8- ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:سىلەردىن بېرىڭلار ئۆزىگە يەتكەن يامانلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈمنى ئۈمۈد قىلمىسۇن ، ئەگەر شۇنداق قىلىشتىن باشقا چارە بولمىسا ، ئۇ ئادەم : ئى ئاللاھ ! ئەگەر ھايات ياخشى بولسا ،مېنى ھايات قالدۇرغىن ، ئەگەر ماڭا ئۆلۈم ياخشى بولسا مېنى ۋاپات تاپقۇزغىن ،دېسۇن ! . بۇخاري ۋە مۇسلىم