رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۈپرىكى بىلەن كېسەللەرنىڭ شىپا تاپقانلىقى
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن
ۋاقىتىدا ئۇ زاتنى بەنى ئىسرائىلغا ھۆججەت قىلىپ كۆرسەتكۈدەك تۇغما كورنى،
بەرەس كېسىلىنى ساقايتىش قاتارلىق نۇرغۇن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتكەنىدى.
  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەينى زاماندا مېنىڭ ئىزنىم بىلەن لايدىن
قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايتتىڭ - دە، ئۇنى پۈۋلىسەڭ ئىزدىن بىلەن
ئۇچىدىغان قۇش بولاتتى، مېنىڭ ئىزنىم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى
ساقايتتىڭ...» (مائىدە سۈرىسى 110- ئايەتنىڭ بىر قىسمى). دېمەك، بۇ
مۆجىزىلەر ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنىڭ كەسكىن دەلىلى ۋە
كۈچلۈك ھۆججىتى بولغانىدى.

  
شۇنىڭغا ئوخشاش ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرىنىڭ سەردارى ۋە ئەڭ ئاخىرقىسى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇ زاتنىڭ قولى ئارقىلىق بەزى ساھابىلەرگە
شىپالىق بېرىش ئارقىلىق ئۇ زاتنى دەلىل ۋە ھۆججەتلەر بىلەن كۈچلەندۈردى.

  
ئۇنىڭ جۈملىسىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەيبەر كۈنى: "بۇ بايراقنى
ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قولى بىلەن شەھەرنى پەتھى قىلىپ بېرىدىغان، ئاللاھ ۋە
رەسۇلنى ياخشى كۆرىدىغان، ئاللاھ ۋە رەسۇلمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان بىر
كىشىگە بېرىمەن" دېگەن سۆزىدۇر. خەلق ئاممىسى بايراق كىمگە بېرىلەركىن،
دېيىشىدۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە ھەر بىر كىشى بايراق بېرىلىدىغان كىشى مەن
بولغىيدىم، دېگەن ئۈمىت بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا
يىغىلىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب
قېنى؟" دەپ سورايدۇ. ئۇلار: ئۇنىڭ كۆزى ئاغرىپ قېلىپ كېلەلمىدى دېگەندە،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئۇنى ئېلىپ كېلىڭلار" دەيدۇ. ھەزرىتى ئەلى
كەلتۈرۈلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ كۆزىگە تۈكۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن
دۇئا قىلىدۇ, شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېسەل بولمىغاندەكلا ساقىيىپ كېتىدۇ،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بايراقنى ئۇنىڭغا بېرىدۇ. (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام
مۇسلىم رىۋايىتى).

  
ئىبنى ماججە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كېلىدۇ: پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ كۆزىگە تۈكۈرۈپ: "ئى ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئىسسىق -
سوغۇقنى كەتكۈزۋەتكىن" دەپ دۇئا قىلىدۇ. ھەزرىتى ئەلى: شۇ كۈندىن بېرى مەن
ئىسسىق - سوغۇقنى تاپمايمەن، دېگەن. ساھابىلەر ھەزرىتى ئەلىنىڭ بەزى
يىللاردا قىشتا يازلىق، يازدا قىشلىق كىيىم كىيىۋالغانلىقىنى كۆرەتتى.
(ئىمام ئەھمەد، ئىبنى ماججە رىۋايىتى).

   ئىمام شەۋكانى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوچۇق مۆجىزىسى بار، دەيدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەيبەردىن قايتىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ
پەيغەمبەرلىكىگ دالالەت قىلىدىغان يەنە بىر مۆجىزە يۈز بېرىدۇ. ئاللاھ
تائالا ئۇ زاتنىڭ تۈپرىكى بىلەن غازاتتا يارىلانغان سەلىمەتە ئىبنى ئەكۋەئ
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا شىپالىق بېرىدۇ.

  
يەزىد ئىبنى ئەبى ئوبەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن سەلىمەتە
ئىبنى ئەكۋەئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پاچىقىدىكى چاراھەت ئىزىنى كۆرۈپ: بۇ
نېمە تارتۇق؟ دەپ سورىغىنىمدا ئۇ: خەيبەر كۈنى يارىلانغان بولۇپ، كىشىلەر:
سەلىمەتە ئىبنى ئەكۋەئ يارىلىنىپتۇ، دېيىشكەندە، مەن پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ يېنىغا كەلسەم، ئۇ زات يارىلانغان يەرگە ئۈچ قېتىم
تۈكۈرۈپ قويغانىدى، شۇنىڭدىن بىرى تا ھازىرغىچە ئاغرىغانلىقىنى بىلمەيمەن،
دەپ جاۋاپ بەرگەن. (ئىمام بۇخارى رىۋايىتى).

  
پاچىقى قانغا بويۇلۇپ كەتكەن سەلىمەتە ئىبنى ئەكۋەئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۈپرىكىنىڭ بەرىكىتى بىلەن ئاغرىق ھېس
قىلمىغانلىقىنى كۆرگەن جامائەت ئۈچۈن بۇ كاتتا مۆجىزىنىڭ ئالدىدا پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە شاھىد بولۇشتىن باشقا يول يوق
ئىدى. چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ قۇدرىتىدىن يىراق بىر ئىشتۇر. شەكسىزكى بۇ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىللىرىدىن بىر دەلىلدۇر.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەللام ئىبنى ئەبۇلھۇقەيقنى يامان ھەرىكەتتىن
تۇسۇش ئۈچۈن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇتەيكنى ئەنسارىلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر
بىلەن ئەۋەتىدۇ. قايتىش ۋاقتىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇتەيكنىڭ پاچىقى سۇنۇپ
كېتىپ، ئۇنى سەللىسى بىلەن تېڭىۋالىدۇ. بۇ قىسسىنى ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلايلى،
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پاچىقىم سۇنۇپ كەتكەندىن كېيىن دەرھال پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ يېنىغا كەلدىم، ئۇ زات: "پۇتۇڭىزنى سۇنۇڭ" دېدى. مەن
پۇتۇمنى سۇنسام، سۇنغان يەرنى سىلاپ قۇيىۋىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا ھېچ
ئىش بولمىغاندەك، ھەرگىز ئاغرىق ھېس قىلمىغانىدىم. (ئىمام بۇخارى
رىۋايىتى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ خىل مۇجىزىسى ساھابە كىراملارنىڭ كۆز
ئالدىدا بىر قانچە قېتىم تەكرارلانغانىدى. بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمرۇ ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇنىڭ كېسىلگەن پۇتىغا تۇكۇرۇپ قويغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۇتى
ئۈزىل - كېسىل ساقىيىپ كەتكەنىدى. (ئىبنى ھەببان رىۋايىتى).

  
بۇ تىببىي پەنلەردىن بىر پەنمۇ ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىدىن بىر دەلىل، پارلاق مۇجىزىلىرىدىن بىر مۇجىزىمۇ؟

  
ئىمام ئەھمەد ئۇممۇ جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى
رىۋايەت قىلىدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مىنادا شەيتانغا تاش
ئېتىۋاتقانلىقىى كۆرگەنىدىم... بۇ ۋاقىتتا خەسئەم قەبىلىسىدىن بىر ئايال
ئوغلىنى ئېلىپ كېلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ، بۇ ئوغلۇمنىڭ ئەقلى كېتىپ قالدى،
ئوغلۇم ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويغان بولسىلا، دېگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
"سۇ كەلتۈرۈڭ" دېگەن. سۇ كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن سۇغا تۈكۈرۈپ، دۇئا قىلغان،
ئاندىن:"بېرىڭ، ئوغلىڭىزنى بۇ سۇ بىلەن يۇيۇڭ، ئاللاھ تائالادىن شىپالىق
تىلەڭ" دېگەن.

   
ئۇممۇ جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇ ئايالغا ئوغلۇم
ئۈچۈن بۇ سۇدىن ئازراق بەرگەن بولسىڭىز، دېدىم - دە بارماقلىرىم بىلەن
ئازراق سۇ ئېلىپ ئوغلۇمنىڭ مەڭزىگە سۈركەپ قويدۇم، شۇنىڭ بىلەن ئوغلۇم
ياخشى كىشىلەردىن بولۇپ كەتتى. مەن ھېلىقى ئايال بىلەن كېيىن يەنە
ئوچراشقىنىمدا: ئوغلىڭىز قانداق بولدى؟ دەپ سورىغانىدىم، ئۇ ئايال:
كېسىلىدىن تامامەن ساقىيىپ كەتتى، دەپ جاۋاپ بەرگەن. (ئىمام ئەھمەد
رىۋايىتى).

  
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۈپرىكىنىڭ بەرىكىتى بىلەن خەسئەم
قەبىلىسىغا مەنسۇب بولغان ئايالنىڭ ئوغلىنىڭ شىپا تېپىشى، يەنە بىرى ئۇممۇ
جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئوغلىنىڭ ھىدايەت تېپىشى قاتارلىقلاردىن
ئىبارەت ئىككى مۆجىزە بار.

  
ئۇممۇ جەمىل رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئوغلى مۇھەممەد ئىبنى ھاتەبكە ئۇنىڭ كىچىك
ۋاقىتىدا يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: كىچىك
ۋاقتىڭىزدا بىلىكىڭىزگە قايناۋانقان قازان ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، مەن سىزنى
دەرھال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ،
داداممۇ ئۆزلىرى، ئاناممۇ ئۆزلىرى. ئوغلۇم مۇھەممەد ئىبنى ھاتەبنىڭ
بىلىكىگە قايناۋاتقان قازان ئۆرۈلۈپ كەتتى، دېگەنىدىم. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام بېشىڭىزنى سىلاپ، بىلىكىڭىزگە تۈكۈرۈپ، ئاندىن:
"ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئۇنىڭدىن ئاغرىقنى كەتكۈزۋەتكىن، ئۇنىڭغا
شىپالىق بەرگىن، سەن شىپالىق بەرگۇچىسەن، سېنىڭ شىپالىقىڭدىن باشقا شىپالىق
يوقتۇر، ئۇنىڭ بارلىق كېسەللىرىگە شىپالىق بەرگىن" دەپ دۇئا قىلغان. مەن
سىزنى ئۇ زاتنىڭ يېنىدىن ئېلىپ قوپماستىلا قولىڭىز ساقىيىپ كەتكەن. (ئىمام
ئەھمەد رىۋايىتى).

  
مانا مۇشۇنداق ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق
پەيغەمبەرلىكىنڭ ھۆججىتى قىلىپ، ئۇ زاتنىڭ تۈپرىكىنى نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ
شىپا تېپىشىغا سەۋەب قىلىپ بەرگەن.   ;