ئەبۇ نەزرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "بىز جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا ئىدۇق، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىراق ئەھلىگە ئاشلىق ۋە دىرھەم ئېلىپ كېلىنمەسلىكى يېقىندۇر. بىز: كىملەر تەرەپتىن چەكلىنىدۇ؟، دېدۇق. جابىر: ئۇنى ئەجەملەر چەكلەيدۇ، دېدى. ئاندىن ئۇ مۇنداق دېدى: شام ئەھلىگە دىنار ۋە ئاشلىق ئېلىپ كېلىنمەسلىكى يېقىندۇر. بىز: كىملەر تەرىپىدىن چەكلىنىدۇ؟، دېدۇق. جابىر: رىملىقلار تەرىپىدىن، دېدى. ئۇ بىر ئاز توختىۋالغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۈممىتىمنىڭ ئاخىرىدا مال – دۇنيانى ساناپ ئولتۇرماستىن ئۇچلاپ بېرىدىغان خەلىپە بولىدۇ. مەن ئەبۇ نەزرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇغا: ئۇ خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزمۇ؟،
تارىخى ھەقىقەتلەر
بۇ ھەدىستىن تۆۋەندىكى ھەقىقەتلەرنى چىقىرىشىمىز مۇمكىن بولىدۇ:
1- ئىراق ۋە شام مۇھاسىرىسىدىن ئىبارەت ئىككى ھادىسە زامان ئاخىرىدا سېخى خەلىپىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ۋە ئاخىرقى ئىسلام خەلىپىلىكى تەسىس قىلىنىشتىن ئىلگىرى بولىدۇ.
2- جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شام مۇھاسىرىسىنى زىكرى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ۋە خەلىپىنىڭ خەۋىرىنى زىكرى قىلىشتىن ئىلگىرى بىر ئاز توختىۋالغانلىقى
3- ئەبۇ نەزرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ خەلىپىنىڭ ئۆز زامانىسىدا مال – دۇنيانىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى بىلەن تۇنۇلغان ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بولۇشىنى رەت قىلغانلىقى بۇ ھادىسىلەرنىڭ ئارقىمۇ - ئارقا يۈز بېرىدىغان ھادىسىلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئادىللىق، سېخىلىق ۋە ئۇنىڭ دەۋرىدە مال – دۇنيانىڭ كۆپەيگەنلىكى بىلەن تۇنۇلغان خەلىپە بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ ئالدىدا ئىراق ۋە شام مۇھاسىرىلىرى يۈز بەرمىگەنلىكتىن ئەبۇ نەزرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىستە زىكرى قىلىنغان خەلىپىنىڭ ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بولىشىنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلغان.
4- بۇ ھەدىستىن ئىراق ۋە شام ئەھلىدىن مال بىلەن ئاشلىقنىڭ بىرلا ۋاقىتتا چەكلىنىدىغانلىق
5- جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇھاسىرە ھەققىدىكى "ئىراق ئەھلىگە مال ۋە دىرھەم ئېلىپ كېلىنمەسلىكى يېقىندۇر" دېگەن سۆزى ئىراق ئارمىيىسى كۇۋەيت زېمىنىغا كىرگەندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ئىراق خەلقىگە يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئىمبارگۇغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئىنچىكىلىك بىلەن ئېيتىلغان سۆزدۇر. ئۇنىڭ بۇ سۆزى "مۇھاسىرە" دەپ ئىبارەت كەلتۈرۈشتىن ئىنچىكە ۋە تۇغرىدۇر. چۈنكى مۇھاسىرە شەھەرگە باشقىلارنىڭ كىرىشىنى توسقاندەك، شەھەر ئىچىدىكى خەلقنى شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىشنىمۇ چەكلەشنى تەقەززا قىلىدۇ. لېكىن ئىراقتا يۈز بەرگەن چەكلەش خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىقتىسادىي، تىجارىي ۋە ئەسكىرىي جەھەتلەردىن ئىراقتىن ئالاقىنى ئۈزۈش قارارى ئارقىلىق چەكلەشتۇر. خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر بۇ قارارلارغا بويسۇنۇپ كەلدى لېكىن بۇ قارارغا بويسۇنمىغان دۆلەتلەرنى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى يۇشۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان ئېكسپورت – ئىمپورتلارنى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چەكلەش قارارى بىلەن كۆپلىگەن دۆلەت ۋە خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ ئىراق بىلەن ئېلىم – سېتىم مۇئامىلىلىرىنى ئۈزگەنلىكىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، بۇ چەكلەش تۇلۇق بولمىغان بولدى. چۈنكى چېگرالاردىن قاچاق يوللار بىلەن يۆتكەش ئىشلىرى داۋام قىلىپ كەلدى، ئەينى ۋاقىتتا بەزى دۆلەت ۋە بەزى شىركەتلەر ئىراق بىلەن تىجارەت ۋە ئىقتىسادى ئالاقىلىرىنى ئۈزۈپ كەلدى. مەزكۇر ھەدىستە "ئىراق ئەھلىگە ئاشلىق ۋە دىرھەم ئېلىپ كېلىنمەسلىكى يېقىندۇر " دەپ ئىنچىكىلىك بىلەن ئىبارەت كەلتۈرۈلۈشنىڭ ھېكمىتى شۇ بولسا كېرەك.
مەزكۇر ھەدىستە "ئۇنى ئەجەملەر چەكلەيدۇ" دېيىلدى. ئەمەلىيەتتە بۇ مۇھاسىرە ياكى چەكلەش ئەرەب بولمىغان مىللەتلەر تەرىپىدىن بولدى.
مەزكۇر ھەدىستە شام مۇھاسىرىسى ھەققىدە "شام ئەھلىگە دىنار ۋە ئاشلىق ئېلىپ كېلىنمەسلىكى يېقىندۇر. بىز: كىملەر تەرىپىدىن چەكلىنىدۇ، دېدۇق. جابىر: رىملىقلار تەرىپىدىن.." دېيىلگەن بولۇپ، ئىسلام ئەسەرلىرىدە تارىختىن بىرى رىملىقلاردىن ياۋروپالىقلار كۆزدە تۇتۇلۇپ كەلگەن. بۇ ھەدىستىكى ئىنچىكىلىك بىلەن بېرىلگەن جاۋابتا ئىراق مۇھاسىرىسىدىن كېيىن، شام مۇھاسىرىسىدىن ئىلگىرى ناھايىتى چوڭ بىر ھادىسىنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىغا
بۇنىڭ پەقەت بىرلا تەپسىرى بار، ئۇ بولسىمۇ خەلقئارانىڭ ھازىرقى نىزامىنىڭ مەغلۇپ بولىشىدۇر. ئۇنىڭ مەنىسى شۇكى، يەر يۈزىدە ئۆزلىرىنىڭ قارارلىرىنى قۇرال كۈچى بىلەن خەلق ۋە دۆلەتلەرگە مەجبۇرى تاڭىدىغان خەۋپسىزلىك كېڭىشى ياكى ب د ت ھەيئىتى دېگەنلەر بولمايدۇ. بۇ خەلقئارالىق نوپۇز تۈگەيدۇ ۋە يوقايدۇ، ھەتتا شامدا ياكى شام ئەھلىدىن ياۋروپادىكى رىمنىڭ مەنپەئەت ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەھدىتكە ئۇچرىتىدىغان بىر ئىش ئوتتۇرىغا چىققان ۋاقىتتا، ياۋروپا ياكى رىم تەرىپىدىن مەزكۇر ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان چەكلەش ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
بۇ پەقەت يەھۇدىلار ئۇزۇن يىل نۇرغۇن ھىيلە – مىكىرلارنى ئىشقا سېلىپ تەييارلىغان ھازىرقى خەلقئارالىق يېڭى نىزاملار ئۆرۈلۈپ، ئۇنىڭ بارلىق مۇئەسسەسەلىرى تۈگىگەندىن كېيىن بولىدۇ. ھازىرقى كۈرەشلەرنىڭ يۆلىنىشى ھەم ئۆزگىرىدۇ، پۈتۈن دۇنيا بىلەن بوزەك قىلىنىۋاتقان مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا بولۇۋاتقان كۈرەش ئىسلام دۇنياسى بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشكە ئايلىنىدۇ. بۇ كۈرەشنىڭ مۇقەددىمىسى ياۋروپا بىلەن شام ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇپۇقتا يەر يۈزىدىكى ئىككى چوڭ كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشكە تارتىپ بارىدىغان يېڭى دۇنيا سۈرىتىنىڭ ئىشارەتلىرى ئاشكارە بولماقتا. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى ياۋروپا بىلەن مەھدى يېتەكچىلىكىدىكى
تەرجىمە قىلغۇچى: ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.
مەنبە: دوكتۇر مۇستاپا مۇتەۋەللىنىڭ "قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شېرىف مۆجىزىلىرى ھەققىدە ئالتۇن ئېنسىكلوپىدىيە" دېگەن كىتابى.