىسلەر بار لېكىن ئەقىل ئىگىلىرىگە يۇقىردىكىلەر كۇپايە قىلسا كېرەك. يۇقىردا دېيىلگەنلەرنى تۇلۇق چۈشەنگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز
ئىككى ھەرەمدە روزا - رامىزان دېگەن تېمىگە كەلسەك، ھەقىقەتەن بۇ يەردە روزا - رامىزان ئالاھىدە ئۆتىدۇ، مۇبارەك رامىزان ئېيى كىرىشى بىلەن تەڭ گويا جىن - شاياتۇنلار بىرەر ئورۇنغا قاماپ قۇيۇلغاندەك كۈندۈزلىرى كوچىلار جىمىپ كېتىدۇ، كەچ كىرىشى بىلەن كىشىلەر تەرەپ - تەرەپتىن قوزغىلىپ ئىپتار قىلىش، ئىپتار قىلدۇرۇشنىڭ ۋە كېچىلىك ئىبادەتلەرنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشقا باشلايدۇ، مەسجىد ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا بەس - بەستە داستىخانلار سېلىنىپ ئاللاھ تائالانىڭ رىزاسى ئۈچۈن ئىپتارلىق بېرىلىدۇ، مەككە - مۇكەررەمەدىكى مەسجىدى ھەرەم بولۇپمۇ مەدىنە - مۇنەۋۋەرەدىكى مەسىجىدى نەبەۋىيدىكى ئىپتارلىق ساخاۋەتلىرى ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئىنسان بۇ مەسجىدلەرنىڭ يېنىغا يېقىنلىشىپ بولغىچىلىك ئىپتار قىلدۇرىدىغانلار
ئۇلارنىڭ بۇ ساخاۋەتلىرى ئىنسانغا ئادىمىگەرچىلىك ۋە ساخاۋەت يوللىرىنى، ئىنسان پۇل - مېلىنى قانداق يوللارغا سېرىپ قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.. رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئىككى ھەرەمدىكى نۇرغۇن مەسجىدلەر ئېتىكاپتا ئولتۇرىدىغانلار
خەلقلەر رامىزان ئېيىنى ۋە ئۇنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى
رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكىنىڭ ئىسپاتلىنىشى بىلەن تەڭ خەلق شادلىققا چۆمىدۇ ۋە ئۇلار بىر - بىرىنى"رامىزان ئېيىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، ئاللاھ تائالا ھەمىمىزنى بۇ ئايدا كۈندىزىنى روزا، كېچىسىنى ناماز ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزۈشكە مۇيەسسەر قىلسۇن" دېگەنگە ئوخشاش تەبرىك سۆزلىرى بىلەن تەبرىكلىشىدۇ.
ھۆل خورما، سۇ، سۈت - قېتىقلار بىلەن ئېغىز ئېچىش ئىككى ھەرەم خەلقىنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان. ناماز شامنىڭ ئەزىنى ئاخىرلىشىپ ئازغىنە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن مۇئەززىننىڭ تەكبىر ئېيتىشى بىلەن ھەممەيلەن يېيىشنى توختىتىپ، ناماز ئوقۇشقا كىرىشىدۇ.
ئاساسلىق ئىپتار تائاملىرى ناماز شام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يېيىلىدۇ. ئىپتار داستىخانلىرى ئىككى ھەرەم خەلقلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تۈرلۈك تائاملار بىلەن بېزىلىدۇ.
خۇپتەن ۋە تەراۋىھ نامازلىرى باشلىنىشنىڭ ئالدىدا خەلقلەر قەھۋە ۋە قىزىل جاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
بەزى ئائىلىلەرنىڭ رامىزان كۈنلىرىدىن ھەر بىر كۈننى ئائىلە ئەزالىرىدىن بىرىنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىشقا تەيىن قىلىش ئادەتلىرى بار بولۇپ، زىيارەت ئائىلە ئەزالىرىنىڭ چوڭىنىڭ ئۆيىدىن باشلىنىدۇ.
ئىپتار تائامىدىن كېيىن ئەر – ئايال ھەممەيلەن خۇپتەن ۋە تەراۋىھ نامازلىرىنى ئوقۇش ئۈچۈن مەسجىدلەرگە يۈزلىنىدۇ. ئىككى ھەرەمدە ھەر قانداق بىر مەسجىدتە ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن ئايرىم بىر قىسىم تەييارلانغان بولىدۇ. تەراۋىھ نامىزى ئىككى ھەرەم مەسجىدلىرىدە يىگىرمە رەكەت ئوقۇلىدۇ. ئىككى ھەرەمنىڭ ئەتراپىدىكى مەسجىدلەردە سەككىز رەكەت ئوقۇلىدۇ. مەسجىدلەردە - تەراۋىھ نامىزى يىگىرمە رەكەت ياكى سەككىز رەكەت ئوقۇلسۇن - قۇرئان كەرىم بىر قېتىم خەتمە قىلىنىدۇ. كۆپىنچە مەسجىدلەردە شۇ مەسجىدلەرنىڭ ئىماملىرى ياكى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئۆلىمالار تەراۋىھ نامازلىرىدىن كېيىن دىنىي دەرس، ۋەز – نەسىھەتلەرنى سۆزلەيدۇ.
مەسجىدلەردە دەرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن جامائەتلەر ئۆيلىرىگە قايتىپ كېلىپ، چارچىغانلار ئارام ئالىدۇ، بەزىلەر ئۇرۇق - تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، چاي ئىچىشكەچ سۆھبەتلىشىدۇ، بەزىلەر قۇرئان ئوقۇش ياكى رادىئو ۋە تېلىۋېزىيەلەردى
رامىزان ئېيىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ئېھرام كىيىپ، بەيتۇللاھقا يۈزلىنىدۇ. ئەمما رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىغا ئاز قالغاندا بەزىلەر مەدىنە مۇنەۋۋەرىدىكى مەسجىدى نەبەۋىيغا، بەزىلەر مەككە مۇكەررەمەدىكى مەسجىدى ھەرەمگە كېلىپ، رامىزان ئېيى ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش بىلەن تەقۋالىقىنى كۈچەيتىدۇ.
ئىككى ھەرەم مەسجىدلىرىدە تەراۋىھ نامىزى ئاخىرلىشىپ، خەلقلەر بىر ئاز ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن يەنى كېچە سائەت بىر ئەتراپىدا تەھەججۇد نامىزى باشلىنىدۇ، تەھەججۇد نامىزى ۋىتىر نامىزى بىلەن قوشقاندا ئون بىر رەكەت ئوقۇلىدىغان بولۇپ، بۇ نامازدا كۈنلۈكى بىر پارىدىن ئۈچ پارىغىچە قۇرئان ئوقۇلىدۇ.
خەلقلەر سەدىقە پىتىرلىرىنى رامىزاننىڭ يىگىرمە يەتتىسىدىن، روزا ھېيت نامىزى ئوقۇلغانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا تارقىتىدۇ. سەدىقە پىتىرلەر ئاساسەن نامراتلارغا، مىسكىنلەرگە ۋە ئىقتىسادىدىن ئايرىلىپ قالغان يولۇچى - مۇساپىرلارغا تارقىتىلىدۇ.
ئى ئاللاھ! بىزنى مۇسۇلمانلارنى رامىزان ئېيىنىڭ كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇپ، كېچىلىرى ناماز ئوقۇپ، ئىلگىرى - كېيىنكى بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنغانلاردىن قىلغىن.
ئى ئاللاھ! بىزنى رامىزان ئېيىدا روزا توتۇپ، تولۇق ئەجرىگە ئىرىشكەن، قەدرى كېچىسىنى تاپقان ۋە پەرۋەردىگارنىڭ مۇكاپىتىگە ئېرىشكەنلەردىن قىلغىن.
ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن سەن كەچۈرۈم قىلغۇچىسەن، كەچۈرۈم قىلىشنى ياخشى كۆرىسەن، بىزنى كەچۈرگىن.
ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا
//
<img src="https://d5nxst8fruw4z.clo