10- ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: مەندىن كېيىن شەخسىيەتچىلىك ۋە سىلە يامان كۆرىدىغان بىر مۇنچە ئىشلار مەيدانغا كىلىدۇ دېدى ، بىز : ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ! ئۇ چاغدا بىزنى نىمىگە بۇيرۇيلا ؟! دېدۇق ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : سىلەر ئۈستىڭلاردىكى ھەقنى ئادا قىلىڭلار ،سىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن ياردەم سوراڭلار . -دېدى . بۇخاري ۋە مۇسلىم .