ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: (بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر) . (سەن ئۆزەڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە (يەنى ئەجىلىڭ يەتكەنگە) قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا
1/95 - ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇددىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كىمكى مېنىڭ دوستۇمغا دۈشمەنلىك قىلىدىكەن، مەن ئۇنىڭغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىمەن. بەندەمنىڭ ماڭا مەن پەرز قىلغان ئەمەل ئارقىلىق يېقىنلىق ئىزدىگىنى، مەن ئۈچۈن باشقا ھەر قانداق ئەمەللەر ئارقىلىق يېقىنلىق ئىزدىگەندىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر. بەندەم بۇيرۇلغان پەرز ئەمەللەردىن سىرت ماڭا نەپلە ئەمەللەر بىلەن داۋاملىق يېقىنلىشىدۇ. ھەتتا مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىمەن. قاچانكى مەن ئۇنى ياخشى كۆرسەم ئۇنىڭغا ئاڭلايدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قولى ۋە ماڭىدىغان پۇتى بولۇپ بېرىمەن (دېمەك ھەر بىر ئەزالىرىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمەن). ئەگەر مەندىن نېمىنى سورىسا شۇنى بېرىمەن. ئەگەر مەندىن پاناھلىق تەلەپ قىلسا، مەن ئۇنى پاناھىمغا ئالىمەن». [بۇخارىدىن]